تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​سۇ ئۈچۈن سوققان سادىق يۈرەك

ۋاڭ ۋېي:

​سۇ ئۈچۈن سوققان سادىق يۈرەك

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە (6)

1964 - يىلى 4 - ئايدا، ۋاڭ ۋېي بىر قىسىم سۇچىلىق خادىملىرىنى باشلاپ شىمالدىكى «ھالاكەت دېڭىزى»غا يۈرۈش قىلىپ، ئادەم ئاياغ باسمىغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، خوتەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن قۇملۇقتا چۈشلۈك تاماق يېمەكتە.

ۋاڭ ۋېي خوتەن سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېخنىك خادىملىرىغا تەجرىبە ئۆگەتمەكتە. □سۈرەتلەرنى ۋاڭ ۋېي ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسى تەمىنلىگەن

«بۇ ھاياتتا ئۆلۈمدىن كىم ئامان قالغان قېچىپ، ئەڭ ئەزىزدۇر تۆھپە بىلەن خەلق ئۈچۈن سوققان يۈرەك. قىرىق يىلدا شۇ كوئېنلۇن باغرىنى چىقتىم كېزىپ، ئىتتىپاقلىق، بەخت سۈيى ئىزدەش ئىدى ئارزۇ - تىلەك». − ۋاڭ ۋېي​

شەخس ئارخىپى​

ۋاڭ ۋېي 1951 - يىلى غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىملىتىپ شىنجاڭغا كەلگەن. 1956 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1958 - يىلى خوتەن ۋىلايىتىگە يۆتكىلىپ خىزمەت قىلغان، ئىلگىرى خوتەن ۋىلايەتلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، سۇچىلىق باش ئىنژېنېرى بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلىغان. 1991 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ۋاڭ ۋېي كېسەل سەۋەبىدىن خوتەندە ۋاپات بولغان. ۋاڭ ۋېي خوتەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 24 مەڭگۈلۈك ئۆستەڭ، 58 سۇ ئامبىرى، 75 ئېلېكتىر ئىستانسىسى، 3200 كىلومېتىردىن ئارتۇق سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنى رىياسەتچىلىك قىلىپ لايىھەلىگەن.​

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

4 - ئاينىڭ ئاخىرىدىكى خوتەن تۇپرىقى ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، ئېتىزلاردىكى بۇغداي مايسىلىرى يېشىل دولقۇندەك مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى، قىزىلگۈللەر تۇپراققا يېڭىدىن يىلتىز تارتقان، يوللار يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

بۇ يەر ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ئەڭ قۇرغاق رايون بولۇپ، سۇ كەمچىل بولغانلىقتىن، ئىلگىرى شۇ جايدىكى دېھقانلار بىر يىلدا بىر پەسىلدىلا كۆممىقوناق ئۆستۈرەلەيتتى، مو بېشى ھوسۇلى نەچچە ئون كىلوگىراملا ئىدى .

خوتەندىكى خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن يېڭى دەۋردىكى «سۇ ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن ۋاڭ ۋېي «بۇ ھاياتتا ئۆلۈمدىن كىم ئامان قالغان قېچىپ، ئەڭ ئەزىزدۇر تۆھپە بىلەن خەلق ئۈچۈن سوققان يۈرەك» دەيدىغان جاسارەت بىلەن، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۇقرالارغا بەخت سۈيى ئېلىپ كەلدى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، ئەمەلىي ئىشلەپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، خوتەندە زۇمرەتتەك سۇ بىپايان بوستانلىقلارنى سۇغارماقتا، سۈپسۈزۈك بۇلاق سۇلىرى كىشىلەرنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرماقتا، يۇرتداشلار يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۆركەم يۆگىمە رەسىمىنى تىرىشىپ سىزماقتا.

بىر نىيەتتە نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش

چىڭمىڭدا، ئەبەيدۇللا مەتسالى بوۋاي ئوغلى، نەۋرىسىنى بىللە ئېلىپ كېلىپ باشقا يۇرتلۇق ۋاڭ ۋېيغا تەزىيە بىلدۈردى. «ۋاڭ باش ئىنژېنېر، بۇ ئانارنى تېتىپ بېقىڭ، بۇ ئانار سىز باشلاپ كەلگەن سۇ بىلەن سۇغىرىلغان، بەك تاتلىق!» بوۋاي ئالقىنىدىكى ھەم چوڭ، ھەم قىزىل ئانارنى ۋاڭ ۋېينىڭ قەبرە تېشى ئالدىغا قويدى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى...

ھەر يىلى چىڭمىڭدا، ۋاڭ ۋېي بىلەن بىللە ئۆستەڭ چاپقان، سۇ ئامبىرى ياسىغان، قۇرۇق نان غاجىغان، چۆل - جەزىرىلەردە ئۇخلىغان خىزمەتداشلىرى ۋە شۇ جايدىكى ئامما دائىم ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆتمۈشنى سۆزلەپ، ھازىر ئۈستىدە توختىلىدۇ. «كوممۇنىستىك پارتىيە بىزگە ۋاڭ باش ئىنژېنېرنى ئەۋەتمىگەن بولسا، بىز قانداقمۇ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشەلەيتتۇق؟» كۆپچىلىك ۋاڭ ۋېينى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندىمۇ، «ۋاڭ باش ئىنژېنېر» تىلغا ئېلىنسا، يەنىلا نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ. ۋاڭ ۋېي ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى خوتەن تۇپرىقىدا ئەزەلدىن ئۆچكىنى يوق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ سىيماسى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە.

1958 - يىلى ئەتىيازدا، ياش كومپارتىيە ئەزاسى ۋاڭ ۋېي بىر تۈركۈم سۇچىلىق خىزمەتچىلىرىنى باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە كەلدى. چۆللۈكلەرنى كېزىپ، قۇملۇقلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، سەپەر ھاردۇقى تېخى چىقمايلا، ۋاڭ ۋېي قولتۇقىغا قۇرۇق ناننى قىستۇرۇپ، بوغچىسىنى ئېسىپ، ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى يۈدۈپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە يېزىغا چۈشتى.

قۇرغاقچىلىق، قۇم - بوران ۋە كەلكۈننىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان تۇپراققا قاراپ، يۇرتداشلارنىڭ «يېرىم يىل ئۈجمە بىلەن قاققا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزسە، يېرىم يىل ئاشلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان» يوقسۇل تۇرمۇشىغا قاراپ ۋاڭ ۋېي قاتتىق ئازابلاندى. «خوتەن خەلقىنى ئەمدى ھەرگىز جاپا تارتقۇزمايمىز.» ۋاڭ ۋېي خوتەن خەلقىگە بەخت سۈيى ئېلىپ كېلىشكە ئىرادە باغلىدى.

كۈندۈزى ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە قۇم بارخانلىرىدىن ئۆتۈپ، چۆللۈكلەرنى كېزىپ، كەنتمۇكەنت يۈرۈپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈردى؛ كەچتە ماتېرىيال ئاختۇرۇپ، خاتىرىلىرىنى رەتلىدى، بىر كىچىككىنە كىرسىن چىراغ ھەمىشە يېرىم كېچىگىچە يېنىق تۇراتتى.

ناھايىتى تېزلا كونا سۇغىرىش رايونىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسلىق مەزمۇن، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشى خوتەن ۋىلايىتىدىكى يېزىلاردا داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلدى.

«ۋاڭ باش ئىنژېنېر يېزىدا بىز بىلەن تاماقتا، يېتىپ قوپۇشتا بىللە بولۇپ، سالا ئېتىزلارنى پىلانلاشقا كەنتمۇكەنت ياردەم بېرىپ، توغان ۋە سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساشقا يېتەكچىلىك قىلدى» دېدى ۋاڭ ۋېينىڭ خىزمەتدىشى ئابابەكرى ئوبۇلقاسىم ئەسلەپ.

جاپاغا چىداپ ئىشلەشكە ئەمەلىي ئىشلەش قوشۇلۇپ، ئىلگىرىكى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئۆستەڭلەرنىڭ ئەگرى - بۈگرى جايلىرى تۈزلىنىپ، تورغا ئوخشاش ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆستەڭ سىستېمىسى شەكىللەندى؛ ئىلگىرىكى ئالاڭغۇ، ئېگىز - پەس ئېتىزلار رەتلىك سالا ئېتىزلارغا ئايلاندى.

خەلق ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلىش

قاراقاش دەرياسى باشلانغان جايدىكى ۋاڭ ۋېي ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا كىرگەندە، تامدىكى سۈرەتلەر ۋاڭ ۋېينىڭ ئەينى يىللاردىكى خوتەننىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئىشلىرى، خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شانلىق ئىش ئىزلىرىنى «بايان قىلىپ تۇراتتى».

ئېگىز تاغدا سۇ ئامبىرى ياسايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي تېپىش ئۈچۈن، 1975 - يىلى 6 - ئايدا، ۋاڭ ۋېي بىرنەچچە سۇچىلىق خىزمەتچىسىنى باشلاپ جاسارەت بىلەن «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»غا كەلدى. يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن تاغ چوققىلىرى ئارىسىدا يەر تەۋرىسىلا تاشلار دومىلاپ چۈشەتتى، ۋاڭ ۋېي كۆپچىلىكنى جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىشقا تەشكىللەيتتى، ئەھۋال مۇقىملاشقاندىن كېيىن، «ئامبار ياسايدىغان مۇۋاپىق ئورۇننى بىر كۈن بالدۇر تاپساق، خەلققە بىر كۈن بالدۇر بەخت يارىتالايمىز» دەپ كۆپچىلىكنى «جەڭ مەيدانىدا سەپەرۋەر قىلاتتى».

تاغ ياماشقانسېرى تىكلىشەتتى، يول ماڭغانسېرى خەتەرلىك بولۇپ كېتەتتى. ئېشەكلەر مېڭىشتىن قورقۇپ كەينىگە داجىسا، ئۇلار قوتازغا ئالماشتۇردى؛ دېڭىز يۈزىدىن 4800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قار لىنىيەسىدىن ئۆتكەندە، ھەتتا تاغ يولىدا مېڭىپ كۆنۈپ كەتكەن قوتازلارمۇ چىقالماي قالغاندا، ئۇلار تاغقا پىيادە ياماشتى.

«كوئېنلۇن تېغىنى ئېگىز ئىكەن دېمەڭلار، پەقەت خوتەندىكى 1 مىليوندىن ئارتۇق خەلققە سۇ تېپىپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ نىشاننى قەلبىمىزگە پۈكسەكلا، بىز ئۇنى جەزمەن بويسۇندۇرالايمىز.» شۇنداق قىلىپ، ۋاڭ ۋېي كۆپچىلىكنى باشلاپ قار لىنىيەسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، مۇزلۇق ئېقىنلارنى كېچىپ، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىككە يامىشىپ چىقىپ، ئېگىز تاغدا سۇ ئامبىرى ياساشقا ئائىت بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشتى.

«ۋاڭ ۋېي ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاللىقاچان خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇمىي تەقدىرىگە سىڭدۈرۈۋەتكەن، خوتەننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكىنى ئۆز ھاياتىدىنمۇ قىممەتلىك ئىش دەپ بىلگەن» دېدى ۋاڭ ۋېي ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى ھۆرىقىز ئابدۇجېلىل ھاياجانلانغان ھالدا، «كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ قالغان چاغدىمۇ، ئۇ يەنىلا خوتەننىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنىڭ غېمىنى يەپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي خوتەننىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدەنگەن».

ياپچان سۇ ئامبىرىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى مەمتىمىن زىياۋۇدۇننىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە: 1984 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، چۈشۈرگە رېمونت قىلىپ، لاي - لاتقىلارنى تازىلىغاندا، قەھرىتان قىشتا سۇنىڭ سوغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، ھېچكىم سۇغا چۈشۈشنى خالىمىدى. بۇ چاغدا، ۋاڭ ۋېي سۇ ئامبىرىغا خىزمەت تەكشۈرۈپ كەلدى، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇ نەق مەيداندا ئايىغىنى سېلىپ، پۇچقىقىنى تۈرۈپ، ھەممىدىن بۇرۇن سۇغا چۈشۈپ لاي - لاتقىلارنى، ئوت - چۆپلەرنى تازىلىدى. «كۆپچىلىك بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ھېچقايسىسى قىرغاقتا تۇرالماي، ۋاڭ ۋېيغا ئەگىشىپ سۇغا چۈشتى».

«ئارزۇ»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش

«مەن بۇ يەردە خىزمەت قىلغىلى 28 يىل بولدى، ھەر قېتىم بۇ ھەيۋەتلىك چوڭ توسمىدا تۇرۇپ، ئامباردىكى زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇغا نەزەر سالغىنىمدا، ئىختىيارسىز ھالدا ۋاڭ ۋېينىڭ يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزىدىغان، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان پەزىلىتىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىمەن» دېدى ئۇلۇغئاتا سۇچىلىق تۈگۈنى باشقۇرۇش ئىدارىسى باش ئىنژېنېر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تۇرسۇنتوختى ئەخمەت.

«قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ئېگىز تاغ سۇ ئامبىرى ياسالدى، دەريانى بويلاپ پەلەمپەيسىمان توك تارقىتىلدى. ئەتىيازدا ئېتىزلارنى سۇغىرىدىغان سۇ بار بولدى، يازدا كەلكۈن ئازايدى؛ كۈچلۈك ھەم ئەرزان باھالىق توك بوستانلىقلارغا يەتكۈزۈلدى، قۇدۇقلار قېزىلىپ، سۇ چىقىرىلىپ، تېرىلغۇ يەرلەر كېڭەيدى، سانائەت تەرەققىي قىلدى، قېزىلما بايلىقلار ئېچىلدى؛ قالدۇق دەريا سۈيى خوتەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى <يېشىل كارىدور>غا باشلاندى، قۇملۇقتا قۇم - بورانغا تاقابىل تۇرىدىغان قاتمۇقات يېشىل توسۇقلار قەد كۆتۈردى...»

ئىستىقبالى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بۇ «ئارزۇ»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 1985 - يىلى قىشتا، ۋاڭ ۋېي پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن تەشكىل ئۈرۈمچىدە ئورۇنلاشتۇرغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش تۇرالغۇسىغا بارماي، بەلكى داۋاملىق تۈردە خوتەننىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىغا ئاتلاندى.

«بىز خىزمەتنى قايسىبىر ئادەم ئۈچۈن ئىشلىمەيمىز، بەلكى پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەيمىز!» ۋاڭ ۋېينىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن ھەرۋاقىت جان - دىل بىلەن خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش ئېتىقادى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

ۋاڭ ۋېينى كۆرگەن نۇرغۇن كىشى ئۇنى تىلغا ئالغاندا، ھەيران قالارلىق ھالدا بىردەك مۇنداق دەيدۇ: ئورۇق، ئېگىز بوي، سېرىق رەڭلىك كاناپ ئازادلىق سومكىسىنى ئېسىپ، قارا لاتا خەي، جۇڭشەن فورمىسى كىيىدۇ... ۋاڭ ۋېينىڭ كىيىنىشى مەڭگۈ مۇشۇنداق ئاددىي - ساددا. ۋاڭ ۋېي ئۆمۈربويى تىرىشچان، ئىقتىسادچان ئۆتكەن، ئۆي خىراجىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، خوتۇنى دائىم قەدىناس ئاچا - سىڭىللىرى بىلەن بازارغا بېرىپ كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىپ ساتقان.

«پاك ئادەم بولۇش، پۇختا، ئەستايىدىل ئىش قىلىش، ئۆمۈربويى خەلقنى كۆزلەش ھېسسىياتى» ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى.

1991 - يىلى 2 - ئايدا، ۋاڭ ۋېيغا ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى، دەپ دىياگنوز قويۇلدى، لېكىن ئۇ يەنىلا ئىزچىل تۈردە تېخى پۈتمىگەن ئۇلۇغئاتا سۇ ئامبىرىنىڭ كويىدا بولۇپ كەلدى، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىمۇ ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۆلۈپ كەتسەم خوتەنگە كۆمۈڭلار، ئۇلۇغئاتا سۇ ئامبىرىنىڭ پۈتكەنلىكىنى كۆرۈپ ياتاي».

ۋاڭ ۋېي ھايات ۋاقتىدا، خوتەن خەلقى ئۈچۈن نۇرغۇن سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى قالدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى «58 يېرىم» سۇ ئامبىرى − بۇ «يېرىم» تېخى پۈتمىگەن ئۇلۇغئاتا سۇ ئامبىرىنى كۆرسىتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلۇغئاتا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى سۇغىرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، توك تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۈنۈمنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن چوڭ تىپتىكى تەڭشەش سۇ ئامبىرىغا، شۇنداقلا دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

«بۇ ھاياتتا شۇم ئۆلۈمدىن كىم ئامان قالغان قېچىپ، ئەڭ ئەزىزدۇر تۆھپە بىلەن خەلق ئۈچۈن سوققان يۈرەك. قىرىق يىلدا شۇ كوئېنلۇن باغرىنى چىقتىم كېزىپ، ئىتتىپاقلىق، بەخت سۈيى ئىزدەش ئىدى ئىزگۈ تىلەك.» ۋاڭ ۋېينىڭ ھايات ۋاقتىدا يازغان شېئىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا ئويۇلدى. قەبرە تېشىغا ئويۇلغان بۇ شېئىر ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىگە نىسبەتەن ياد ئېتىش؛ ھاياتلارغا نىسبەتەن ئىلھام؛ كېيىنكىلەرگە نىسبەتەن رىغبەت.

ۋاڭ ۋېي دېگەن بۇ ئىسىم خوتەن خەلقىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى، ئۇنىڭ روھى زامان ۋە ماكان ھالقىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇۋاتىدۇ، رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ، تەربىيەلەۋاتىدۇ، كېيىنكىلەرنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.