تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خادىملىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى

دۇ يىنۋا:

​شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خادىملىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە (7)

ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى (ئەسلىدىكى دىخۇا ئېلېكتىر ئىستانسىسى) تىرانسفورموتور پونكىتىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى.

دۇ يىنۋا. □ سۈرەتنى شىنجاڭ خۇاديەن ۋېيخۇلياڭ يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن

«ۋەتەننىڭ قەيەرى ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولسا، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن قوماندانلىققا بويسۇنۇپ شۇ يەرگە بارىمەن». − دۇ يىنۋا

شەخس ئارخىپى

دۇ يىنۋا، 1932 - يىلى گەنسۇنىڭ ۋۇشەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1949 - يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتناشقان، 1950 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1952 - يىلى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ئەسلىدىكى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىغا كەلگەن، 1953 - يىلى دىخۇا ئېلېكتىر ئىستانسىسى(ھازىرقى شىنجاڭ خۇاديەن ۋېيخۇلياڭ يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى)غا يۆتكەلگەن، پار قازان شۆبە مەيدانى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، زاۋۇت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىللەردە، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1959 - يىلى، 1960 - يىلى، 1961 - يىلى، 1964 - يىلى، 1966 - يىلى، 1977 - يىلى شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئىلغار ئىشلەپچىقارغۇچى دېگەن نامغا ئېرىشكەن، 2012 - يىلى، دۇ يىنۋا كېسەل سەۋەبىدىن 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ خۇاديەن ۋېيخۇلياڭ يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت تارىخى سارىيىدا بۇ شىركەتنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى لى ۋېن «پولات ئومۇرتقا» بۆلىكىگە تىزىلغان 1 - ئورۇندىكى سۈرەتنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مانا بۇ دۇ يىنۋا، ئۇ بىزنىڭ زاۋۇتنىڭ پەخرى بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خادىملىرىنىڭ ۋەكىلى».

سۈرەتتىكى دۇ يىنۋانىڭ كىيىمىدىكى سول مەيدە قىسمىغا مېداللار لىق تاقالغان بولۇپ، كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم مەملىكەتلىك ئىلغار ئىشلەپچىقارغۇچى دېگەن نامغا ئېرىشكەن شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خادىمىنىڭ بۇ شانلىق ئوبرازى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارىخىدا مەڭگۈ ئۈچمەيدۇ.

ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكىلەرنىڭ 2 - ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لى ۋېن دۇ يىنۋانى پىششىق بىلەتتى. ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدە دۇ يىنۋا تىپىك كومپارتىيە ئەزاسى، جۇڭگو ئىشچىسى ئىدى. «دۇ ئاقساقال گەپكە ماھىر ئەمەس ئىدى، ئۇ شۇنچە كۆپ شەرەپكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەزەلدىن ماختىنىپ باقمىدى، بىز، نۇرغۇن ياش ئۇنىڭ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاشتەك روھىنىلا بىلىدىكەنمىز. ھەتتا بەزى شەرەپلىرىنى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ قالدۇرغان مېداللىرىنى كۆرۈپ ئاندىن بىلدۇق، ئەسلىدە ئۇ شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ساھەسى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقان ئىكەن» دېدى لى ۋېن ھاياجانلانغان ھالدا.

لى ۋېننىڭ بايانىغا ئەگىشىپ، پارچە - پارچە كونا سۈرەتلەر مۇخبىرنى 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى دۇ يىنۋا شىنجاڭنىڭ 1 - ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقاندىكى مەنزىرىگە باشلىدى.

قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا شۇ يەرگە بېرىش

ئەينى يىلى، دۇ يىنۋا ۋاڭ جېن جياڭجۈنگە ئەگىشىپ شىنجاڭغا كىرگەن ھەربىي ئىدى. ئۇ چاغلاردا شىنجاڭنىڭ ئاساسىي سانائىتى ئاجىز، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ئارقىدا قالغان، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. ئېلېكتىر چىراغلىرى يورۇماسلىق، يوللار ئېگىز - پەس بولۇش ئەينى يىللارنىڭ ئەينەن كارتىنىسى ئىدى.

شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىم قىلىش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت بىر ئوتتۇرا تىپتىكى زامانىۋى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى قارار قىلدى. 1950 - يىلى، ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى(ئەسلىدىكى دىخۇا ئېلېكتىر ئىستانسىسى)نىڭ دەسلەپكى ئورنىنى تاللاش باشلاندى. شۇ يىلى 4 - ئايدا، جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن توختام ئىمزالاپ، ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ 1 - بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم بېرىپ قۇرىدىغان 156 نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى. 1952 - يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى.

ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئەمدىلا يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن بىر تۈركۈم جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى قوللىرىدىكى پولات قوراللارنى تاشلاپ، قومۇشلۇق ساھىلدا بىناكارلىق ئىشچىسى بولدى. 1953 - يىلى 6 - ئايدا، قىسىمدىن كەسىپ ئالماشقىنىغا ئۇزاق بولمىغان دۇ يىنۋامۇ بۇ قۇرۇلۇش چوڭ قوشۇنىغا قوشۇلدى.

دۇ يىنۋا ھايات ۋاقتىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئەينى چاغدىكى قۇرۇلۇش مەنزىرىسىنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى: قۇرۇلۇش قىلىشقا قاتناشقان بارلىق كادىرلار ۋە ئىشچىلار چېدىردا ياتتى، ئات ئېغىلىدا ئۇخلىدى، كۈندە توپا قازدى، تام قوپۇردى، پولات چىۋىق يۆتكىدى، سېمونت توشۇدى، كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇپ، بىرمۇ ئادەم بىكار ئەمەس ئىدى.

نەچچە ئون توننىلىق پار قازان پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى بىلەن سۆرەش، يۈدۈش، دومىلىتىش، ئۆرۈش قاتارلىق ئىپتىدائىي شەكىللەر بىلەن ئاستا - ئاستا قۇراشتۇرۇلدى. ئەينى چاغدىكى تېخنىكلار ئاساسەن قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەر بولۇپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئەمەس ئىدى. چېرتيوژنى كۆرۈپ چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇلار بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلۈكىدىن رۇس تىلى ئۆگەندى. دۇ يىنۋامۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدى، ئۇ رۇس تىلىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

دۇ يىنۋا ئىلگىرى ئوغلى دۇ جيەنۋېيغا مۇنداق دېگەنىدى: «گەنسۇدىن شىنجاڭغا كەلدىم، قىسىمدىن ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا كەلدىم، مېنىڭ ھەر قېتىملىق تاللىشىمنىڭ ئاساسىي تېمىسى − ۋەتەننىڭ قەيەرى ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولسا، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن قوماندانلىققا بويسۇنۇپ شۇ يەرگە بارىمەن».

قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇ كەسىپ ئۈستىدە ئىزدىنىش

1953 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، قار - مۇز قاپلىغان قۇمۇشلۇق ساھىلدا داقا - دۇمباق ساداسى كۆكتە ياڭراپ، رەڭدار بايراقلار لەپىلدىدى. ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 1 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتتى، بۇ، شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى زامانىۋىلاشقان ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىدى.

دۇ يىنۋانىڭ سالاھىيىتىدە بۇنىڭ بىلەن يەنە ئۆزگىرىش بولۇپ، قۇرۇلۇشچىدىن ئېلېكتىر ئىستانسىسى پار قازان سېخى يۈرۈشتۈرۈش ئىشچىسىغا ئايلاندى. پار قازان يۈرۈشتۈرۈش ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى خىزمىتىدىكى ئەڭ جاپالىق ئىش ئورنى بولۇپ، كۆمۈر سېلىش، داشقاللارنى ئېلىش، كوكس چىقىرىش خىزمەتلىرىنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك جىسمانىي ئەمگەك ئىدى، قەيسەر ئىرادە بولمىغاندا ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش تەس ئىدى.

دۇ يىنۋا لاياقەتلىك پار قازان ئىشچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىدى. شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى پار قازان ئىشچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەجرىبىلەرنى بىر - بىرلەپ ئۆگىتىدىغان ئۇستازى بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇ ئالدىراش خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتلاردا تېخنىكا كىتابلىرىنى كۆرۈپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ، پار قازاننى يۈرۈشتۈرۈش مەشغۇلات تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى.

خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىق ھەمدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولغان ئېتىقادنى كۆڭلىگە پۈككەن دۇ يىنۋا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا پار قازان يۈرۈشتۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە ئاسراش جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆرۈپ بولدى، ئۇ مۇشۇنىڭ بىلەن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈردى.

1953 - يىلى، پار قازان ئەمدىلا يۈرۈشتۈرۈلۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە كۆمۈر سەرپىياتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھەر كىلوۋات سائەتنىڭ كۆمۈر سەرپىياتى 1400 گىرامغا يېتەتتى، دۇ يىنۋا كۆمۈر سەرپىياتىنىڭ يۇقىرى بولۇش سەۋەبىنى تېپىش قارارىغا كەلدى. ئۇ پار قازاننىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە باشلاپ، ھەربىر ۋاقىت بۆلىكىدىكى سېلىنغان كۆمۈر مىقدارى، پار قازان تېمپېراتۇرىسى، ئاساسىي پار گىرادۇسى، شامال يەتكۈزۈش قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئىنچىكە خاتىرىلەپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كىتابتىكى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرۇپ، كۆيۈش قىممىتىنى تەتقىق قىلىپ، ئاخىرى سەۋەبىنى تېپىپ چىقتى. پار قازاندا كۆيدۈرۈش شەكلىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەش ۋە تېخنىكىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، 1955 - يىلى پار قازاننىڭ كۆمۈر سەرپىياتى 590 گىرامغا چۈشۈرۈلدى، كېيىن يەنە 550 گىرامغا چۈشۈرۈلدى، بۇ، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆمۈر سەرپىياتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، توك تارقىتىش تەننەرخىنى تېجىدى.

«دادام ناھايىتى جاھىل بولۇپ، ھەربىر ئىشقا ئادەتتىن تاشقىرى ئەستايىدىل قارايتتى. ھازىرمۇ ئېسىمدە، ئوغلۇمنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا ئوقۇشتىن زېرىككەنىدى. ئىزچىل كەم سۆز دادامنىڭ نەۋرىسىگە تەربىيە بېرىشى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ئىدى.» دۇ جيەنۋېي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «دادام بىر ئىشنى ياخشى قىلماقچى بولساڭ، كۆڭۈل قويۇپ داۋاملاشتۇرساڭلا چوقۇم ياخشى قىلالايسەن، دېدى، ھازىر بۇ جۈملە سۆز ئائىلىمىزنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە ئايلاندى».

پارتىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ نەمۇنىچى بولۇش

دۇ يىنۋانىڭ شاگىرتى مەمەتتۇرسۇن كېرەمنى كۆرگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ مېدالىنى سۈرتۈۋاتقانىدى. بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن مەمەتتۇرسۇن 1964 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا ئېرىشكەنىدى، ئۇستاز بىلەن شاگىرت ئىككىيلەننىڭ ئوخشاشلا ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولغانلىقىمۇ ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا قىزىق پاراڭغا ئايلانغانىدى.

مەمەتتۇرسۇننىڭ نەزەرىدە، دۇ يىنۋا ياخشى ئۇستاز، شۇنداقلا ياخشى بەنجاڭ، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر ئىشتا ئالدىدا ماڭىدىغان مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى ئىدى.

«1958 - يىلى، مەن خوتەندىن ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىندىم. كېلىشتىن ئىلگىرى پار قازان ئەمەس، ھەتتا توكنىمۇ كۆرۈپ باقمىغانىدىم، پۇتۇڭخۇانى بىر ئېغىزمۇ سۆزلىيەلمەيتتىم. ئۇستام مېنىڭ ئەھۋالىمنى كۆرۈپ، خىزمەت، تۇرمۇشۇمغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى، ماڭا قولمۇقول تېخنىكا ئۆگەتتى، پۇتۇڭخۇانى ئۆگەتتى، مېنى باشلاپ ئۈسكۈنىلەر مەشغۇلاتىنى پىششىق ئۆگەتتى. مەن ئۇستازىمنىڭ جىسمىدىن ئىش ئورنىنى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىشتەك ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆگەندىم» دېدى مەمەتتۇرسۇن.

دۇ يىنۋا بەنجاڭلىقنى ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە تېخنىكا ئۆگىتىشتە سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆگىتىش - يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن بەن بويىچە ماھارەت ئۆگىنىش، ساپانى ئۆستۈرۈش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش قىزغىن دولقۇنىنى شەكىللەندۈردى. ئۇ پۈتۈن بەندىكىلەرنى يېتەكلەپ، «دائىم تەكشۈرۈش، دائىم تەڭشەش، دائىم ئالاقىلىشىش، دائىم ئاسراش، دائىم دوكلات قىلىش»تىن ئىبارەت بەش دائىم ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى يارىتىپ، ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدە ئىلمىي باشقۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى ياخشى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ يېتەكلىگەن بەن - گۇرۇپپا ئۇدا 3500 كۈن بىخەتەر يۈرۈشۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇدا ئون يىل ئىلغار بەن - گۇرۇپپا بولۇپ باھالاندى.

«ئۇستام نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئۆزى ئۈلگە بولدى، خىزمەت ۋاقتىدا مەيلى قانداق مەسىلىگە دۇچ كېلەيلى، مەيلى كۈندۈز ياكى كېچە بولسۇن ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، بىزنى يېتەكلەپ ھەل قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ جىسمىدىن بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۆردۈم» دېدى مەمەتتۇرسۇن.

بۈگۈنكى ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا كۆمۈر ئۇۋاقلىرىنىڭ بۇلغىشىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، كۈل - داشقاللارنى توشۇغاننى كۆرگىلى بولمايدۇ، كۆرىدىغىنىمىز ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈللەر، سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ياپيېشىل دەرەخلەر. ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى 2008 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە باشلامچىلىق بىلەن ئىسنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش بويىچە تېخنىكا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، يەنە 2013 - يىلى ئىسسىقلىق ئېلېكتىر بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىشتىن توختىتىپ، تىپنى تەلتۆكۈس يېڭى ئېنېرگىيەگە ئۆزگەرتتى. نەچچە ئون يىلدا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ئۆزگەردى، ئەمما دۇ يىنۋا ۋەكىللىكىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ روھى يەنىلا بۇ جايدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.