تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

​كوممۇنىزم جەڭچىسى ئاياللارنىڭ نەمۇنىلىك داھىيسى

شياڭ جىڭيۈ:

​كوممۇنىزم جەڭچىسى ئاياللارنىڭ نەمۇنىلىك داھىيسى

شياڭ جىڭيۈنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ ميەن

يېقىندا، خۇنەن ئۆلكىسى خۇەيخۇا شەھىرى شۈپۇ ناھىيەسىدىكى جىڭيۈ مەكتىپىدە كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ياڭراپ تۇراتتى، «ئۆزىنى بىلىش، ئومۇمنى كۆزلەش» دېگەن مەكتەپ تەلىمى بۇ داڭلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىغا نەقىشلەنگەنىدى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى شۈشۇي دەرياسى بويىدا يولداش شياڭ جىڭيۈ خاتىرە سارىيى بار.

خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى شياۋ يەنپىڭ مۇنداق دېدى: «جىڭيۈنىڭ ھېكايىسىنى ھەربىر قېتىم سۆزلىگىنىمدە روھىي جەھەتتىن تاۋلىنىپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە مەنىۋى كۈچىنى ھېس قىلىمەن».

شياڭ جىڭيۈنىڭ ئەسلىي ئىسمى شياڭ جۈنشيەن بولۇپ، 1895 - يىلى خۇنەن شۈپۇدا تۇغۇلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان مەزگىلدىكى مۇھىم رەھبەرلەرنىڭ بىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، سادىق پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، جۇڭگو ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسى ۋە داھىيسى.

شياڭ جىڭيۈ ئەينى چاغدا پۈتكۈل شۈپۇ ناھىيەسى بويىچە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان تۇنجى قىز بولۇپ، بالىلىق چاغلىرىدىلا يېڭىچە مائارىپنى قوبۇل قىلغان. 1912 - يىلى، ئۇ ئەلا نەتىجە بىلەن خۇنەن ئۆلكىلىك 1 - قىزلار سىفەن مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، ئىككى يىلدىن كېيىن جوۋنەن قىزلار مەكتىپىگە يۆتكەلگەن. بۇ يەردە شياڭ جىڭيۈ سەي چاڭ بىلەن تونۇشقان ھەم شۇ ئارقىلىق سەي خېسېن ۋە ماۋ زېدۇڭ بىلەن تونۇشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى شياڭ جىڭيۈگە ئۆزگەرتكەن، مەنىسى ھەر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ياڭرىتىپ، ئۆزىگە بىلىم ئېلىپ دۆلەتنى قۇتقۇزۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش ئىدى.

ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شياڭ جىڭيۈ شۈپۇغا قايتىپ قىز - ئوغۇللار ئارىلاش قوبۇل قىلىنىدىغان يېڭىچە مەكتەپ شۈپۇ قىزلار مەكتىپىنى قۇرغان. «ئۆزىنى بىلىش، ئومۇمنى كۆزلەش»نى مەكتەپ تەلىمى قىلىپ، يېڭى ئىدىيەنى تارقىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىغا ھۆرمەت قىلغان.

1919 - يىلى كۈزدە، شياڭ جىڭيۈ سەي چاڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، چاڭشاغا كېلىپ فىرانسىيەدە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇشقا تەييارلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى دېموكراتىيە ئىلمىي جەمئىيىتىگە قاتناشقان. فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ فىرانسۇز تىلى ۋە ماركسىزم - لېنىنىزم نەزەرىيەسىنى ئۆگەنگەن، سەي خېسېننىڭ ماركس ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشىغا ياردەملەشكەن. ئورتاق ئېتىقاد ئۇنىڭ بىلەن سەي خېسېننى ئىنقىلابىي ھەمراھقا ئايلاندۇرغان. سەي خېسېننىڭ تەسىرىدە، ئۇ تەدرىجىي ھالدا بىر دېموكراتىزمچىدىن مۇستەھكەم ماركسىزمچىغا ئايلىنىپ، پارتىيەنى قۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان.

1922 - يىلىنىڭ بېشىدا شياڭ جىڭيۈ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، شاڭخەيدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 7 - ئايدا، ئۇ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 2 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، مەركىزىي كومىتېت ئاياللار بۆلۈمىنىڭ تۇنجى بۆلۈم باشلىقى بولغان. ئارقىدىن، ئۇ كۆپ قېتىم ئىش تاشلاش كۈرىشىگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. 1925 - يىلى 10 - ئايدا، شياڭ جىڭيۈ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، موسكۋا شەرق ئەمگەكچىلەر كوممۇنىزم داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1927 - يىلى 4 - ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەنكوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. 7 - ئايدا، ۋاڭ جىڭۋېي ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىپ، چوڭ ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان، لېكىن شياڭ جىڭيۈ قەتئىي تۈردە ئاق تېررورلۇققا تولغان ۋۇخەندە قېلىپ، يەر ئاستى كۈرىشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: ۋۇخەندىكى ئۈچ بازار پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم تايانچ پونكىتى، نۇرغۇن مۇھىم مەسئۇل يولداشلار قۇربان بولدى، مەن كەتسەم، دۈشمەنگە ئاجىزلىقنى ئاشكارىلاپ قويىمىز، كەتسەم ھەرگىز بولمايدۇ!

1928 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شياڭ جىڭيۈ خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن بەختكە قارشى قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدە دۈشمەن بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپمۇ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن پارتىيەنىڭ ھېچقانداق مەخپىيەتلىكىگە ئېرىشەلمىگەن.

1928 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئەكسىيەتچىلەر ئىشچىلار سىنىپىنىڭ بايرىمىدا شياڭ جىڭيۈنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان. جازا مەيدانىغا بېرىش يولىدا، ئۇ يول بويى شوئار توۋلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاخىرقى نۇتۇق سۆزلىگەن، گومىنداڭ شيەنبىڭلىرى ھودۇقۇپ كېتىپ، ۋەھشىيلەرچە ئۇنىڭ ئاغزىغا شېغىل تىقىپ، تاسما بىلەن ئۇنىڭ قوۋزىنى باغلاپ قويغان، ئۇنىڭ جاۋغىيىدىن قان ئېقىپ چىققان. شياڭ جىڭيۈ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 33 ياشتا ئىدى.

«ئۇلۇغ جىڭيۈ، باتۇر جىڭيۈ، سىز ئۆلمىدىڭىز، سىز مەڭگۈ ئۆلمەيسىز! سىز يالغۇز مەن خېسېننىڭلا سۆيگۈنى ئەمەس، بەلكى جۇڭگو پىرولېتارىيات سىنىپىنىڭ مەڭگۈلۈك سۆيگۈنى!» سەي خېسېن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاسارەت بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ «يولداش شياڭ جىڭيۈنىڭ تەرجىمىھالى»نى يېزىپ، ئۇنى چوڭقۇر ياد ئېتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

1939 - يىلى يەنئەندە ئۆتكۈزۈلگەن 8 - مارت ئاياللار بايرىمىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، ماۋ زېدۇڭ شياڭ جىڭيۈنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك باھا بېرىپ: «ئۇ ئاياللار ئازادلىقى، ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئازادلىقى، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلدى» دېگەن.

شياڭ جىڭيۈنىڭ ئىنقىلابىي روھى يۇرتىدا ۋارىسلىق قىلىنىپ، ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد شۈپۇلۇقلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشىغا ئىلھام بەرمەكتە.

ئەينى يىلى شياڭ جىڭيۈ قۇرغان شۈپۇ قىزلار مەكتىپىنىڭ نامى جىڭيۈ مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلدى، مەكتەپ قورۇسىدا ھەر كۈنى ئۇ ئەينى يىلى ئىجاد قىلغان مەكتەپ ناخشىسى ياڭراپ تۇرىدۇ: «ساۋاقداشلار تەييار تۇرۇڭلار، ئاياللار دۇنياسى ئۈچۈن نۇر چېچىڭلار!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.