تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

​جىڭگاڭشەندىكى باتۇر سەركەردە

ۋاڭ ئېرجو:​

جىڭگاڭشەندىكى باتۇر سەركەردە

ۋاڭ ئېرجونىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋاڭمىن

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىمېن ناھىيەسى موشى بازىرى ۋاڭ گۇەنچياۋ كەنتىگە جايلاشقان ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ ئېرجونىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى شۇ جايدىكى مۇھىم ئىنقىلابىي يادىكارلىق بولۇپ، 2019 - يىلى رېمونت قىلىنىپ يېڭىلاندى. ئەسلىي تۇرالغۇ ئىچىدە ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ ئېرجونىڭ ھەيكىلى ھەيۋەتلىك، تىمتاس قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ يىل پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كىشىلەر ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ ئېرجونىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگەندى.

ۋاڭ ئېرجو، 1903 - يىلى تۇغۇلغان، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىمېن ناھىيەسىدىن. 1920 - يىلى چاڭشا ئۆلكىلىك جياجۇڭ سانائەت مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، تەرەققىيپەرۋەر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1924 - يىلى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ 1 - قارارىغا ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇشقا كىرگەن، شۇ يىلى كۈزدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئوقۇغۇچىلار ئەترىتى تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، گۇاڭجوۋدىكى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى توپىلىڭىنى تىنچىتىش ۋە مىلىتارىست چېن جيۇڭمىڭغا قارشى جازا يۈرۈش قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى قېتىملىق شەرققە يۈرۈش قىلىشقا قاتناشقان. 1926 - يىلى خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنىڭ 3 - شىسىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، شەرقىي يول ئاۋانگارت قوشۇنىنىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولۇپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنىڭ 3 - جۈن 26 - تۇەنىنىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولغان. 1927 - يىلى خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 4 - جۈن 25 - شى 74 - تۇەنىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان. شۇ يىلى 8 - ئايدا، بۇ تۇەننىڭ ئېغىر پىلىمۇتچىلار ليەنىنى باشلاپ نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. قوزغىلاڭدىن كېيىن 74 - تۇەننىڭ تۇەنجاڭى بولۇپ، قىسىم بىلەن بىللە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ گۇاڭدۇڭغا بارغان. 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ئارمىيەنىڭ قېپقالغان قىسمى بىر زۇڭدۇي بولۇپ تەشكىللەنگەن، ۋاڭ ئېرجو سەنمۇجاڭ بولۇپ، جۇ دې، چېن يى قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى قىسىم بىلەن فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى، خۇنەن ئەتراپلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، قوراللىق كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. 1928 - يىلى 1 - ئايدا غەربىي خۇنەن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەم ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 1 - شىسىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان.

1928 - يىلى 4 - ئايدا، جۇ دې بىلەن ماۋ زېدۇڭ قىسمى جىڭگاڭشەندە ئۇچراشقاندىن كېيىن، ۋاڭ ئېرجو جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 4 - جۈنىنىڭ سەنمۇجاڭى، قوشۇمچە 28 - تۇەننىڭ تۇەنجاڭى بولغان. ئۇ ماۋ زېدۇڭ، جۇ دېغا ياردەملىشىپ، قىزىل 4 - جۈنگە قوماندانلىق قىلىپ ۋۇدوۋجياڭ، ساۋشىئاۋ، لۇڭيۈەنكوۋ قاتارلىق جايلاردىكى جەڭدە غەلىبە قىلىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسى قوزغىغان 2 -، 3 -، 4 - قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك «ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىش»نى تارمار قىلغان. ۋاڭ ئېرجو 28 - تۇەننى باشلاپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، پۈتۈن جىڭگاڭشەندىكى بىر باتۇر سەركەردىگە ئايلىنىپ، جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان. شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جياڭشىنىڭ چۇڭيى سىشۈنشۈيدە خائىنلارغا قوغلاپ زەربە بېرىشتە باتۇرلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 25 ياشتا ئىدى.

ۋاڭ ئېرجو ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ماتەم مۇراسىمىدا ماۋ زېدۇڭ، جۇ دې ئۇنىڭ ئىنقىلابقا قوشقان تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەرگەن. مۇراسىم مەيدانىغا ماۋ زېدۇڭ كوپىيەسىنى تەييارلىغان، چېن يى يازغان تەزىيەنامە ئېسىلغانىدى: «ئېرجو ئۈچۈن قايغۇرىمىز، ئېرجو ئۈچۈن ھەسرەت چېكىمىز، بىمەھەل كەتتى بۈگۈن ئېرجو! ئۇ قالدۇرغان ئېغىر ۋەزىپىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ سىنىپ ئۈچۈن ياشىدىڭ، سىنىپ ئۈچۈن قۇربان بولدۇڭ، سىنىپنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار؟ غەلىبە قىلمىغۇچە بولدى قىلمايمىز ئەسلا!»

2009 - يىلى، ۋاڭ ئېرجو «يېڭى جۇڭگو قۇرۇشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 100 قەھرىمان نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ باھالاندى.

«ۋاڭ ئېرجو شىمېن كونا رايونىدىن چىققان داڭلىق ئىنقىلابىي قۇربان، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر قوماندانى. ئۇ قىسقا ئەمما شانلىق ھاياتى بىلەن، كوممۇنىستلارنىڭ ئىرادىدىن قايتمايدىغان ئېتىقاد ئىنتىلىشى، باتۇر، قەيسەر كۈرەش قىلىش روھى، قۇربان بولۇشتىن قورقمايدىغان ئىنقىلابىي مەردانىلىكىنى جانلىق شەرھلىدى» دېدى شىمېن ناھىيەلىك پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ كۇاڭبياۋ.

شىمېن ناھىيەسى خۇنەن بىلەن خۇبېي تۇتىشىدىغان جايغا، ۋۇلىڭ تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي شىمالى ئۇچىغا جايلاشقان، يەر شەكلى خەتەرلىك، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇپ، ۋۇلىڭ تېغىدىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايون، ناھىيە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، شىمېن ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، ئىلگىرىكى «نامرات تاغ ئۆڭكۈرى»دە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئەنشياڭ - سىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىمېندىن سىلىغىچە بولغان بۆلىكى پۈتۈپ سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىنىپ ئىشلىتىلىشكە ئەگىشىپ، شىمېن ناھىيەسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ داغدام يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.