تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ماۋ دۇننىڭ شىنجاڭدىكى تۆت قېتىملىق نۇتقى

ھېكايىلەر توپلىمى (13)

ماۋ دۇن شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان زور مىقداردىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ھەر مىللەت مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. □جياڭ خاۋلىن سىزغان

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېڭ يۆيۆ

«1939 - يىلى 5 - ئايدا، شىنجاڭ شۆيۈەنى 4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنىدى، ماۋ دۇن كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ 4 - ماي ھەرىكىتىگە قاتناشقاندىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى، بىزنىڭ شىنجاڭ قىزلار مەكتىپىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغانىدۇق.» ئەينى چاغدا شىنجاڭ قىزلار مەكتىپى(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاساسى)دە ئوقۇتقۇچى بولغان ياشانغان كىشى ۋاڭ سەينەن «ماۋ دۇن بىلەن جاۋ دەننىڭ شىنجاڭدا ئۆتكەن كۈنلىرى توغرىسىدا ئەسلىمە» ناملىق ئەسلىمە ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ماۋ دۇن ئەپەندى 4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى تەھلىل قىلدى، يەنە بىزنى دېموكراتىك، بەختلىك يېڭى شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى! كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى!»

ماۋ دۇننىڭ ئەسلىي ئىسمى شېن يەنبىڭ بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەشكىلاتىنىڭ 58 ئەزاسىنىڭ بىرى ئىدى.

1939 - يىلى، 43 ياشقا كىرگەن ماۋ دۇن تەكلىپ بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن. بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، ماۋ دۇن شىنجاڭ شۆيۈەنى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىدا كۆپلىگەن ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ماركسىزم - لېنىنىزم ۋە ئىنقىلاب مەدەنىيىتى توغرىسىدا دەرس بەرگەن. ئۇنىڭ تۆت قېتىملىق ئاشكارا نۇتقىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن زاتلارنى نەق مەيدانغا كېلىپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا جەلپ قىلغاندىن سىرت، ئالاقىدار نۇتۇق تېكىستى يەنە تەپسىلىي خاتىرىلىنىپ، گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۇ 4 - ماي ھەرىكىتىدىن بۇيانقى يېڭى مەدەنىيەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تارقىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنقىلاب مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يول ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشقان.

ماۋ دۇن شىنجاڭ شۆيۈەنىدە مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغاندا، «ئەدەبىيات - سەنئەت پىكىر ئېقىمى» «دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى» «جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلىپ، ئۆزى تۈزۈپ چىققان ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى قوللانغان. ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ دەرسلەرنى سىرتتىن ئاڭلاشقا كەلگەن كىشىلەر بەك كۆپ بولغانلىقتىن، دەرسخانىدا دائىم بوش ئورۇن قالمىغان. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىن ئۇنى نۇتۇق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدىغانلارنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن.

1939 - يىلى 5 - ئايدا، ماۋ دۇن ئەينى چاغدا شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ۋاڭ شياۋچۇن بولغان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ۋاڭ شياۋچۇەننىڭ تەكلىپى بىلەن، شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا «تۈن يانغاندا» دېگەن ئەسىرىنى ئىجاد قىلىش جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەن. گېزىتخانىدىكى بارلىق خادىملاردىن باشقا، شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن زاتمۇ بېرىپ ئاڭلىغان. نۇتۇقنىڭ مەزمۇنى يازما ماتېرىيال سۈپىتىدە رەتلەپ چىقىلىپ، «<تۈن يانغاندا>نى قانداق يېزىپ چىقتىم» دېگەن تېمىدا 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ قوشۇمچە سانى «بوستان»دا ئېلان قىلىنغان.

4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە، ماۋ دۇن شىنجاڭ شۆيۈەنىدە «4 - ماي ھەرىكىتى − ئۆزىنى تەكشۈرۈش» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، 4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش خاراكتېرىنى تەھلىل قىلغان، 4 - ماي يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى بايان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە 4 - ماي يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ پەقەت «غەيرىي كاپىتالىزمنىڭ ئىستىقبالى بولغان دېموكراتىك ئىنقىلاب» يولىدا ماڭىدىغانلىقىدىن ئىبارەت يەكۈننى چىقارغان.

«ماۋ دۇن ئەپەندىنىڭ بويى ئانچە ئېگىز ئەمەس بولۇپ، كاستۇم - بۇرۇلكا كىيىپ، كۆزەينەك تاقايتتى، جېجياڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتتى، ئىنتايىن ئىلمىي ئىدى» دېدى ۋاڭ سەينەن ئەسلەپ، ئەينى چاغدا نۇتۇق سۆزلەنگەن نەق مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىگەنىدى.

ئارقىدىن شىنجاڭ ئاياللار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە، ماۋ دۇن شىنجاڭ قىزلار مەكتىپىدە «جۇڭگونىڭ يېڭى ئەدەبىيات ھەرىكىتى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ياشلارغا يېڭى ئەدەبىيات، يېڭى ئىدىيە توغرىسىدا ئاقارتىش تەربىيەسى ئېلىپ بارغان. نۇتۇق تېكىستى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان.

1939 - يىلى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ماۋ دۇن شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ لۇشۈن ۋاپات بولغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇ لۇشۈن ئەپەندى بىلەن سول قانات يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا بىللە كۈرەش قىلغان كۈنلىرىنى ئەسلەپ، لۇشۈن ئەپەندىنىڭ «مىللەتنى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ھېسسىياتى» ۋە «ئېگىلمەس - سۇنماس روھى»نى يۈكسەك ئالقىشلىغان. ئارقىدىن، ماۋ دۇن «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇرۇش سېپى» ئۈچۈن «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا لۇشۈننى ئەسلەيمەن»نى يازغان.

ماۋ دۇن شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، تەھرىر - تەرجىمانلىق بۆلۈمى، سەنئەت بۆلۈمى، تەتقىقات بۆلۈمى تەسىس قىلغان، يەنە سەنئەت بۆلۈمىدە دىراما، ناخشا، ھەجۋىي رەسىمدىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپا تەسىس قىلغان. داڭلىق ئارتىس جاۋ دەن شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ماۋ دۇن ئۇنىڭ بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دىراما ئىشلىرىنى مىسلىسىز گۈللەندۈرگەن.

1940 - يىلى، ماۋ دۇن شىنجاڭدىن ئايرىلىپ يەنئەنگە بارغان. شىنجاڭدا ماۋ دۇن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلغان. ماۋ دۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى مەدەنىيەت تارقىتىپ، قىپقىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن.

(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.