تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دىرامىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كىردى

ھېكايىلەر توپلىمى (14)

1939 - يىلى، جاۋ دەن رېژىسسورلۇق قىلغان ھەم باش رول ئالغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تېمىسىدىكى دىراما «كۈرەش» دىخۇادا قويۇلۇپ، پۈتۈن شەھەردە زىلزىلە قوزغىدى. □جياڭ خاۋلىن سىزغان

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېڭ يۆيۆ

«كوماندىر، مەن جەڭ مەيدانىغا بارىمەن، مەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرىمەن!»

«لى بەگزادە، يەنە ساقلاڭ، يەنە بىر ئاز ساقلاڭ».

سەھنىدە جاۋ دەن رول ئالغان لى بەگزادىنىڭ قاشلىرى قويۇق، كۆزلىرى چوڭ، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، بۇرۇت قويۇۋالغان، پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان گومىنداڭ ئەمەلدارى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالىمىغان كىشىلەرنى مەسخىرە قىلغانىدى. بۇ، جاۋ دەننىڭ دىخۇا(بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)دا قويغان دىرامىسى «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى»دىن بىر كۆرۈنۈش ئىدى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە ۋەتەننى سۆيىدىغان تەرەققىيپەرۋەر زاتلار دىراما سەنئىتىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كىرىپ، دىرامىدىن پايدىلىنىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىلغار ئىدىيەسى تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرغان.

1938 - يىلى 5 - ئايدىلا، يەنئەندىن كەلگەن كومپارتىيە ئەزالىرى «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دا «قامچاڭنى تاشلا» «ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» قاتارلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى تەشۋىق قىلىدىغان دىرامىلارنى ئوينىغانىدى. ئىنقىلابىي تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، كومپارتىيە ئەزالىرىدىن لىن جىلۇ، لى يۈنياڭ، جۇ دەنخۇا قاتارلىق كىشىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى دىراما رېپېتىتسىيە قىلىشقا تەشكىللىگەنىدى. شۇ يىلى 11 - ئايدا، شىنجاڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دىخۇا شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى بىر قېتىم تىياتىر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن، «شىنجاڭ گېزىتى» مۇسابىقە ئۈچۈن ئۇدا ئالاھىدە سان چىقارغان. شۇ چاغدا چۇڭچىڭدىكى جاۋ دەن بىر قېتىملىق گېزىت - ژۇرنال كۆرگەزمىسىدە بۇ گېزىتنى كۆرگەن.

1939 - يىلى 8 - ئايدا، ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن جاۋ دەن خوتۇنى يې لۇچيەن، كومپارتىيە ئەزاسى شۈ تاۋ ھەم ۋاڭ ۋېييى قاتارلىق سەنئەتكارلار بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ دىراما سەنئىتىنىڭ گۈللىنىپ مىسلىسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولغان.

جاۋ دەن تەكلىپ بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن ۋاقىت دەل «18 - سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ سەككىز يىللىقى پەيتى ئىدى. ئۇ باش رول ئالغان دىراما «كۈرەش» چۇڭچىڭدا قويۇلغاندا زىلزىلە قوزغىغانىدى، دىخۇادا قويۇلغاندا، جاۋ دەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى دىراما ئويناشقا قاتناشقاندىن سىرت، كومپارتىيە ئەزالىرىدىن يۈ سۈن، بەي دافاڭ ۋە شىنجاڭ شۆيۈەنىدىكى نۇرغۇن كىشىمۇ ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان.

ئۈچ ھەپتە جىددىي رېپېتىتسىيە قىلىش ئارقىلىق، بۇ دىراما سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان. سەھنىدە، ئارتىسلار چىن ھېسسىياتى بىلەن، يۇرت - ماكاننى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ نامايان قىلغان، سەھنە ئاستىدا، قەلبى لەرزىگە كەلگەن كۆرۈرمەنلەر، ئۇلارغا ئەگىشىپ شوئار توۋلىغان.

بۇ دىراما پۈتۈن شەھەردە زىلزىلە قوزغاپ، ھەر بىر مەيدان تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولۇپ، ئۇدا يېرىم ئاي قويۇلغان، سادىق دىراما مەستانىلىرى 1 - مەيداندىن تاكى ئەڭ ئاخىرقى مەيدانغىچە كۆرگەن. ماۋ دۇن «شىنجاڭ گېزىتى»گە ماقالە يېزىپ بۇ دىرامىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەۋسىيە قىلغان، «شىنجاڭ گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ دىرامىلىرىنىڭ گۈللىنىپ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور كۈچ قوشتى، دېگەن.

«ئادەن، بۇ يەردە تالانتىڭىزنى ياخشى نامايان قىلىڭ.» ماۋ دۇن جاۋ دەننى مۇشۇنداق ئىلھاملاندۇرغان. ئۇلار تىياتىر ئىشلىرى جەھەتتە بىر - بىرىنى قوللىغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ماۋ دۇن شىنجاڭ شۆيۈەنىدە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ «تىياتىر تەتقىقات ئۇيۇشمىسى»نى قۇرۇپ، دوكلات تىياتىرى «يېڭى شىنجاڭ مارشى»نى ئىجاد قىلىپ، دىراما ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە دىراما ئوينايدىغان بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن.

1938 - يىلى 11 - ئايدا قۇرۇلغان شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى تەجرىبە دىراما ئۆمىكى شىنجاڭدىكى تۇنجى كەسپىي دىراما ئۆمىكى بولۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىدىن شۈ تاۋ، يۈ سۈن، بەي دافاڭ دىراما ئۆمىكىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان. دىراما ئۆمىكى تۇنجى قېتىم 20 كۇرسانت قوبۇل قىلىپ، ئىجتىمائىي پەنلەر، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى قاتارلىق يېڭى مەدەنىيەت مەزمۇنىدىكى دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلغان، ماۋ دۇن قاتارلىق كىشىلەر ئۆزى دەرس بەرگەن. بەش ئاي ئۆگەنگەندىن كېيىن، بۇ 20 كۇرسانت تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا خۇددى ئۇرۇقتەك چېچىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىشتىن سىرتقى دىراما ئۆمەكلىرى كەينى - كەينىدىن قۇرۇلغان. «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» ناملىق دىراما ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ قويۇلغان، ھەر قېتىم قويۇلغاندا كۆرۈرمەنلەر ئىختىيارسىز ئۆزىنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن ھالقىلىرىنى چىقىرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقارغان.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دىراما شىنجاڭنىڭ يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى قىممەتلىك مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.

(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.