شيا مىڭخەن:
قىزىل قەلبى بىلەن «كېيىنكىلەر»گە مەڭگۈلۈك نۇر ئاتا قىلىش
شيا مىڭخەننىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بەي تيەنتيەن
ياپيېشىل تاغ، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ، قارا كۆك رەڭلىك كاھىش، خۇنەن خېڭياڭ ناھىيەسىنىڭ خۇڭشى بازىرى مىڭخەن كەنتىگە جايلاشقان شيا مىڭخەننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، بەزىلەر يەنە ئەسلىي تۇرالغۇ ئالدىدىكى تۈز يەردە «مىكرو پارتىيە دەرسى» ئۆتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەر شۇ جايدىكى قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، قىزىل ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى.
خېڭياڭ ناھىيەسىنىڭ جاجياڭ بازىرىدىكى كەنت ئاھالىسى ياڭ خۇائې بەش ياشلىق قىزىنى يېتىلەپ، شيا مىڭخەننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا 3 - قېتىم كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ تارتقان جاپالىرىنى كۆرۈپ، يەنە بىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان بەخت بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم».
قەتئىي ماركسىزمچى، كۆزگە كۆرۈنگەن كوممۇنىزم جەڭچىسى شيا مىڭخەن (1928 − 1900)، تەخەللۇسى گۇي گېن بولۇپ، دادىسى ئەمەلدار بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇبېينىڭ زىگۇيدە تۇغۇلغان، 12 يېشىدا ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەگىشىپ يۇرتى خېڭياڭغا قايتىپ كەلگەن. ئۆسمۈر شيا مىڭخەن جاپاكەش خەلققە يېقىنلىشىپ، چەت ئەلدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە بولغان قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. بىر قېتىم ئۇ ئانىسى بىلەن خەنكوۋدىن ئۆتكەندە، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چاڭجياڭ دەرياسىدا چەت ئەلنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان پاراخوتنىڭ ئۇرۇپ - سوقۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەنگەن، شۇ ھامان «دۆلەتنىڭ ئار - نومۇسىدىن پەيدا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ يوقىلىشى تەس» دېگەن شېئىرنى يازغان.
1917 - يىلى ئەتىيازدا، شيا مىڭخەن بوۋىسىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا، «سانائەت ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتقۇزۇش» ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خۇنەن ئۆلكىلىك ئۈچىنچى A تۈردىكى سانائەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. 1919 - يىلى 4 - ماي ھەرىكىتى پارتلىغاندا، ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، ياپونىيە ماللىرىنى توسۇش قاتارلىق بىر قاتار ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرغان.
1920 - يىلى، شيا مىڭخەن چاڭشادا ماۋ زېدۇڭ بىلەن تونۇشقان. 1921 - يىلى ماۋ زېدۇڭ، خې شۇخېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن شيا مىڭخەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن، شيا مىڭخەن چاڭشادا ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، رىكشىچىلارنىڭ ئىش تاشلاش كۈرىشىگە قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، رىكشىچىلارغا ۋاكالىتەن دائىرىلەرگە «بىز ئىجارە ھەققى قوشۇشقا قارشى تۇرىمىز، بىز جان بېقىشىمىز كېرەك» دېگەن مەيدانىنى كەسكىن بىلدۈرۈپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن.
1924 - يىلى، شيا مىڭخەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇنەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، يېزا خىزمىتى كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1926 - يىلى 2 - ئايدا، ئۇ ۋۇخەنگە بېرىپ مەملىكەتلىك دېھقانلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، قوشۇمچە ماۋ زېدۇڭ ۋە مەركەز دېھقانلار ھەرىكىتى كۇرسىنىڭ كاتىپى بولغان. 1927 - يىلى 6 - ئايدا، شيا مىڭخەن خۇنەنگە قايتىپ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان. شۇ يىلى 7 - ئايدا چوڭ ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىنى قوزغاشقا قاتناشقان. 10 - ئايدا، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ئۇنى قوشۇمچە پىڭ (جياڭ) ليۇ (ياڭ) ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەشكە ئەۋەتكەن، ئۇ پىڭجياڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىنى قوزغاشقا رەھبەرلىك قىلغان.
1928 - يىلى 1 - ئايدا، پارتىيە تەشكىلاتى شيا مىڭخەننىڭ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىغا بېرىپ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قارار قىلغان. 1928 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن شيا مىڭخەن بەختكە قارشى قولغا ئېلىنغان. 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سەھەردە، جازا مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلغان. جازا ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن، دۈشمەن شيا مىڭخەندىن يەنە دەيدىغان گېپىڭ بارمۇ دەپ سورىغاندا، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: «بار، ماڭا قەغەز، قەلەم ئەكېلىپ بەر!» دېگەن، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە، شۇ يىلى ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن شيا مىڭخەن مەردۇ مەردانىلىككە تولغان: «بېشىمنى كەسسىمۇ چاغلىق كارايىتى، پەقەت ئېتىقادىم بولسىلا چىن ۋە ھەقىقىي. شيا مىڭخەننى ئۆلتۈرگەن بىلەن، تۈمەنلىگەن كېيىنكىلەر باردۇر يەنە!» ناملىق قۇربان بولۇش ئالدىدىكى شېئىرنى يازغان.
شيا مىڭخەن قۇربان بولغاندىن كېيىن 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئىنىسى شيا مىڭجېن خۇنەننىڭ جەنۇبىدىكى قوزغىلاڭدا قەھرىمانلارچە جان پىدا قىلغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا سىڭلىسى شيا مىڭخېڭ دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، ھەققانىيەت يولىدا قۇربان بولغان. ئىنىسى شيا مىڭپى، جىيەنى ۋۇ يىجۇاڭمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىنقىلاب ئۈچۈن ياش ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شيا مىڭخەننىڭ خوتۇنى جېڭ جياجۈن مەخسۇس ۋۇخەنگە بېرىپ ياد ئېتىپ، تولۇپ تاشقان چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن چىلۈ بويىچە بىر كۇپلېت: «جەسەتلەردىن غايەت زور دولقۇن ھاسىل بولىدۇ، قىزىل قەلب كېيىنكىلەرگە مەڭگۈلۈك نۇر ئاتا قىلىدۇ، بۈگۈن ھەممە يەردە قىزىل قەلبلەرنى كۆرۈپ، قەھرىمانلارنىڭ روھى ئەتىگەنكى قۇياشقا تەبەسسۇم بىلەن باقتى» دېگەن شېئىرنى يازغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېڭياڭ ناھىيەسى «چىن، ھەقىقىي ئېتىقادنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى ئىزباسارلاردىن بولۇش»نى باش تېما قىلىپ، بىر قاتار ئاممىۋى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. شيا مىڭخەننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، يېڭىدىن قۇرۇلغان «شيا مىڭخەن پارتىيەۋىلىك تەربىيە بازىسى» ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئىچىدە «ئېتىقاد − نۇر» «ئېتىقاد − پولات» قاتارلىق باش تېمىلىق كۆرگەزمە بار. زالدىكى قىزىل قۇم تاشتىن ياسالغان ھەيكەللەر خۇددى ئىنقىلابىي ئەجدادلار توپى ئۇدۇلدىن «مېڭىپ كېلىۋاتقان»دەك كۆرۈنەتتى، ئۈستىگە «پولاتتەك ئېتىقاد» دېگەن چوڭ خەتلىك قاپارتما نەقىش چۈشۈرۈلگەنىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خېڭياڭ ناھىيەلىك كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ جىچۇن مۇنداق دېدى: شيا مىڭخەن ھاياتى ئارقىلىق ئېتىقاد مەدھىيە ناخشىسىنى يازدى، ئۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلگىسى. شيا مىڭخەندىن ئۆگىنىشتە دەل ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش مەقسەت قىلىنغان.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)