تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى

كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى:

دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى

قىزىل بازىلارغا زىيارەت (13)

تەربىيەلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلار كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ نەق مەيدان ئوقۇتۇش نۇقتىسى بولغان كۆكتوقاي 3 - نومۇرلۇق كان ياتمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. □ سۈرەتنى كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى تەمىنلىگەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ جىنلياڭ

كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى كان سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن كىچىك بازار. ئەينى يىللاردا ئۇ قېزىلما بايلىقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»ىنى كەم بولسا بولمايدىغان خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن، ئۇ ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرغان.

بۈگۈنكى كۈندىكى كۆكتوقاي قىزىل مەدەنىيەت تىرەك بولغان، دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان يېڭى ئېگىزلىك، كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى «يېڭى دەۋردە كۆكتوقاي روھىغا ۋارىسلىق قىلىش» دېگەن چوڭ بايراقنى كۆتۈرۈشنى ئۈستىگە ئالدى.

4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىگە بېرىپ، گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسى، 3 - نومۇرلۇق كان ياتمىسى، يەر ئاستى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق نەق مەيدان ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا كىرگىنىمىزدە، خىياللىرىمىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارغا قايتتى.

«دادام كۆكتوقايدىكى تۇنجى ئەۋلاد كان ئىشچىسى، ئۇلار ئاشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر دۆلەت ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان، يەنە بەزىلەر خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان. ئاشۇ چاغلاردا، كان رايونىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار كان ئىشچىلىرىغا ئوخشاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىدا كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغان، بولۇپمۇ دۆلەت ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاشقى قەرز قايتۇرغان ئاشۇ مەزگىلدە، ئەڭ جاپالىق يىللارنى باشتىن كەچۈرگەن.» 63 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى باقىتبېك جاسىمقان كۆكتوقايدىكى 2 - ئەۋلاد كان ئىشچىسى، بۈگۈنكى كۈندە كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ نەق مەيداندا دەرس ئۆتىدىغان ئەزىز مېھمىنى ۋە خالىس چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ دائىم كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ نەق مەيدان ئوقۇتۇش نۇقتىسىغا كېلىپ تۇرىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دادام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ھەر يىلى ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھازىرقى كۆكتوقاينى سۆزلەپ بېرىمەن. گەرچە كان ئېچىپ قەرز قايتۇرىدىغان يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كۆكتوقاي روھى ساقلىنىپ قېلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە...»

«باش شۇجى شى جىنپىڭ: قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش، قىزىل ئەنئەنىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى دەل مۇشۇ ئاساسىي مەقسەت بويىچە، <يېڭى دەۋردە كۆكتوقاي روھىغا ۋارىسلىق قىلىش> دېگەن چوڭ بايراقنى كۆتۈرۈشنى ئۈستىگە ئالدى»، دېدى كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ دەن.

ۋاڭ دەن مۇنداق دېدى: 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، كۆكتوقاي روھى ھەم كادىرلار تەلىم - تەربىيە بازىسى قۇرۇلۇشى مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئوندىن ئارتۇق داڭلىق مۇتەخەسسىسنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى، ئۈزلۈكسىز دەلىللىشى ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشى ئارقىلىق، 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىگە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى. شۆيۈەننىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 22 مىڭ كىۋادرات مېتىر، پۈتكەن قۇرۇلۇش كۆلىمى 8000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، ئىشخانا، تەربىيەلەش بۆلۈمى، ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى، ئارقا سەپ بۆلۈمى، تېما تەتقىق قىلىپ ئېچىش بۆلۈمى، تاشقى ئالاقە بۆلۈمىدىن ئىبارەت ئالتە بۆلۈم (ئىشخانا) تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىزمەتتىكى كادىردىن جەمئىي 17سى، ئالاھىدە تەكلىپلىك لېكتوردىن 20 نەچچىسى بار.

نەچچە يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى «بەش چوڭ ئوقۇتۇش بۆلىكى» «ئۈچ چوڭ يادرولۇق دەرس» «سەككىز نەق مەيدان ئوقۇتۇش نۇقتىسى» «11 خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسى»دىن ئىبارەت ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسىدىن جەمئىي 148 قارار قوبۇل قىلىپ، 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيەلەپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، شۇ سەۋەبتىن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تۆھپە ئىزنالىرىنى ئىزدەش، ئېتىقاد كۈچىنى قوبۇل قىلىش، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە خاس تەربىيە بازىسى ۋە روھقا ۋارىسلىق قىلىشتىكى ئېگىزلىككە ئايلاندى.

كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىگە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسى بازىسى، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار قىزىل تەربىيە بازىسى، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى دەپ نام بېرىلدى، 2019 - يىلى 4 - ئايدا شۆيۈەن مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى تەرىپىدىن ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تەستىقلىغان كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن ئىككى پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى بازىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

«كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىغا قويۇپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرسخانىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرس تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ يادرولۇق خىزمىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنى ئۈزلۈكسىز قۇرىدۇ ۋە چوڭقۇر بەرپا قىلىدۇ» دېدى ۋاڭ دەن.

□ ئېكسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى

كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 55 كىلومېتىر كېلىدىغان كۆكتوقاي بازىرىغا جايلاشقان. قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش، قىزىل ئەنئەنىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى، بىرنەچچە يىل بوشاشماي تىرىشىش ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى 2017 - يىلى تەستىقلىنىپ قۇرۇلدى. شۆيۈەنگە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسى بازىسى، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار قىزىل تەربىيە بازىسى، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى دەپ نام بېرىلدى، كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ نەق مەيدان ئوقۇتۇش نۇقتىسى بولغان 3 - نومۇرلۇق كان ياتمىسى، گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسى، يەر ئاستى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئايغوز كان ئۆڭكۈرى، كونا ياغاچ كۆۋرۈك، 8766 رۇدا تاللاش زاۋۇتى، ماشىنىسازلىق زاۋۇتى، ئەن گۈيخۇەي كۆرگەزمە زالى پۈتۈن كۈن ئېچىۋېتىلدى، ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋاقتى سائەت 10دىن سائەت 20گىچە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.