تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

گۈزەل شىنجاڭ بارغانسېرى رەڭدار تۈسكە كىردى

​−ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۆزىتىش (1)

باش ياز مەزگىلىدە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ شوتا مەنزىرە رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلدى (5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تارتىلغان). □ لى ۋېنۋۇ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

«مېنىڭچە سىلەرمۇ قوشۇلىسىلەر، قەشقەردە نۇرغۇن چۈشەنچە ھاسىل قىلالايسىلەر!» «يېشىل كۆز Andy» دەپ ئاتالغان يېڭى زېلاندىيەلىك بىلوگ ئىگىسى ئەن بورەن «1 - ماي» مەزگىلىدە جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە «سەيلە قىلىش، غىزالىنىش» بىلەن بىللە Vlog ئېلان قىلىپ، «قىزىقارلىق» «ئەرزىيدىغان» تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، تورداشلارغا شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىش تەكلىپىنى بەردى.

شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنىڭ مول، كۆپ خىل بولۇشى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشتىكى مۇھىم سەۋەب. «ئېسىل لىنىيە ئېچىش، ساياھەت مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك كۈچەش ئارقىلىق، شىنجاڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بايلىقنى يۇقىرى دەرىجىلىك ساياھەت تەسىراتىغا ئايلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان قىلىشقا تىرىشماقتا» دېدى يېقىندا مافېڭۋو ساياھەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى فېڭ راۋ.

گۈزەل مەنزىرىلەردىكى ھەرقانداق ساياھەت كۆڭۈللۈك بولىدۇ

«بىز بۇ قېتىم ئۆزىمىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلدۇق، جەنۇبىي شىنجاڭدا تاشقورغان - يەكەن قەدىمىي يولىغا باردۇق، شىمالىي شىنجاڭدا S101 لىنىيەسىنى تاللىدۇق. يول بويىدىكى مەنزىرىلەرنى پەقەت <قەلبنى لەرزىگە سېلىش> دېگەن سۆز بىلەنلا تەسۋىرلىگىلى بولىدىكەن.» 5 - ئاينىڭ بېشىدا، شېنجېنلىق ساياھەتچى لى سۇڭمىڭ دوستى بىلەن ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپلا، بىرىنچى قىلغان ئىشى دالا ئاپتوموبىلى ئىجارىگە ئېلىش بولدى. S101 لىنىيەسى چىسەيشەن تېغى، 100 چاقىرىملىق دەنشيا، لۇجياۋۋەن قاتارلىق مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سۈرەتكە تارتىش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىپ پىيادە مېڭىش، رەسىم سىزىش - ناتۇرا سىزىشقا ئىنتايىن ماس كېلەتتى.«ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشتىكى مۇھىم شەكىلگە ئايلاندى، يولنى لىنىيە قىلىپ لىنىيە بويىدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ.» شيېچېڭ گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، خۇاشى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ گوچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 3 - ئايدىن بۇيان، توردا «شىنجاڭدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش»نى سۈرۈشتۈرگەنلەرنىڭ سانى سىجىل ئاشتى. شىنجاڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما شۈ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز پات ئارىدا باشلىنىدىغان G219 لىنىيەسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى تەشكىللەشكە جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

پەقەت يول بويىدىكى مەنزىرىلەر ئادەمنى يېتەرلىك جەلپ قىلالىسا، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى ئاندىن ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. «شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، يەر شەكلى كۆپ خىل، ساياھەت بايلىقى مول، نەگىلا بارسا كۆڭۈللۈك ئوينىغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاپتوموبىل ھەيدىگەچ مەنزىرە تاماشا قىلىش ئىنتايىن بەختلىك بىر ئىش.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ چۇنمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ ساياھەت بايلىقىنى تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمىدىكى بارلىق سەككىز ئاساسلىق تۈر، 31 ئىككىنچى تۈرىنىڭ %96.7ى بار؛ 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 16سى بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ؛ 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 109ى بار، يەتتە جاي دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، بىر جاي دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

يېڭى مەنىگە ئىگە ياخشى بايلىقلارنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدۇ

«ھەم تارىخىي مەدەنىيەتنى چۈشەنگىلى، ھەم مىللىي ئۆرپ - ئادەت، ناخشا - ئۇسسۇللارنى كۆرگىلى بولىدىكەن، بىز يېرىم كۈن ئويناپمۇ قانمىدۇق.» ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى لى جۈەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قەشقەر شەھىرىدىكى ئىپارخان قەبرىستانلىقى مەنزىرە رايونىغا ئوينىغىلى باردى، يول بويى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇنىنى كۆردى، «ئىپارخاننىڭ ئۆيى» مىللىي ئۆرپ - ئادەت توي مۇراسىمىنى ھېس قىلدى، مىسكەرچىلەر كونا بازىرىنى ئايلاندى... مول بولغان مۇساپە ئۇنى پۇخادىن چىقاردى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ خۇي مۇنداق دېدى: «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ئىپارخان قەبرىستانلىقى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا تايىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەنزىرە ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، قەشقەر ھازىر بار بولغان ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر ئېچىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرنى ھەر قېتىم كەلگەندە يېپيېڭى تۇيغۇغا ئىگە قىلماقتا».

بارغانسېرى نامى چىقىۋاتقان «ئاقسۇ كونا كوچىسى» جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەنە بىر چوقۇم ساياھەت قىلىدىغان جاي، بۇ جايدا يەنە يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت، خاس مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى ھېس قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى خاس پۇقراۋى قونالغۇ تۈرى. ئىلگىرىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى پۇقراۋى قونالغۇ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، سەنئەت ئىشخانىسى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيى قاتارلىقلار بۇ جايغا ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مال ئەۋرىشكىلىرى ياكى تەشۋىقات رەسىملىرى تىزىپ قويۇلىدىغان ئەينەكلىك جازىدا ساپال بۇيۇملار، ياغاچ جابدۇق ياساش سايمانلىرى، دوپپا قاتارلىق ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. قويۇق ئۈجمە دەرىخى ئاستىدا، ساياھەتچىلەر بىردەم مېڭىپ، بىردەم توختاپ، ھامان ئۆزلىرى قىزىقىدىغان جاينى تاپالايدۇ.

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى مەۋقەنى خاس بايلىققا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى چۆرىدەپ، تەمىنات تەرەپلىك ۋە ئېھتىياج تەرەپلىك ئىككى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى. شىنجاڭ بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى ئالدىن تاللايدىغان مەنزىلگاھقا ئايلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، شىنجاڭ 42 مىليون 314 مىڭ 600 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 33 مىليارد 935 مىليون يۈەن بولدى.

كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى

يېڭىلا 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىنغان سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىغا كۆل، سۇلۇق يەر، ئوتلاق، ئورمان، قارلىق تاغ، مۇزلۇق قاتارلىق ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە مەنزىرىلىرى بىر گەۋدە قىلىنغان. «3 - ئايدىن باشلاپ ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ %60ى ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن ساياھەتچى.» سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ شياۋشيەن مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونى يول، ھاجەتخانا، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، «قونۇش» ۋە «كۆڭۈل ئېچىش» ئاجىز نۇقتىسىغا قارىتا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

«مەنزىرە رايونىنى ئېچىش كېيىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئېچىش، قۇرۇش جەريانىدا، بىز داڭلىق مېھمانساراي باشقۇرۇش كارخانىلىرىنى كىرىپ ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدۇق، باشلىنىش نۇقتىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولدى. بىز مەنزىرە رايونى كۈتۈۋېلىش كارىۋات سانىنى 1000دىن 4000غا ئۆستۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ، بىر كۈنلۈك ساياھەتنى قونىدىغان ساياھەتكە ئۆزگەرتىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى ليۇ شياۋشيەن.

ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىشنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار بارلىق ئاماللار بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىنى ساياھەت كەسپىنى ئېچىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى.

5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى سەنيا شەھىرىدە ئالىي مېھمانساراي مەخسۇس سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نيې پىڭ مۇنداق دېدى: «ياتاق ۋە كۈتۈۋېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتا، بىز ئالىي دەرىجىلىك، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنى جەلپ قىلىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت مەنزىلگاھى قۇرۇشىغا پۇختا ئاساس سالىمىز».

2020 - يىلى شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تۈرىگە جەمئىي 28 مىليارد 874 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 104 مىليارد 208 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان 300 مۇھىم، زور مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش تۈرىنى رەتلەپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.