تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (13)

1957-يىلى

4 - ئايدا  شىنجاڭ بەش يىل داۋاملاشقان يېزا ئىگىلىكىنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى.

9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 1957 - يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئالىي دەرىجىلىك زىيالىيلار ئارىسىدىن يەنە بىر تۈركۈم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالىي دەرىجىلىك زىيالىيلار ئارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىنى ئۈچتىن بىر قىسىم ئەتراپىغا يەتكۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

10 - ئاينىڭ ئاخىرى  بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شىلاردىن 20 مىڭ كىشى ئاجرىتىپ تارىمنى ئېچىشقا ياردەم بېرىپ، تارىمغا يۈرۈش قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

10 - ئايدا  شىنجاڭ ئۈچ يىل داۋاملاشقان چارۋىچىلىقنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى.

12 - ئايدا  شىنجاڭ تۆت يېرىم يىل داۋاملاشقان قول سانائىتىنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى.

1957 - يىلىنىڭ ئاخىرى  ئاپتونوم رايون 1 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تولۇق ھەم ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەت - مائارىپ تەرەققىياتىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

1958-يىلى

1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى جىسمانىي ئەمگەككە قاتناشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتى بىرلىكتە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئورگان كادىرلىرىنى يېزىلارغا چۈشۈپ ئەمگەك بىلەن چېنىقىشقا تەنتەنىلىك ئۇزاتتى. «شىنجاڭ گېزىتى»دە «ئۈمىد ۋە ئارزۇ» دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «نەزەرىيە قوشۇنىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يوليورۇق»نى تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتلىرىدىن نەزەرىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى  گوۋۇيۈەننىڭ 77 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا قاراماي شەھىرىنى تەسىس قىلىش تەستىقلاندى.

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى شىنجاڭ شۆيۈەنىنى كېڭەيتىپ ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك داشۆ − شىنجاڭ داشۆ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ھەم ئۇنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى  ماۋ زېدۇڭ بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئۇيغۇر دېھقان قۇربان تۇلۇمنى قوبۇل قىلدى.

8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «ياشلارنى چېگرا رايونلارغا ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا بېرىپ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش توغرىسىدىكى قارار»نى چىقاردى. خۇنەن، خۇبېي، شەندۇڭ، ئەنخۇي، جياڭسۇ، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى زور تۈركۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش يولداشلار ئائىلىسى بويىچە غەربكە كۆچۈپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى.

8 - ئايدا  بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقى شىنجاڭ تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش داشۆسى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە  مۇئاۋىن رەئىس جۇ دې شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

□ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

□ سۈرەتلەرنى رەتلىگۈچى\لايىھەلىگۈچى لياڭ ۋېي

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.