تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىدە قىزىل ھېكايىلەر كۆپ

قىزىل ئىزنالار (11)

لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جانبۇلات ماناربېك فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ فاڭ

«ئۆسمۈرلەر پاراسەتلىك بولسا دۆلەت ئاقىل بولىدۇ، ئۆسمۈرلەر روناق تاپسا دۆلەت بېيىيدۇ، ئۆسمۈرلەر كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ...» 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، كۇچا شەھىرىدىكى لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىرگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئۆسمۈر جۇڭگو ھەققىدە»نى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقان ئاۋازى سىنىپتىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى. لىن جىلۇنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئېيتىش، قەھرىمان قۇربانلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدىغان قىزىل ئىزنالار بۇ مەكتەپنىڭ قىزىل ئاساسىنى ناھايىتى روشەن ئىپادىلەپ تۇراتتى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىنجاڭدا كۆتۈرۈلگەن يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى دەل مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش بولغانىدى. بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار شىنجاڭغا كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىجادىي تۆھپە قوشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇمۇ بار.

ئۆيمۇئۆي كىرىپ مەكتەپتە ئوقۇشقا نەسىھەت قىلىپ، ھەربىر بالىنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

«ۋىچىرلار قۇش، مۆكۈندى ئاي، قىروۋدا زەپىران ياپراق، بېلىقچىنىڭ چىراغىدا يۇمۇلماس كۆز، ئۆزۈم ئويغاق...» شۇ كۈنى، ئىللىق مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى، لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ كىلاسسىك شېئىر قوشۇلغان دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىندى، ئۇزاق ئۆتمەي، تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار ھايت - ھۇيت قىلىپ ئوينىغان جۇڭخۇا چامباشچىلىقى دەرس ئارىلىقى گىمناستىكىسى كىشىگە يېڭى تۇيغۇ بەردى.

كۇچا شەھەرلىك لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنى لىن جىلۇ 1939 - يىلى قۇرغان. شۇ چاغدا بىر قەۋەتلىك ئىككى ئېغىز ئۆي سىنىپ قىلىنغان، بۈگۈنكى كۈندە، لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى تەرەققىي قىلىپ 32 مو يەرنى ئىگىلىگەن، يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىياللىرى تەل بولغان زامانىۋى مەكتەپكە ئايلاندى.

مەكتەپ قورۇسىنى ئايلانغاندا، ھەممىلا جايدا لىن جىلۇغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايە ۋە كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى لىن جىلۇنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى چوڭ زالنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا چاپلانغان تارىخىي سۈرەتلەر لىن جىلۇنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

1938 - يىلى، لىن جىلۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1943 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، لىن جىلۇ چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن بىلەن بىرلىكتە دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن، شۇ يىلى ئاران 27 ياشتا ئىدى.

«ھازىر بالىلارنىڭ ساددا، خۇشال قىياپىتىنى كۆرسەم، پات - پات ئۆتمۈشنى ئەسلەپ قالىمەن.» گۇجېڭدا ئورۇنلانغان لەرزان دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى ساداسى ئىچىدە، لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى رېن شىنپىڭ مۇلايىملىق بىلەن يۇقىرىقى سۆزنى قىلدى، ۋاقىت خۇددى ئاشۇ يىللارغا قايتقاندەك بولدى.

ئەينى چاغدا، ئەمدىلا كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەن لىن جىلۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كۇچا ناھىيەسىدە مەكتەپ ئاز بولۇپلا قالماي، بەلكى دەرسلىك ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەزى تەرەققىيپەرۋەر ياشلارنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە مائارىپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ ئۆزى دەرسلىك تۈزۈپ، ئۆزى كونسپىك تەييارلاپ، ئۆزى پۇقرالار دەرسى ۋە يېقىنقى زامان ئىنقىلاب تارىخىنى سۆزلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە زىيالىي ياشلارنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كېڭەيتكەن.

1940 - يىلى ئەتىيازدا، لىن جىلۇ بىر قېتىملىق داغدۇغىلىق ئوقۇشقا دەۋەت قىلىش ھەرىكىتى (يەنى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلىش)نى قوزغاپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ، ئائىلە باشلىقلىرىغا خىزمەت ئىشلەپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى جەزمەن مەكتەپكە بېرىشكە دەۋەت قىلغاچقا، ئوقۇشقا كىرگەن ئادەم سانى بىراقلا زور دەرىجىدە كۆپەيگەن.

«مەن ناھايىتى كىچىك ۋاقتىمدىلا، ئوقۇتقۇچىلار ئۆيىمىزگە كېلىپ خىزمەت ئىشلەپ، بىزنى مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلغان.» كۇچا شەھىرى خانىقاتام يېزىسى نورباشلام كەنتىدىكى 85 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى قادىر ئابلا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: يوقسۇللارنىڭ بالىلىرىنىڭمۇ مەكتەپتە ئوقۇيالىشى شۇ چاغدا ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ئىش ئىدى.

لىن جىلۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا، شۇ چاغدىكى كۇچا ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلغان. 1941 - يىلى 6 - ئايدا ئۇ يۆتكەلگىچە بولغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، پۈتۈن ناھىيەدىكى مەكتەپلەر ئەسلىدىكى 16دىن تەرەققىي قىلىپ 49غا يەتكەن، 18 مىڭ بالا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان.

ھەر مىللەت ئاممىنى مائارىپنى باراۋەر قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

كۇچانىڭ شەھەر ۋە يېزىلىرىدا، لىن جىلۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان نۇرغۇن كوچا، مەكتەپ، توسما، كۆۋرۈك قاتارلىقلار بار، لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان يول لىن جىلۇ كوچىسى دەپ ئاتالغان، شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىدا كېڭەيتىپ سېلىنغان شىنجاڭ داشۆدىمۇ بىر لىن جىلۇ يولى بار، ئۇ يەردىمۇ لىن جىلۇنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئىزنالىرى قالغان.

1938 - يىلى، لىن جىلۇ شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولغان، ئۇ ۋە باشقا كوممۇنىستلار ھەم تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭ شۆيۈەنى تەرەققىيپەرۋەر ياشلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان جاي قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

«ئەينى يىلى لىن جىلۇ شىنجاڭ شۆيۈەنىدە ئوتتۇرىغا قويغان <ئىتتىپاق بولۇش، جىددىي بولۇش، ئاددىي - ساددا بولۇش، جانلىق بولۇش> ھازىرغىچە يەنىلا شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپ تەلىمى، شۇنداقلا لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ تەلىمى.» كۇچا شەھەرلىك مائارىپ ۋە پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ساۋ جۇڭخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: شۇ چاغدا، لىن جىلۇنىڭ مائارىپ باشقۇرۇشى يەنە كۇچادىكى ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى، بۇ چەت، يىراق رايوندىكى چارۋىچىلار، ئاياللار ۋە مېيىپلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«موما، ئىسمىڭىز نېمە؟»

«مەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى!»

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، كۇچا شەھىرى ساقساق كوچىسى تەجرىبە شەھەرچىسى مەھەللىسىدىكى پاتەم يۈسۈپ موماينىڭ ئۆيىدە يۇقىرىقى پاراڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قاقاقلاپ كۈلدۈرۈۋەتتى. موماي 81 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن تەپەككۇرى ۋە ئىپادىلىشى ئىنتايىن ئېنىق ئىكەن، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىسە موماي بەك روھلىنىپ كېتىدىكەن. «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، مەن نەچچە يىل خۇشال بولغانىدىم» دېدى موماي.

«ئاپام ناھايىتى ئۈمىدۋار، ياش ۋاقتىدا خەت تونۇغاچقا، ساۋاتى بولغاچقا كەنت كادىرلىقىغا سايلانغان. ئۇ قەيەرگە بارسا، كۈلكە ئاۋازىمۇ شۇ يەرگە ئەگىشىپ بارىدۇ.» موماينىڭ چوڭ قىزى ئايگۈل زارى مۇنداق دېدى: ئاپام كۇچادىكى تۇنجى قىزلار مەكتىپىگە كىرىپ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن، بۇ ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ئەسقاتتى.

«لىن جىلۇ چوڭلار مائارىپىغا ئەھمىيەت بەرگەن، بۇ ھەرگىزمۇ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئەمەس.» لىن جىلۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئىنتايىن پىششىق بىلىدىغان كۇچا شەھەرلىك كۈسەن مۇزېيىنىڭ باشلىقى ما لىلى مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا، كۇچا ناھىيە بازىرىغا 70 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان شىمالدىكى تاغلىق رايوندا، 18 ئائىلىلىك قىرغىز ئامما تۇراتتى، لىن جىلۇ مائارىپ بۆلۈمىگە يۇقىرىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇ يەردە ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن، ئاخىرىدا بۇ مەكتەپ كۇچا ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدىكى تۇنجى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ قالغان.

ما لىلى مۇنداق تونۇشتۇردى: لىن جىلۇ شەخسەن ئۆزى قىشلىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى تۈزۈپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلغان، يەنە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۇرسى تەسىس قىلغان. لىن جىلۇنىڭ تەشەببۇسى، ھەيدەكچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە، بەزىلەر ساۋاتىنى چىقىرىش ئۈچۈن، دەرەخ شېخى بىلەن قۇم ئۈستىگە قايتا - قايتا خەت يېزىپ ئۆگەنگەن. شۇ چاغدا، كۇچا ناھىيەسىدە بەسلىشىپ مەدەنىيەت ئۆگىنىش كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق ئىدى.

قىزىل ھېكايىلەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىش

ئەپچىل قىسقا چاچ قويغان، ھال رەڭ چاپان كىيگەن، پۇتۇڭخۇانى راۋان سۆزلەيدىغان، بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن بۇخەلچەم راخمان ياش ھەم قابىلىيەتلىك ئىدى.

بۇخەلچەم لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، سانجىدا رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغان، يەنە شاڭخەيدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، كېيىن يۈننەن سىفەن داشۆسىدە ئوقۇغان. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولغان.

بۇخەلچەمنىڭ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشىدا يەنە بىر كىچىك قىستۇرما بار.

داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىچكىرى رايونلاردا قېپقالغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇخەلچەم سەل ئىككىلىنىپ قالغان. ئانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇ يۇرتىغا قايتىشنى قارار قىلغان.

«ئاپام ماڭا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، مېنىڭ ئاندىن ياخشى تەربىيە ئالالىغانلىقىمنى ئېيتتى، ئۇ ماڭا پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ كۆپ بالىغا ئىش قىلىشنى، داۋلىنى بىلىشنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەمگە ئايلاندۇرۇشنى تاپىلىدى» دېدى بۇخەلچەم.

«مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا ئاتا - ئانام، ئوقۇتقۇچىلىرىم سۆزلەپ بەرگەن لىن جىلۇنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ كەلدىم، بۇ ھېكايىلەر مېنىڭ پۈتكۈل ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمغا ھەمراھ بولدى. مەيلى قەيەردە ئوقۇي، مەن ئوقۇتقۇچىلىرىم، ساۋاقداشلىرىم ۋە دوستلىرىمغا لىن جىلۇنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردىم. قەھرىماننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلىكىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.» بۇخەلچەم مۇنداق دېدى: مەن لىن جىلۇنىڭ ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىپ قىزىل ھېكايىلەرنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارقىتىمەن.

«بۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ بىر قوللۇق قۇرغان، ئەينى چاغدا مالىيە ئىنتايىن جىددىي ئەھۋالدا، ئۇ مائارىپنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئىنقىلابىي قەھرىمان قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلاب ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېسىل ئىستىلدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ۋەتىنىمىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان جەڭگىۋار قوشۇن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك.» ئەينى يىلىدىكى ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى رەيھانگۈل ئوسمان يەنىلا ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.