تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جۇڭگو ياشلىرى قىزغىن سۆيىدىغان داھىي

يۈن دەييىڭ:

جۇڭگو ياشلىرى قىزغىن سۆيىدىغان داھىي

يۈن دەييىڭنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى ۋېي

«دۆلەتنى قۇتقۇزماي بولمايدۇ، باشقىلار قۇتقۇزۇشنى خالىمىسا، ئۆزۈمگىلا تايىنىمەن!» دەپ توۋلىدى ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك يەكتەك كىيگەن «ياش يۈن دەييىڭ» قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەردانە، جاراڭلىق سۆزلەر خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسىنىڭ يۈن دەييىڭ مەيدانى ئەتراپىدا ياڭرىدى...

بۇ يىل 4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، يۈن دەييىڭ قۇربان بولغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان ئىجادىي ئەسلىمە تىپىدىكى باش تېمىلىق تەربىيەۋى دىراما «ياخشىمۇسىز، يۈن دەييىڭ» مەيداننىڭ مەركىزىدە ئوينالدى. مەيداندا ياش يۈن دەييىڭنىڭ ئاق مەرمەر ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇ ئۇچىسىغا يەكتەك كىيگەن بولۇپ، سالاپەتلىك، مەدەنىي كۆرۈنەتتى، قولىدا كىتاب تۇتقان، كۆزەينەك تاقىۋالغان بولۇپ، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى. ياش يۈن دەييىڭنىڭ رولىنى ئالغۇچى، خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ جياخاۋنىڭ ئاۋازى خۇددى زامان، ماكاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ياش داھىي يۈن دەييىڭنىڭ ساداسىغا جور بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.

يۈن دەييىڭ، ئەسلىي يۇرتى جياڭسۇ ۋۇجىن، 1895 ـ يىلى خۇبېي ۋۇچاڭدا تۇغۇلغان. ئۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان، 1918 ـ يىلى جۇڭخۇا داشۆسى (ئەسلىدىكى خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسى)نىڭ پەلسەپە شىسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەكتەپتە قېلىپ ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان، ۋۇخەن رايونىدىكى 4 ـ ماي ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ 1920 ـ يىلى لىچۈن كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتىنى قۇرغان، كېيىن يەنە گوڭسۈن جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەدەنىيەت ۋە ماركسىزمنى تارقاتقان. ئۇ 1921 ـ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1923 ـ يىلى شاڭخەي داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى بولغان، شۇ يىلى 8 ـ ئايدا جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ سايلانغان، «جۇڭگو ياشلىرى» ژۇرنىلىنى چىقارغان ۋە باش مۇھەررىر بولغان، بۇ ژۇرنال بىر ئەۋلاد ياشلارنى يېتىشتۈرگەن ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسەتكەن.

1924 ـ يىلى، يۈن دەييىڭ گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقىدىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئىشلىگەن، 1925 ـ يىلى 30 ـ ماي ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان، 1926 ـ يىلى 5 ـ ئايدا پارتىيە ئۇنى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىگە ئەۋەتىپ، سىياسىي مۇدىر، مەشىق يېتەكچىسىلىكىگە تەيىنلىگەن. 1927 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، ئۇ ۋۇخەنگە بېرىپ مەركىزىي كومىتېت ھەربىي سىياسىي مەكتىپىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، سىياسىي باش مەشىق يېتەكچىسى بولۇپ، جياڭ جيېشى، ۋاڭ جىڭۋېينىڭ ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىش قىلمىشىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلغان. 7 ـ ئايدا، يۈن دەييىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن جيۇجياڭغا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئالدىنقى سەپ كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، نەنچاڭ قوزغىلىڭىنى تەشكىللەش ۋە قوزغاشقا قاتناشقان. 12 ـ ئايدا، ئۇ گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان، گۇاڭجوۋ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان.

1928 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يۈن دەييىڭ شاڭخەيگە بېرىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئىلگىرى مەركەزنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «قىزىل بايراق»نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1929 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 6 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان.

يۈن دەييىڭ مەردانە ئىنقىلابىي جەڭچى، شۇنداقلا دۈشمەن چىش ـ تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى. خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدىكى چېغىدىلا، يۈن دەييىڭ جياڭ جيېشى تەرىپىدىن «خۇاڭپۇدىكى تۆت كۈچلۈك»نىڭ بىرى دەپ قارالغان. گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقى بۇزۇلغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئىزچىل تۈردە يۈن دەييىڭنى نۇقتىلىق تۇتۇش ئوبيېكتى قىلغان. 1930 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، يۈن دەييىڭ شاڭخەيدە گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدە يۈن دەييىڭ دۈشمەننىڭ تەھدىتى، ئازدۇرۇشى ئالدىدا قەتئىي باش ئەگمىگەن. 1931 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئۇ نەنجىڭدا ئۆلتۈرۈلگەن، شۇ يىلى ئاران 36 ياشتا ئىدى.

يۈن دەييىڭنىڭ روھى يەنىلا ھازىرقى زامان كىشىلىرىنى رىغبەتلەندۈرمەكتە. خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسىنىڭ 75 ياشلىق پارتىيە تارىخى تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى، دىراما «ياخشىمۇسىز، يۈن دەييىڭ»نىڭ يېتەكچىسى لى لياڭمىڭ مۇنداق دېدى: «يۈن دەييىڭ خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مەكتەپداش، يۈن دەييىڭنىڭ ھېكايىسىنى ئىزچىل سۆزلەش، قىزىل مەكتەپ تارىخىنى ياخشى سۆزلەش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 5 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.