تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

​ئەڭ پاك، ئەڭ ئالىيجاناب مۇھەببەت

جازا مەيدانىدىكى توي مۇراسىمى:

​ئەڭ پاك، ئەڭ ئالىيجاناب مۇھەببەت

جوۋ ۋېنيۇڭ بىلەن چېن تيېجۈننىڭ جازا ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى چۈشكەن سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ خۇڭيۈ

قانداق مۇھەببەت دۇنيادىكى ئەڭ پاك، ئەڭ ئالىيجاناب مۇھەببەت؟

گۇاڭدۇڭ فوشەن شەھىرى چەنچېڭ رايونىدىكى تيېجۈن باغچىسىدا، چېن تيېجۈننىڭ ئاق مەرمەردىن ياسالغان ھەيكىلى مەردانە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ ئوڭ قولىدا قەغەز تۇتقان، سول مۇشتىنى چىڭ تۈگۈۋالغان بولۇپ، قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن قورقماس قەھرىمانلىق جاسارىتى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. ھەيكەل ئالدىدا، بىر توپ ياش مۇشتىنى كۆتۈرۈپ قەسەم بېرىۋاتاتتى.

بۇ يەرگە ئانچە يىراق بولمىغان فوشەن شەھەرلىك تيېجۈن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىمۇ، چېن تيېجۈننىڭ يېرىم بەدەن ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، بىر جۈپ كۆزىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى. «يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىكى تۇنجى دەرس دەل ئىنقىلابىي قۇربان چېن تيېجۈننىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش.» تيېجۈن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى جاڭ لىچىن مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنى تيېجۈن روھىنى ئىچكى يادرو قىلغان قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشنى مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىگە سىڭدۈردۇق.

چېن تيېجۈن، ئەسلىي ئىسمى چېن شيېجۈن، 1904 - يىلى فوشەندىكى بىر ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىن باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1920 - يىلى، چېن تيېجۈن جىخۇا ئىككى دەرىجىلىك قىزلار مەكتىپى(ھازىرقى فوشەن شەھەرلىك تيېجۈن باشلانغۇچ مەكتىپى)گە كىرىپ ئوقۇپ، تەدرىجىي ھالدا يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى ئىدىيەنىڭ ئاقارتىش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان.

1924 - يىلى، چېن تيېجۈن گۇاڭدۇڭ داشۆ(ھازىرقى جۇڭشەن داشۆسى)سىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، ئەدەبىيات شۆيۈەنى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى خەلق ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە پائال ئاتلانغان. 1925 - يىلى شاڭخەيدە «30 - ماي قانلىق ۋەقەسى» پارتلىغاندىن كېيىن، چېن تيېجۈن گۇاڭجوۋدىكى 23 - ئىيۇن جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش چوڭ نامايىشىغا قاتناشقان. گومىنداڭ ئوڭچىللىرىنىڭ تۈرلۈك سەپسەتىلىرى ۋە جاھانگىرلارنىڭ ياۋۇز ئەپت - بەشىرىسى ئالدىدا، ئۇ كوممۇنىزملىق ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتقان، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى چېن شيېجۈندىن چېن تيېجۈنگە ئۆزگەرتىپ، بۇرۇنقى ئۆزى بىلەن ئادا - جۇدا بولۇش ھەمدە ئىنقىلابنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن.

1926 - يىلى، چېن تيېجۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئاياللار ئازادلىقى جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە باش كاتىپى، گۇاڭجوۋ - شياڭگاڭ ئىش تاشلاش ئەمگەكچى ئاياللار مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولغان. ئۇ ئوقۇغۇچىلىق فورمىسىنى سېلىۋېتىپ، چوڭ پەشلىك كۆڭلەك، كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتان كىيىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئىنقىلابىي خىزمەتنى قانات يايدۇرغان ھەم «پۇقرالار كەچلىك كۇرسى»غا بېرىپ ئىشداشلارغا دەرس ئۆتكەن.

1927 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى گۇاڭجوۋدا 15 - ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىغان، چېن تيېجۈن ئۆزىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئېسىلزادە ئايال قىياپىتىدە ياسىنىپ گۇاڭجوۋ روۋجى دوختۇرخانىسىغا يوشۇرۇن كىرىپ، ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈزبەرگەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرنى دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ رايونلۇق كومىتېتى ئاياللار كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دېڭ يىڭچاۋغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، ئۇنى بىخەتەر چېكىندۈرگەن.

15 - ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، چېن تيېجۈن مەكتەپتىن بوشىتىلىپ، شياڭگاڭغا كەلگەن. شۇ يىلى 8 - ئايدا، چېن تيېجۈن تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىپ، جوۋ ۋېنيۇڭ بىلەن يالغاندىن ئەر - خوتۇن بولۇپ، بىللە گۇاڭجوۋغا قايتىپ پارتىيە خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەم گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭىغا تەييارلىق قىلغان.

جوۋ ۋېنيۇڭ، 1905 - يىلى گۇاڭدۇڭ كەيپىڭدا تۇغۇلغان، 1925 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ رايونلۇق كومىتېتى خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭجوۋ ئىشچىلار تەرتىپ ساقلاش ئەترىتىنىڭ باش ئەترەت باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭجوۋ شەھەرلىك كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، قوشۇمچە شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

جوۋ ۋېنيۇڭ بىلەن چېن تيېجۈن گۇاڭجوۋدا بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ مەخپىي ئورگىنىنى قۇرۇپ ئىنقىلابىي خىزمەتنى قانات يايدۇرغان. 1927 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جوۋ ۋېنيۇڭ نەچچە مىڭ ئىشچىنى باشلاپ ۋاڭ جىڭۋېينىڭ قەسىرىنى قورشاپ، قولغا ئېلىنغان ئىشچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مۇراجىئەت قىلىش نامايىشىدا، جوۋ ۋېنيۇڭ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دەرھال قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن، چېن تيېجۈن پىلانلاش ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە قاتناشقان ھەم جوۋ ۋېنيۇڭنى تۈرمىدىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. ئورتاق ئىنقىلابىي خىزمەت ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە، ئىككىيلەننىڭ مۇھەببىتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشقان.

1927 - يىلى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تاڭ سەھەردە گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭى پارتلىغان ھەم شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «گۇاڭجوۋ سوۋېت ھۆكۈمىتى»نىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان، جوۋ ۋېنيۇڭ گۇاڭجوۋ سوۋېت ھۆكۈمىتى خەلق ئەمگەك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان. لېكىن ئەكسىيەتچى كۈچلەر تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەچكە، دۈشمەن بىلەن بولغان كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا زور پەرق بولغاچقا، گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭى ئاخىر مەغلۇپ بولۇپ، جوۋ ۋېنيۇڭ بىلەن چېن تيېجۈن چېكىنىپ شياڭگاڭغا بارغان.

1928 - يىلىنىڭ بېشىدا، جوۋ ۋېنيۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە گۇاڭجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەم يەنە بىر قېتىم تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، چېن تيېجۈن بىلەن ئەر - خوتۇن قىياپىتىدە ياسىنىپ گۇاڭجوۋغا قايتىپ كېلىپ، پارتىيە ئورگىنىنى قايتىدىن قۇرغان. خائىن ساتقىنلىق قىلغاچقا جوۋ ۋېنيۇڭ بىلەن چېن تيېجۈن بىرلا ۋاقىتتا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

تۈرمىدە، دۈشمەنلەر «ئايروپىلان ئۇچۇرۇش» «يولۋاس ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇش» قاتارلىق ۋەھشىي جازالارنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن جوۋ ۋېنيۇڭ بىلەن چېن تيېجۈن باشتىن - ئاخىر قەتئىي تىز پۈكمەي، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ھېچقانداق مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىمىغان. كامېردا، جوۋ ۋېنيۇڭ تامغا مۇنداق مەردانە شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان: «بېشىم كېسىلىپ، پۇت - قولۇم سۇنسا مەيلىكى، ئىنقىلابىي روھتىن كەچمەيمەن ھامان. ئەزىز بېشىم پارتىيە ئۈچۈن كەتسە مەيلى، جىسمىم پىدادۇر ئەل ئۈچۈن تامام».

جازا مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلىشتىن بۇرۇن، جوۋ ۋېنيۇڭ چېن تيېجۈن بىلەن بىر پارچە سۈرەتكە چۈشۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغان. سۈرەتتە، ئىككىيلەن كامېر ئىشىكى ئالدىدا ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ ئۆلۈمگە قىلچە پىسەنت قىلماي تۇرغان.

1928 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىككىيلەن گۇاڭجوۋنىڭ شەرقىي شەھەر ئەتراپىدىكى خۇڭخۇاگاڭ جازا مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىككىيلەن يول بويى «گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى يوقىتايلى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشىسۇن» دەپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىغان.

جازا ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇلار قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى مۇھەببىتىنى كۆپچىلىككە ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان ھەم تەنتەنىلىك ھالدا توي قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. جازا مەيدانىدا، ئىككىيلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قەددىنى تىك تۇتۇپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. جازا مەيدانى مۇراسىم زالىغا، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ مىلتىق ئاۋازى ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمىدىكى ھۆرمەت توپىغا ئايلانغان.

چېن تيېجۈننىڭ يۇرتى بولغان فوشەن شەھىرى چەنچېڭ رايونى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى دەۋردىكى «تيېجۈن روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇردى ھەم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ «تيېجۈندىن ئۆگىنىش، تيېجۈندەك بولۇش، تيېجۈنچە بەرپا قىلىش − مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «پۈتۈن رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا تيېجۈن روھىنى قېنىغا سىڭدۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق ھەم ئامما خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۇنىڭدىن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ قوبۇل قىلدۇق» دېدى چەنچېڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شاۋۋېن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.