تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

​«چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتمايمەن»

ياڭ كەيخۇي:

​«چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتمايمەن»

ياڭ كەيخۇينىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ لياڭخېڭ

«جۇدا مەن قەھرىمان ياڭدىن، جۇدا سىز ليۇ ۋىسالىدىن، ئۇلار لەرزان ئۇچۇپ كۆككە راۋان بولدى دىيارىدىن...» سىم - سىم يامغۇردا، قارىغاي - ئارچىلار ئارىسىدا، ئىنقىلابىي قۇربان ياڭ كەيخۇينىڭ قەبرىستانلىقى ھەيۋەتلىك، تىمتاس ئىدى، بۇ يەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش، يوقلاشقا كېلىدىغان جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، قەبرىنىڭ كەينىدىكى گىرانت تاش ئېتىكىگە ئويۇلغان ماۋ زېدۇڭنىڭ شېئىرى «ديېليەنخۇا . لى شۇيىغا جاۋاب» كىشىلەرنىڭ خىيالىنى «خۇنەنلىك ئايال قەھرىمان» ياڭ كەيخۇي كۈرەش قىلغان يىللارغا باشلاپ باراتتى.

ياڭ كەيخۇي، 1901 - يىلى خۇنەننىڭ چاڭشا ناھىيەسى چىڭتەي يېزىسىدىكى بەنساڭ (ھازىرقى كەيخۇي بازىرى كەيخۇي كەنتى)دا تۇغۇلغان. دادىسى ياڭ چاڭجى بىر ئىدىيەسى ئىلغار ئىلىم ئەھلى، مائارىپشۇناس ئىدى. 1913 - يىلى، ياڭ چاڭجى خۇنەن ئۆلكىلىك 1 - سىفەن مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ياڭ كەيخۇي دادىسىغا ئەگىشىپ چاڭشاغا بارغان ھەم شۇ جايدا ماۋ زېدۇڭ بىلەن تونۇشقان.

1918 - يىلى، ياڭ چاڭجى بېيجىڭ داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. شۇ يىلى 9 - ئايدا، ماۋ زېدۇڭمۇ فىرانسىيەگە بېرىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇشنى تەشكىللەش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن، بۇ مەزگىلدە، ماۋ زېدۇڭ بىلەن ياڭ كەيخۇي تېخىمۇ كۆپ ئۇچراشقان ھەم مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان.

1920 - يىلىنىڭ بېشىدا، ياڭ چاڭجى بەختكە قارشى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، ياڭ كەيخۇي خۇنەن چاڭشاغا قايتىپ كەلگەن. شۇ يىلى 8 - ئايدا، ماۋ زېدۇڭ چاڭشادا مەدەنىيەت كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتىنى قۇرغان، ياڭ كەيخۇي بۇنىڭغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن ھەم كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. 1920 - يىلى قىشتا، ياڭ كەيخۇي جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرىپ، خۇنەندىكى 1 - تۈركۈم ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان. شۇ ۋاقىتتا، ئۇ ماۋ زېدۇڭ بىلەن چاڭشادا ئاددىي - ساددا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئىنقىلابىي ھەمراھلاردىن بولغان.

1922 - يىلى، ياڭ كەيخۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. شۇ يىلى، ماۋ زېدۇڭ خۇنەندە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇنەن رايونلۇق كومىتېتىنى قۇرۇپ، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، ياڭ كەيخۇي رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخپىيەتلىك ۋە قاتناش - ئالاقە خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، قوشۇمچە كاتىپ، مەخپىيەتلىك، باسما، ئالاقە، ئىگىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسىگە ئايلانغان.

1923 - يىلى 4 - ئايدا، ماۋ زېدۇڭ شاڭخەيگە بېرىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان. ياڭ كەيخۇيمۇ ئوغۇللىرى ماۋ ئەنيىڭ، ماۋ ئەنچىڭنى ئېلىپ شاڭخەيگە كېلىپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملەشكەن ھەم شياڭ جىڭيۈ بىلەن بىرلىكتە ئايال ئىشچىلار كەچلىك مەكتىپىنى تەشكىللىگەن.

1925 - يىلى 2 - ئايدا، ياڭ كەيخۇي ماۋ زېدۇڭغا ئەگىشىپ شاۋشەنگە قايتىپ كېلىپ دېھقانلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان، ماۋ زېدۇڭنىڭ دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىنى قۇرۇشىغا ياردەملەشكەن ھەم ئوقۇتقۇچىلىقنى ئۈستىگە ئالغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا، ياڭ كەيخۇي شاۋشەندىن ئايرىلىپ گۇاڭجوۋغا بېرىپ ماۋ زېدۇڭغا ياردەملىشىپ ماتېرىيال يىغىپ، رەتلەپ، قول يازما يېزىپ، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان.

1927 - يىلىنىڭ بېشىدا، ماۋ زېدۇڭ خۇنەن دېھقانلار ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەن، ياڭ كەيخۇي زور مىقداردىكى تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەپ، رەتلىك كۆچۈرۈپ يېزىپ چىققان.

چوڭ ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ پارتىيە 7 - ئاۋغۇست يىغىنىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن خۇنەن - جياڭشى چېگراسىدىكى كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان، ياڭ كەيخۇي ئۈچ بالىسىنى ئېلىپ چاڭشانىڭ بەنساڭغا قايتىپ كېلىپ مەخپىي كۈرەشنى قانات يايدۇرغان.

1930 - يىلى 10 - ئايدا، ياڭ كەيخۇي قولغا ئېلىنغان. دۈشمەنلەر ئۇنىڭدىن ماۋ زېدۇڭنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى قىستاپ سوراپ، ئۇنىڭدىن ماۋ زېدۇڭ بىلەن ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارا جاكارلاشنى تەلەپ قىلغان. ياڭ كەيخۇي قەتئىيلىك بىلەن: «چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتمايمەن» «دېڭىزلار قۇرۇپ، تاشلار چىرىپ تۈگىسىمۇ، مەن ماۋ زېدۇڭ بىلەن ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمنى ئۈزمەيمەن!» دېگەن.

1930 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ياڭ كەيخۇي چاڭشادىكى ليۇياڭمىننىڭ سىرتىدىكى شىزىلىڭدا قۇربان بولغان، شۇ يىلى 29 ياشتا ئىدى.

ياڭ كەيخۇي قۇربان بولغاندىن كېيىن، يۇرتى بەنساڭغا دەپنە قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئىنقىلابىي قۇربان ياڭ كەيخۇينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، قەبرىستانلىقى، كۆرگەزمىخانىسى ھەمدە ياڭگۇڭ ئىبادەتخانىسىدىن تەركىب تاپقان ياڭ كەيخۇي خاتىرە سارىيى جۇڭگونىڭ 100 قىزىل ساياھەت نادىر مەنزىرە رايونىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەيخۇي بازىرى قىزىل ساياھەت كەسىپلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خۇنەن ئۆلكىسى بويىچە 2020 - يىللىق ئون چوڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت - ساياھەت كىچىك بازىرى بولۇپ باھالانغان. 2020 - يىلى، كەيخۇي بازىرى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.