تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

دۈشمەن گازارمىسىدىكى ئاخبارات تۈگۈنىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئۆلۈم خەۋپىگە قارىماي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش

مەخپىي خىزمەت سېپىدىكى قالتىس شەخس چيەن جۇاڭفېي:

دۈشمەن گازارمىسىدىكى ئاخبارات تۈگۈنىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئۆلۈم خەۋپىگە قارىماي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش

چيەن جۇاڭفېينىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن شياۋشېڭ

تاغلار يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ياپيېشىل ئارچىلار قويۇق ئۆسكەنىدى. جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ شەرق تەرىپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەخپىي ئۇرۇش سېپىدە جەڭ قىلغان «يولۋاس ئۇۋىسىدىكى ئۈچ ئەزىمەت»نىڭ بىرى بولغان ئىنقىلابىي قۇربان چيەن جۇاڭفېينى خاتىرىلەش ئۈچۈن سېلىنغان خاتىرە سارىيى بار. بۇ يىل چيەن جۇاڭفېي قۇربان بولغانلىقىنىڭ 86 يىللىقى.

چيەن جۇاڭفېي خاتىرە سارىيىغا كىرگىنىمىزدە، چېچىنى كەينىگە تارىۋالغان، يۇمىلاق رامكىلىق كۆزەينەك تاقىغان، كاستۇم - بۇرۇلكا، ئۆتۈك كىيگەن ئېگىز بويلۇق بىر ياشنىڭ ئاق مەرمەر ھەيكىلى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ، بۇ ياش دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى مەخپىي ئۇرۇش سېپىدە جەڭ قىلغانلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى.

چيەن جۇاڭفېينىڭ ئەسلىي ئىسمى چيەن جۇاڭچيۇ، يەنە بىر ئىسمى چيەن چاۋ بولۇپ، جېجياڭ خۇجوۋدىكى بىر يىپەك سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1915 - يىلى، ئۇ بېيجىڭ تېببىي مەخسۇس مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، كېيىن بېيجىڭدا قېلىپ دوختۇرلۇق قىلغان. 1926 - يىلى قېيىنئىنىسى جاڭ شيەنجۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

چيەن جۇاڭفېي ھەر تەرەپتىن تالانتلىق بولۇپ، داۋالاش تېخنىكىسىغا پىششىق بولغاندىن سىرت، يەنە خەتتاتلىق، رەسساملىققا ماھىر ئىدى، ئىلگىرى جۇڭگونىڭ تۇنجى رەڭسىز چامباشچىلىق فىلىمى «يەنشەن تېغىدىكى پالۋان»دا باش رول ئالغان. چيەن جۇاڭفېينىڭ ئوغلى چيەن جياڭ «دادام چيەن جۇاڭفېينى ئەسلەيمەن» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق يازغان: «دادام دائىم ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئىنقىلابىي خىزمىتىنى يوشۇراتتى، بەزىدە دوختۇر، بەزىدە گۈزەل سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولاتتى، بەزىدە كىچىك گېزىتلەردە مۇھەررىرلىك قىلاتتى، بەزىدە يەنە كىنولاردا رول ئالاتتى. ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەسىپ ئۆزگەرتىشى ئۇنى كەڭ دائىرىدە دوست تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان، بۇ ئۇنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى پايدىلىق شارائىت ئىدى».

1927 - يىلى چوڭ ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چيەن جۇاڭفېي ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ شاڭخەيگە بېرىشقا مەجبۇر بولغان. 1928 - يىلى يازدا، ئۇ سىمسىز تېلېگراف تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنغان، خۇجوۋلۇق يۇرتدىشى بولغان مەسئۇل كىشى شۈ ئېنزېڭنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن، كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە نەنجىڭغا بېرىپ، گومىنداڭنىڭ ئاخبارات ئورگىنىغا كىرگەن.

1929 - يىلى، چيەن جۇاڭفېي جوۋ ئېنلەي رەھبەرلىكىدىكى مەركەز ئالاھىدە ھەرىكەت بۆلۈمىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە كىرىپ، تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۈ ئېنزېڭنىڭ مەخپىيەت كاتىپى بولغان.

چيەن جۇاڭفېينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق، لى كېنۇڭ بىلەن خۇ دى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گومىنداڭنىڭ ئىشپىيونلۇق ئورگىنىغا كىرگەن، لى كېنۇڭ شاڭخەي سىمسىز تېلېگراف باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشپىيونلۇق بۆلۈمچىسىنىڭ باشلىقى بولغان، خۇ دى تيەنجىن «چاڭچېڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقى»نىڭ باشلىقى بولغان. چيەن جۇاڭفېي ئۆزى نەنجىڭدا تۇرۇپ «جېڭيۈەن ئوقەتچىلىك كوپىراتىپى»نى ساقلىغان ھەم گومىنداڭ ئاخبارات ئورگىنى «چاڭجياڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقى»نى باشقۇرغان.

شۇنداق قىلىپ، ئۈچ كوممۇنىست گومىنداڭ ئىشپىيونلۇق باش ئورگىنىدا تۆمۈر ئۈچبۇرجەك بولۇپ شەكىللىنىپ، يولۋاس ئۇۋىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئاخبارات ئىگىلەپ، خۇددى ئۆتكۈر شەمشەردەك گومىنداڭنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغان. شۇڭا، ئۇلار جوۋ ئېنلەي تەرىپىدىن ئاخبارات ساھەسىدىكى «يولۋاس ئۇۋىسىدىكى ئۈچ ئەزىمەت» دەپ ئاتالغان.

چيەن جۇاڭفېينىڭ قالتىس ھاياتىدا، كىشىلەر مەدھىيەلەيدىغان بىر ئاجايىپ تۆھپىسى بار − ئۆلۈم خەۋپىگە قارىماي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش.

1931 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، مەركەز ئالاھىدە ھەرىكەت بۆلۈمى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل 3 - بۆلۈمنىڭ بۆلۈم باشلىقى گۇ شۇنجاڭ قولغا ئېلىنىپ، ئارقىدىنلا ئاسىيلىق قىلغان. گۇ شۈنجاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بارلىق يادرولۇق مەخپىيەتلىكىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىگىلىگەن بولۇپ، شاڭخەيدىكى بارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ھەم مەخپىي تۇرالغۇسىنىڭ ئورنىنى، جۈملىدىن چيەن جۇاڭفېينىڭ ئەھۋالىنىمۇ پىششىق بىلەتتى. ئۇنىڭ ئاسىيلىق قىلىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا نىسبەتەن ئېغىر بالايىئاپەت ھېسابلىناتتى.

تېلېگراممىنىڭ دىت - دىت، دىت - دىت قىلغان ئاۋازى 1931 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يېرىم كېچىدە ياڭرىدى، بۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى كېچىدە، شۈ ئېنزېڭ شاڭخەيگە كېتىپ، چيەن جۇاڭفېينى «جېڭيۈەن ئوقەتچىلىك كوپىراتىپى»دا كېچىلىك ئىسمېنىدا نۆۋەتچىلىك قىلىشقا قالدۇرغانىدى، ئۇ ۋۇخەندىن گومىنداڭنىڭ مۇھىم خادىمى چېن لىفۇ ۋە شۈ ئېنزېڭغا ئۇدا ئەۋەتىلگەن ئالتە پارچە ئالاھىدە جىددىي مۇتلەق مەخپىي تېلېگراممىنى بايقىغان، كەسپىي سەزگۈرلۈكىگە تايىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان.

چيەن جۇاڭفېي كۆپ ئويلىمايلا، كەسكىنلىك بىلەن مەخپىي تېلېگراممىنى سۆكۈپ، تېلېگرامما تېكىستىنى يەشكەندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن − «لى مىڭ قولغا ئېلىندى ھەمدە ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. ئەگەر تېزلىكتە نەنجىڭغا يالاپ ئېلىپ بېرىلسا، ئۈچ كۈن ئىچىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئورگىنىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى تازىلىغىلى بولىدۇ.» تېلېگراممىدىكى «لى مىڭ» دەل گۇ شۇنجاڭ ئىدى.

خەتەرلىك، جىددىي پەيتتە، چيەن جۇاڭفېي پارتىيەمىزنىڭ يەر ئاستى ئالاقىچىسى، ئۆزىنىڭ كۈيۈئوغۇلى ليۇ چىفۇنى كېچىلەپ يول يۈرۈپ شاڭخەيگە بېرىپ لى كېنۇڭغا خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن، لى كېنۇڭ ئاخباراتنى بىرىنچى ۋاقىتتا جوۋ ئېنلەيگە ئۇقتۇرغان. جوۋ ئېنلەي دەرھال كەسكىن قارار چىقىرىپ، شاڭخەيدىكى پارتىيە تەشكىلاتىنى جىددىي يۆتكىگەن، ھەم گۇ شۇنجاڭ بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىنى ئۈزگەن.

پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يۆتكىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش، دۈشمەننىڭ دىققىتىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن، چيەن جۇاڭفېي پەرزەنتلىرىنى ۋاقتىنچە نەنجىڭدا قالدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ ئىشتىن كېيىن، چيەن جۇاڭفېينىڭ قىزى، كۈيۈئوغۇلى قولغا ئېلىنغان، كېيىن شۈ ئېنزېڭنىڭ يۈرىكى پوك - پوك بولغاچقا يەنە ئۇلارنى قويۇپ بەرگەن.

گومىنداڭ ئەسلىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئورگىنىدىكىلەرنى بىراقلا تورغا چۈشۈرەلەيمىز دەپ ئويلىغان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن خۇددى بامبۇك سېۋەتتە سۇ تۇرمىغاندەك ھەممىدىن قۇرۇق قالغان.

زۇڭلى جوۋ ئېنلەي كۆپ قېتىم تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېگەن: يولداش چيەن جۇاڭفېي بولمىسا، بىز ھەممىمىز گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قولىدا ئۆلگەن بولاتتۇق.

چيەن جۇاڭفېينىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن، شاڭخەيدىن چېكىنىپ، مەركىزىي سوۋېت رايونىغا بارغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ قىزىل ئالاھىدە خادىملىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. كېيىن مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، باش سەنمۇبۇ 2 - ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان، زۈنيى يىغىنىدىن كېيىن قىزىل ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان.

1935 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، چيەن جۇاڭفېي گۇيجوۋ ۋۇجياڭ ئەتراپىدا گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلان بىلەن بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچراپ، قىسىم بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، كېيىن قۇربان بولغان، دەپ بېكىتىلگەن.

چيەن جۇاڭفېينى كۆپ يىل تەتقىق قىلغان خۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە تارىخى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى پەن ۋېيمىن مۇنداق دېدى: «چيەن جۇاڭفېيغا ئوخشاش بۇنداق زىيالىي، قابىلىيەتلىك كىشىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەگە كىرىشى، دەل ئۇنىڭ كوممۇنىستىك غايە - ئېتىقادنىڭ توغرىلىقىنى ھەقىقىي چۈشەنگەنلىكىدىندۇر».

«كۆپ يىللاردىن بۇيان مەن بوۋامنىڭ ئىزىنى بويلاپ، مەخپىي ئۇرۇش سېپىدىكى بۇ قەھرىمانلار - قۇربانلارنى تەتقىق قىلىپ كەلدىم، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەڭ ئەرزىيدىغان ئىككى نەرسىنى − <ساداقەتمەنلىك>، <ئېتىقاد>نى بايقىدىم.» چيەن جۇاڭفېينىڭ چوڭ نەۋرىسى چيەن خۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ يىللاردا قول يازما يېزىپ، ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ دەرس سۆزلىگەن بولۇپ، بوۋىسىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئەسلىي مەقسىتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.