تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جۇڭگو چوقۇم مەدھىيەلەشكە ئەرزىگۈدەك پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ

فاڭ جىمىن:

جۇڭگو چوقۇم مەدھىيەلەشكە ئەرزىگۈدەك پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ

فاڭ جىمىننىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەي شىڭ

«خۇتاڭ، بۇ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قىپقىزىل قېنى تۆكۈلگەن كەنت.» فاڭ جىمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەرگە خۇتاڭ كەنتىنىڭ تارىخىنى تەسىرلىك چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. يەر ئىنقىلابىدىن بۇرۇن، خۇتاڭ كەنتىدە 80دىن ئارتۇق ئائىلە، تەخمىنەن 400 كىشى بار ئىدى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلگىچە ئاران 29 ئائىلە، 90دىن ئارتۇق كىشى قېپقالغان بولۇپ، قېپقالغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېيىپ ئىدى.

خۇتاڭ كەنتى جياڭشى شاڭراۋ شەھىرىنىڭ يىياڭ ناھىيەسىدىكى بىر ئادەتتىكى كەنت، فاڭ جىمىن ئىلگىرى يۇرتىغا يىراقتىن نەزەر سېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر ئەدىب بولمىغانلىقىدىن، كۆز ئالدىدىكى گۈزەللىكنى تەسۋىرلەپ بېرەلمىگەنلىكىدىن خۇرسىنغان؛ ئۇ يەنە، يېزىنىڭ خارابلاشقانلىقى ۋە قاراڭغۇلۇقتا قالغانلىقىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ياشىيالماي قالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن.

«مەن 1899 - يىلى چىگۇڭ بازىرىغا ئىككى چاقىرىمچە كېلىدىغان خۇتاڭ كەنتىدە تۇغۇلغان. مەن كېچىلىرى ئۇزاق، ھەممە يەرنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بۇ جايدا ياشاۋاتىمەن، مەن زۇلۇم ۋە خورلۇقتا ياشاۋاتىمەن؛ مەن چوڭ بولدۇم؛ مەن بارا - بارا بۇ قاراڭغۇ كۈنلەردىن خاتىرجەمسىزلىنىۋاتىمەن؛ مەن يورۇقلۇققا تەشنا؛ مەن يورۇقلۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا باشلىدىم...» بۇ، فاڭ جىمىن قالدۇرۇپ كەتكەن «مېنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىم توغرىسىدا قىسقىچە بايان»دا تەسۋىرلەنگەن يۇرتىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن چاغلىرى توغرىسىدىكى ئەسلىمە.

ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىنى چۈشەنگەندىلا، ئۇنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، قىپقىزىل قەلبىنى چۈشەنگىلى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھايات تاللىشىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

1922 - يىلى فاڭ جىمىن شاڭخەيدە ئوقۇۋاتقان چاغدا فىرانسىيە باغچىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى تاختىغا «جۇڭگولۇقلار ۋە ئىتنىڭ باغچىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەزەلدىن بۇنداق خورلۇققا ئۇچراپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلغان.

«بۇ خەتلەر كۆزۈمگە چېلىققاندا، پۈتۈن بەدىنىم ئوت ئالغاندەك بولۇپ، يۈزۈم چوغدەك قىزىرىپ كەتتى.» ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن قايغۇرغان، لېكىن دۆلەت خانىۋەيران بولۇپ، ناچار ئەھۋالدا قالغان، خەلق نامراتلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ چوقۇم مەدھىيەلەشكە ئەرزىگۈدەك پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدىغانلىقىغا يەنىلا ئىشەنگەن.

بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 1928 - يىلى 1 - ئايدا، فاڭ جىمىن شاۋ شىپىڭ، خۇاڭ داۋ قاتارلىقلار بىلەن بىللە يىخېڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، جياڭشىنىڭ شەرقىي شىمالىدا ئىنقىلابىي تايانچ بازا قۇرۇپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 10 - جۈنىنى تەشكىللەپ قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. فاڭ جىمىن ماركسىزم ئومۇمىي ھەقىقىتىنى جياڭشىنىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇش، ئارمىيە قۇرۇش ۋە قىزىل ھاكىمىيەت قۇرۇشنىڭ بىر يۈرۈش تەجرىبىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ماۋ زېدۇڭ ئۇنى «فاڭ جىمىنچە» تايانچ بازا، دەپ ئاتىغان.

1934 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرى، فاڭ جىمىن بۇيرۇققا بىنائەن قىزىل ئارمىيەنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىن يۈرەر قىسمىنى باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلغان، قىزىل ئارمىيە 10 - جۈنتۇەنى ھەربىي - سىياسىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. شۇ چاغدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى مەركىزىي سوۋېت رايونىدىن ئايرىلغان بولۇپ، قىزىل ئارمىيە 10 - جۈنتۇەنى ئۆزى يالغۇز شىمالغا يۈرۈش قىلسا قاتمۇقات خەۋپ - خەتەرگە ئۇچرايتتى.

ئالدىدىكى يولنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى فاڭ جىمىننىڭ كۆڭلىگە ئايان بولسىمۇ، ئۇ بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى قەتئىيلىك بىلەن ئۈستىگە ئالغان. 1935 - يىلى 1 - ئايدا، قېلىن قار ياغقان خۇەييۈ تېغىدا فاڭ جىمىن بەختكە قارشى قولغا ئېلىنغان، شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۇ جياڭشى نەنچاڭدىكى شياشاۋودا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 36 ياشتا ئىدى.

قىزى فاڭ مېي پەقەت دادىسىنىڭ سۈرىتىنىلا كۆرۈپ چوڭ بولغان، فاڭ جىمىن قۇربان بولغان چاغدا، ئۇ ئاران ئۈچ ياشتا ئىدى.

ئۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاتا - ئانىسى ئۇنى جياڭشىدىكى بىر پۇقرا ئائىلىسىگە بېقىشقا بەرگەن. فاڭ جىمىن قىزى بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن چاغدا، ئىككى ياشلىق فاڭ مېينى قۇچاقلاپ يېنىش - يېنىشلاپ سۆيۈپ كەتكەن. شۇ ئايرىلىش مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىش بولۇپ قالغان.

ئارىدىن 80 نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بىر ئاتىنىڭ قىيالماسلىقىنى يەنىلا ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

فاڭ جىمىننى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىدىن ئايرىلىشقا نېمە مەجبۇر قىلدى؟

«كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى − بۇ ئىنتايىن ھۆرمەتكە سازاۋەر نام، مەن كوممۇنىستىك پارتىيەگە كىردىم، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولدۇم، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن! شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەن بارلىقىمنى، ھەتتا ھاياتىمنىمۇ پارتىيەگە تاپشۇردۇم» فاڭ جىمىن چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن پارتىيەگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتتى.

فاڭ مېينىڭ 21 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، ئاپىسى مياۋ مىن ئۇنىڭغا «كېچىككەن» قۇرامىغا يېتىش سوۋغىسى − «سۆيۈملۈك جۇڭگو» ناملىق كىتابنى سوۋغا قىلدى.

«شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەن <ۋەتەن>نىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم − ۋەتەن، بىزنى بېقىپ ئۆستۈرگەن، دادامغا ئوخشاش مىليونلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ھاياتى بەدىلىگە قوغداشقا ئەرزىيدىغان ئانا!» بۈگۈنكى كۈندە، فاڭ مېي 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالدى.

فاڭ جىمىن قۇربان بولۇپ 80 نەچچە يىل ئۆتتى، ھازىر ئۇنىڭ يۇرتى بولغان خۇتاڭ كەنتىدە زور ئۆزگىرىشلەر، زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى.

«خۇتاڭ كەنتىدىكى ئەجدادلار پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، بىزنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەش مەجبۇرىيىتىمىز بار.» چىگۇڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2016 - يىلىدىن بۇيان، جياڭشىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر 60 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ خۇتاڭ كەنتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى، كەنتتىكى ئازادە ئاسفالت يول، ئاق تام، قارا كاھىشلىق ئاھالىلەر ئولتۇراق ئۆيلىرىدىن ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان كىچىك مەيدان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان تۈرلۈك كەسىپلەرگىچە، خۇتاڭ كەنتىنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى.

فاڭ جىمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ئالدىدا فاڭ جىمىننىڭ ئارغىماققا مىنىپ تۇرغان مىس ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ قەتئىيلىككە تولغان نەزەرى بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ يىراققا نەزەر سالغان بولۇپ، ئالدى تەرەپ ئوت يالقۇنىغا تولغان جەڭ مەيدانى بولماستىن، بەلكى ئۇ ئىزچىل تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان سۆيۈملۈك جۇڭگو ئىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.