تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئىنقىلاب ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلغان دېھقانلار داھىيسى

ۋېي باچۈن:

ئىنقىلاب ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلغان دېھقانلار داھىيسى

ۋېي باچۈننىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ خاۋمىڭ

گۇاڭشىنىڭ خېچى شەھىرى دۇڭلەن ناھىيەسىدىكى ۋېي باچۈننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرغان، نەزەرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغان «با ئاكا» ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئامما دائىم بۇ يەردە قەدىمىنى توختىتىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، گۈل تەقدىم قىلىپ، «با ئاكا»غا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ.

گۇاڭشىدا ۋېي باچۈننىڭ ئىسمىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، كۆپچىلىك ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «با ئاكا» دەپ ئاتايدۇ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ھېسسىياتى دېمەكچى بولغان سۆزى ۋە چىراي ئىپادىسىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ. ۋېي باچۈننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئىنقىلابتا قۇربان بولغان ۋېي باچۈننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئون نەچچە قەبرە تېشى تىكلەنگەن بولۇپ، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان، قەھرىمانلىق، تەسىرلىك ئاشۇ تارىخنى بايان قىلىپ تۇرىدۇ.

«خەلقنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئازادلىققا ئېرىشىشىدىكى توغرا يول ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، ۋېي باچۈن جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ گۇاڭجوۋغا بېرىپ ماركسىزم - لېنىنىزمنى ئىزدەپ، كوممۇنىزم ئېتىقادىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا <گېمىڭ> <جيەنچى> <داۋدى> دەپ ئىسىم قويۇپ، ئىنقىلابنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىشقا قەسەم قىلغان. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئۆمۈچۈك تورىدەك زىچ توقۇغان قوغلاپ تۇتۇش بۇيرۇقى ئالدىدا، ئۇ ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمىغان.» «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» تەن يىڭچىڭ ۋېي باچۈننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدىكى چۈشەندۈرگۈچى. ئارىدىن 100 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ھەر قېتىم «با ئاكا»نىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلىگەندە، ئۇ يەنىلا قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ.

«با ئاكا» ئەينى يىللاردا گۇاڭشى قانۇن - سىياسىي مەكتىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، يۈەن شىكەيگە جازا يۈرۈشى قىلغان دۆلەتنى قوغداش ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، گۈيجوۋ ئارمىيەسىدە سەنموۋ بولغان، گۇاڭجوۋدا «گۇاڭشىنى ئۆزگەرتىش تۇڭجىخۇيى»غا قاتناشقان.

1921 - يىلى 9 - ئايدا، ۋېي باچۈن يۇرتى دۇڭلەن ناھىيەسىگە قايتىپ، دېھقانلار ئىنقىلابىي ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1925 - يىلىنىڭ باشلىرىدا گۇاڭجوۋ دېھقانلار ھەرىكىتى كۇرسىغا كىرىپ ئوقۇغان، كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن دۇڭلەنگە قايتىپ كېلىپ دېھقانلار ھەرىكىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان، دېھقانلار ھەرىكىتى كۇرسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئېچىپ، تايانچلارنى يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلار جەمئىيىتى ۋە دېھقانلار قوراللىق كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلار ھەرىكىتىنى يوۋجياڭ رايونىغىچە كېڭەيتكەن.

1929 - يىلى 8 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭشى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى ۋېي باچۈننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشىنى رەسمىي تەستىقلىغان، ئۇ شۇ جايدا قوراللىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان.

1929 - يىلى 12 - ئايدا، ۋېي باچۈن بەيسې قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، يوۋجياڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 7 - جۈنى 3 - زۇڭدۈيىنىڭ سىلىڭى بولغان. 1930 - يىلى 10 - ئاينىڭ باشلىرىدا، قىزىل ئارمىيە 7 - جۈنىنىڭ ئاساسىي كۈچى بۇيرۇققا بىنائەن شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، يوۋجياڭ ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىدىن ئايرىلغان. شىمالغا يۈرۈش قىلىشتىن ئىلگىرى، قىزىل ئارمىيە 7 - جۈنى خېچى ليۇجيا ئەتراپىغا توپلىنىپ تەرتىپكە سېلىنغان، ئارمىيە ئالدىنقى سەپ كومىتېتى مەركەزنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن نامىغا ئاساسەن، قىزىل ئارمىيە 7 -، 8 - جۈنىنى 19 -، 20 -، 21 -دىن ئىبارەت جەمئىي ئۈچ شى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەنلىكىنى جاكارلىغان. 19 -، 20 - شى شىمالغا يۈرۈش قىلغان، 21 - شى قېپقېلىپ يوۋجياڭ ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىدا كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. ۋېي باچۈن 21 - شىنىڭ شىجاڭى، چېن خۇڭتاۋ شىنىڭ جېڭۋېيسى بولغان. ۋېي باچۈن ئارمىيە ئالدىنقى سەپ كومىتېتىنىڭ قارارىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، دەرھال ئۆزىنىڭ دۇڭلەن، فېڭشەندىن باشلاپ كەلگەن 3 - زۇڭدۈيدىكى 1000دىن ئارتۇق كوماندىر - جەڭچى ئىچىدىكى تېنى ئاجىز، كېسەلچان 80 - 70 جەڭچىنى قالدۇرۇپ قويغاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي قىسىمنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشىغا ئاجرىتىپ بېرىپ، قىلچە ئاغرىنماي، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىنقىلاب پۈتۈن ۋەزىيىتى مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلغان.

قىزىل ئارمىيە 7 - جۈنىنىڭ ئاساسىي كۈچى يوۋجياڭ سوۋېت رايونىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ۋېي باچۈن 100دىن ئارتۇق كىشىنى يېتەكلەپ يوۋجياڭ رايونىدا قېلىپ، ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا پارتىزانلىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئىنقىلاب ئىشلىرى ئۈچۈن، ۋېي باچۈن ئائىلىسىدىكى ئون نەچچە جان دۈشمەن تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىگەن. 1932 - يىلى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سەھەردە، ۋېي باچۈن گۇاڭشى دۇڭلەندىكى شاڭچادۇڭدا خائىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، ئۇ شۇ يىلى 38 ياشتا ئىدى.

دۇڭلەن ناھىيە بازىرىدىكى ۋېي باچۈن خاتىرە سارىيىدا، چۈشەندۈرگۈچى ۋېي باچۈن ئائىلىسىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلاردىن جەمئىي 17 كىشىنىڭ ئىنقىلاب ئۈچۈن قۇربان بولغانلىقىنى، بىرمۇ بىۋاسىتە ئەۋلادىنىڭ قالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان بەزى ساياھەتچىلەر ئىختىيارسىز ياش تۆكتى.

«ۋېي باچۈن جۇاڭزۇ خەلقىنىڭ ياخشى ئوغلى، ئۇ تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىقى ۋە قىممەتلىك ھاياتى بىلەن <ئىنقىلاب قىلىش كۆڭۈللۈك ئىش> دېگەن جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى»، دېدى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن لىن دۇڭتىڭ.

جۇاڭشياڭ قەھرىمانلار مەدەنىيەت باغچىسىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ گاۋشيەن مۇنداق دېدى: ۋېي باچۈن فېئودال باي ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ مۇددىئاسى بويىچە قائىدە - يوسۇندىن چىقماي كىتاب ئوقۇپ ئەمەلدار بولۇپ، ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ، جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىپ، ئەركىن - ئازادە ياشىسا تامامەن بولاتتى. لېكىن ئۇ راھەت - پاراغەتكە بېرىلمەي، مەرتىۋە، بايلىققا مەپتۇن بولماي، كىچىكىدىن تارتىپلا دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى تىكلەپ، ئۆز جىسمى ئارقىلىق سۇ كەلسە سۇدىن، ئوت كەلسە ئوتتىن يانمىدى. ۋېي باچۈن روھىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۇنى «دۆلەتنىڭ غېمىنى يەپ خەلقنى كۆزلەش، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش» دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

خېچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۇڭلەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شيەنچاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، دۇڭلەن ناھىيەسى باچۈن كادىرلار شۆيۈەنىنى ۋېي باچۈننىڭ روھى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شانلىق ئۇلۇغۋار نەتىجىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان مۇھىم بازا قىلىپ، شۆيۈەننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىي بازىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بولۇپمۇ كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ قىزىل بايلىقىدىن تولۇق، جانلىق پايدىلىنىشقا يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي دەرسلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، كۆرۈنۈش ئوقۇتۇشى ۋە نەق مەيدان ئوقۇتۇشى قاتارلىق ئۆزگىچە دەرسخانىلارنى تەسىس قىلدى. ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق، باچۈن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايون خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.