ساۋەن شەھىرى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى:
پارچە يەرلەرنى بىرىكتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپ مەنبەلىك ئاشۇردى
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە، ئىختىيارىي مۇخبىر زېڭ جاۋمېي
5 - ئاينىڭ بېشىدا، ساۋەن شەھىرى داچۇەن يېزىسى شاۋفاڭ جۇاڭزا كەنتىدە، كۆز يەتكۈدەك يەرنىڭ ھەممىسى تۈز ۋە تەكشى كەتكەن كېۋەزلىك بولۇپ، كېۋەز مايسىلىرى رەتلىك، بولۇق ئۆسكەنىدى. 1000 مودىن ئارتۇق كېلىدىغان بۇ يەر ساۋەن شەھىرى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ: شۇاڭچۈەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېيىلىدۇ) بىرىكتۈرگەن يەرلەرنىڭ بىرى.
شۇاڭچۈەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ كەنتتە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى. سەككىز يىلدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى ئەڭ دەسلەپكى 67 ئائىلىدىن ھازىرقى 887 ئائىلىگە كۆپەيدى، يېرى ئىلگىرىكى 2800 نەچچە مودىن ھازىرقى 48 مىڭ 600 نەچچە موغا كۆپەيدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرلەرنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى شەكىللەندۈردى، شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى ئېتىزدىن چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش پۇرسىتىنى تۇتتى.
يەرنى بىرىكتۈرۈپ كۆلەملىك تېرىدى
يەرنى بىرىكتۈرۈش تىلغا ئېلىنسا، گەپنى يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خې خۇڭتاۋدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
2012 - يىلى ئەتىيازدا، شاۋفاڭ جۇاڭزا كەنتىدە يەرلەرنى بىرىكتۈرۈش باشلاندى. «دېھقانلارنىڭ پارچە، تارقاق يەرلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەڭ تېرىدۇق، بۇنداق قىلغاندا ھەم ئادەم كۈچى تەننەرخىنى ئازايتقىلى، ھەم ھوسۇلنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن» دېدى خې خۇڭتاۋ.
ئۇ قانداق قىلىپ دېھقانلارنى يېرىنى خاتىرجەم ھالدا ئۆزىگە ئوبوروت قىلىپ بېرىشكە ئۇنىتالىدى؟ خې خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: «مەن ئەينى چاغدا كېۋەزنى <قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىدىغان> تېرىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇردۇم، كەنت ئاھالىلىرى تېرىلغان ئۇرۇقنىڭ ئىلگىرىكى ئۇرۇققا ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن يېڭى تېخنىكىغا پاسسىپ مۇئامىلە قىلدى.» مايسا ئۆنۈپ چىققاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى كېۋەزنىڭ ئۈنۈش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاندىن خې خۇڭتاۋغا ئىشەندى.
كېيىن، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ۋە ئىشلىتىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆردى.
2013 - يىلى 1 - ئايدا، ساۋەن شەھىرى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى رەسمىي رويخەتكە ئېلىنىپ قۇرۇلدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى يەرلەرنى بىرىكتۈرۈش سۈرئىتىنى ئالغا سىلجىتتى، پۈتۈن كەنتتىكى 700 پارچىغا يېقىن تارقاق يەر بىرىكتۈرۈلۈش ئارقىلىق، 3000 مودىن ئارتۇق يەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلۇپ، 11 پارچە پۈتۈن يەر شەكىللەندى.
بۇلتۇر، شاۋفاڭ جۇاڭزا كەنتى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەر مۈلۈك ھوقۇقى كىنىشكىسى بولغاچقا، يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تېخىمۇ خاتىرجەم تاپشۇرۇپ بەردى» دېدى خې خۇڭتاۋ.
نۆۋەتتە، داچۈەن يېزىسىدىن باشقا، شۇاڭچۈەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە جىنگوۋخې بازىرى ۋە بورتۇڭگۇ چارۋىچىلىق مەيدانى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ يەرنى بىرىكتۈرۈشنى قانات يايدۇردى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېرى 48 مىڭ مودىن كۆپرەككە يەتتى.
ئاقىل يېزا ئىگىلىكى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈم ئاشۇردى
«دېھقانلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەچكە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرىكتۈرگەن يەرلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. ئەمدى، قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ قىممەت يارىتىش ئاچقۇچ» دېدى خې خۇڭتاۋ.
پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پايدىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇاڭچۈەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى پائال تۈردە كېۋەز ئۇرۇقلۇقى كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كېۋەز سورتىنى تەجرىبە قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى، نۆۋەتتە بەش كېۋەز ئۇرۇقلۇقى كارخانىسى بىلەن بىرلىكتە ئالتە خىل سورت تېرىلغان 6000 مو كېلىدىغان تەجرىبە ئېتىزى بەرپا قىلدى.
خې خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: «سورتلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بىز ئەڭ ئاخىرىدا بۇ رايونغا ماس كېلىدىغان، ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولغان مەھسۇلاتنى تاللاپ چىقىپ، كېيىنكى يىلى تېرىيدىغان ئاساسلىق سورت قىلدۇق. ئەڭ تۆۋەن سېلىنما، ئەڭ ياخشى پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەتكە قاراپ باھا قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق».
ياخشى سورت ئاساسى بولغاندىن كېيىن، كېيىنكى باسقۇچتا قانداق تېرىش كېرەك؟ خې خۇڭتاۋ ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى تاللىدى. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جەھەتتە، شۇاڭچۈەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش سۇپىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى ئىشلەتتى؛ ئېتىزلارنى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش جەھەتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللاپ، ھاشارات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ سىگنال بېرىش چىرىغى، نەملىك ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
«قاراڭلار، مەن يان تېلېفونۇمغا قاچىلانغان ئاپتوماتىك سۇغىرىش، ئوغۇتلاش سىستېمىسىنى ئېچىپ، ئېكراننى بىرنەچچە قېتىم يېنىك چېكىپ قويساملا، سۇغىرىش باشلىنىدۇ، بۇ، سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى تېجەپلا قالماي، يەنە ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلەتتى» دېدى خې خۇڭتاۋ يان تېلېفونىدىكى بۇلتۇر قاچىلانغان بىر يۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىنى مۇخبىرلارغا كۆرسىتىپ.
كۆلەملىك تېرىقچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلەن پۈتۈن جەرياننى ماشىنىلاشتۇرۇش قوشۇلغاچقا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىغان كېۋەزدىن ئېلىنغان ئەڭ دەسلەپكى چىگىتلىك پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 300 نەچچە كىلوگىرامدىن بۇلتۇرقى 420 كىلوگىرامغا يەتتى. «پاختا ياردەم تولۇقلىمىسىنى قوشقاندا، كوپىراتىپ ئەزالىرى ھەرمو يەردىن 1200 يۈەن تاپالايدۇ» دېدى خې خۇڭتاۋ پەخىرلەنگەن ھالدا.
كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات كىرىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى
بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئارقىلىق، يەرنى پاي قىلىپ قوشقانلارغا پايدا تەقسىملەشنى يولغا قويدى. «ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشقۇرۇشقا قاتناشقان كەنت ئاھالىسى 130دىن ئاشىدۇ، ھەربىر باشقۇرغۇچىغا تەقسىم قىلىنغان پايدا ئۆزى يەر تېرىپ تاپقىنىدىنمۇ كۆپ بولدى» دېدى خې خۇڭتاۋ.
بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى قايرۇللا چېلىزا ئائىلىسىنىڭ 20 نەچچە مو يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا باشقۇرغۇچى بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر يىلدا 80 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىملەندى، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر يىلدا 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. قايرۇللا مۇنداق دېدى: «يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تاپشۇرۇپ خاتىرجەم بولدۇم، پايدا تەقسىم قىلىنىپلا قالماي، باشقۇرغۇچى بولسام يەنە كىرىمىم بار، بۇ ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ئىش ئىدى».
كەنت ئاھالىسى شۈ لىخەي بىلەن ليۇ پىڭ ئەر - خوتۇن ئائىلىسىدىكى 30 موغا يېقىن يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللاندى، ئۈچ يىل ئىلگىرى يەنە 280 مىڭ يۈەن خەجلەپ يېڭى پىكاپ ئالماشتۇردى.
«مەن پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ، بىر يىلدا كۆپ پۇل تاپالايمەن، يەنە ئائىلەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، ئېرىم مەخسۇس تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر يىلدا 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە، يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىككى كىشىلىك كىرىمى بولۇش نورمال ئەھۋال» دېدى ليۇ پىڭ.
ھازىرغا قەدەر، شاۋفاڭ جۇاڭزا كەنتىدە 300دىن ئارتۇق كىشى يېمەك - ئىچمەك، تىرانسپورت قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپ مەنبەلىك ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى.