تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

​كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن قىزىل ئارمىيە قوماندانى

خۇاڭ گۇڭلۆ:

​كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن قىزىل ئارمىيە قوماندانى

خۇاڭ گۇڭلۆنىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۇەي سەي

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭشياڭ شەھىرى جۇڭشا بازىرىدا خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق بىر ئاددىي پۇقراۋى تۇرالغۇ بار بولۇپ، بۇ يەرنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، قارىغاي - ئارچىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك. بۇ، قىزىل ئارمىيەنىڭ مەشھۇر قوماندانى خۇاڭ گۇڭلۆنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، ھەر يىلى نۇرغۇن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن بۇ يەرگە كېلىپ، خۇاڭ گۇڭلۆنى ياد ئېتىپ، ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ.

خۇاڭ گۇڭلۆ 1898 - يىلى خۇنەننىڭ شياڭشياڭدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1916 - يىلى خۇنەن ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، پەيجاڭ، ليەنجاڭ بولغان. 1926 - يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ۋۇچاڭ شەھىرىنى ئىشغال قىلىش قاتارلىق جەڭلەردە خىزمەت كۆرسەتكەن. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1927 - يىلى گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

1928 - يىلى 7 - ئايدا، خۇاڭ گۇڭلۆ پېڭ دېخۇەي قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىرلىكتە پىڭجياڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 5 - جۈن 13 - شى 4 - تۇەنىنىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولغان، كېيىن قىزىل 5 - جۈن 2 - زۇڭدۈينىڭ زۇڭدۈيجاڭى بولغان. شۇ يىلى 11 - ئايدا قىزىل 5 - جۈننىڭ ئاساسىي كۈچى جىڭگاڭشەنگە ئاتلانغاندىن كېيىن، ئۇ قىسىمنى باشلاپ پىڭجياڭ، ليۇياڭ ئەتراپىدا قېلىپ ئاممىنى قوزغاپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، خۇنەن - خۇبېي - جياڭشى سوۋېت رايونىنى قۇرغان.

1929 - يىلى 9 - ئايدا خۇاڭ گۇڭلۆ قىزىل 5 - جۈننىڭ مۇئاۋىن جۈنجاڭى بولۇپ، قىزىل 5 - جۈننىڭ شىمالدا خۇبېينىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىنى ئېچىش، جەنۇبتا خۇنەن - جياڭشى سوۋېت رايونى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئۇرۇش ھەرىكىتىنى تۈزۈش ۋە قوماندانلىق قىلىشقا قاتنىشىپ، خۇنەن - خۇبېي - جياڭشى سوۋېت رايونىنى كېڭەيتكەن.

1930 - يىلى 1 - ئايدا، خۇاڭ گۇڭلۆ قىزىل 6 - جۈننىڭ جۈنجاڭى بولۇپ يۆتكىلىپ، قىسىمنى باشلاپ جياڭشىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رايونلاردا جاپالىق جەڭ قىلىپ، ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، تارقاق پارتىزانلار رايونلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ چوڭ ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا ئايلاندۇرغان. 7 - ئايدا قىزىل 1 - جۈنتۇەن 3 - جۈنىنىڭ جۈنجاڭى بولغان.

1930 - يىلى 8 - ئايدا، خۇنەن ليۇياڭ ۋېنجيا شەھىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، قىزىل 3 - جۈنگە قوماندانلىق قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ تۇەنى، يەنە بىر يىڭىنى يوقىتىپ، قىزىل 1 - جۈنتۇەن قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. كېيىن، لى لىڭ جېڭى، جىئەنگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، قىزىل 3 - جۈن مۇھىم، زور رول ئوينىغان. ئەينى چاغدا خۇاڭ گۇڭلۆ قالتىس ھەربىي تالانتى ۋە ئىنقىلابقا بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىكى ئارقىلىق سوۋېت رايونىدىكى ئارمىيە ۋە خەلق ئارىسىدا يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە بولغان، جۇ دې، ماۋ زېدۇڭ، پېڭ دېخۇەيلەر بىلەن بىللە «جۇ، ماۋ، پېڭ، خۇاڭ» دەپ ئاتالغان.

مەركىزىي سوۋېت رايونىدا 1 - قېتىملىقتىن 3 - قېتىملىققىچە بولغان «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى ئۇرۇشتا، خۇاڭ گۇڭلۆ دۈشمەننى ئىچكىرىلەپ كىرىشكە قايمۇقتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، قىزىل 3 - جۈنىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىپ، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. لۇڭگاڭ جېڭىدە گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ 18 - شىسىنىڭ ئۇدا ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن، فۇتيەن جېڭىدە دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ 28 - شىسى قاتارلىق قىسىملىرىنى يوقاتقان، لاۋيىڭپەن جېڭىدە دۈشمەن ئارمىيەسى 9 - شىسىنىڭ مۇستەقىل لۈسىنى يوقاتقان.

1931 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، خۇاڭ گۇڭلۆ قىسىمنى باشلاپ فاڭشىلىڭ قوغلاپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ يۆتكىلىش داۋامىدا، جىئەننىڭ دۇڭگۇ يېزىسى ليۇدۇئاۋ دېگەن يېرىدە دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بەختكە قارشى ئوق تېگىپ 33 يېشىدا قۇربان بولغان. خۇاڭ گۇڭلۆنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى مەركىزىي سوۋېت رايونىدا گۇڭلۆ ناھىيەسىنى تەسىس قىلىش، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 2 - پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپىگە گۇڭلۆ پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپى دەپ نام بېرىشنى قارار قىلغان.

ماۋ زېدۇڭ ئۆزىنىڭ مەشھۇر شېئىرى «ديېليەنخۇا. تىڭجوۋدىن چاڭشاغا»دە مۇنداق دەپ يازغان: «ئەنە گەنجياڭدا بىر بۇرجەك قىزىل نۇرلارغا قاپلاندى، تۇرۇپ يان ياقتا خۇاڭ گۇڭلۆ ئاجايىپ تۆھپىلەر قاتتى.» بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قىزىل ئارمىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن قوماندانى، ھەربىي ئالىم خۇاڭ گۇڭلۆگە ئىشەنگەنلىكى ۋە ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

شياڭتەن شەھىرىدىكى يەرلىك تەزكىرە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىم خې گېجىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «خۇاڭ گۇڭلۆ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلغان، ئۇ ئىنقىلاب ئىشلىرى ئۈچۈن جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن، ئەمما ئۇ قىران چېغىدا بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ھاياتى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن خالىس ئۆزىنى بېغىشلىغان ھايات، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلەردە نامايان قىلغان پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ جاسارىتى ۋە ئىنقىلابىي روھى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇپ، شياڭتەن خەلقىنىڭ قېنىغا چوڭقۇر سىڭىپ، قىزىل تۇپراقنىڭ ئۇزاق تارىخى، مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.