چۈ چيۇبەي:
كۆپچىلىككە بىر پارلاق يول ئېچىپ بەردى
چۈ چيۇبەينىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چيۇ بىڭچىڭ
يېقىندا، جياڭسۇ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ «خۇشاللىق ئىزدىگۈچى چيۇبەي» لېكسىيە ئۆمىكى «قىزىل دولقۇن كۈيى» ناملىق ناخشا بىلەن ئۆزىنىڭ پارتىيە تارىخىدىن لېكسىيە سۆزلەشتىكى تۇنجى سائەتلىك دەرسنى باشلىدى. لېكسىيە ئۆمىكى «چۈ چيۇبەينىڭ قىزىل مۇزىكا ئەسەرلىرى»نى چۆرىدەپ لايىھە تۈزۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىككە چيۇبەي مۇزىكىسىنىڭ يېقىملىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە چيۇبەي روھىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلدۇردى.
چۈ چيۇبەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، نەزەرىيەچى ۋە تەشۋىقاتچى، جۇڭگونىڭ ئىنقىلابىي ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ مۇھىم ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. چۈ چيۇبەي 1899 - يىلى 1 - ئايدا جياڭسۇ چاڭجوۋدا تۇغۇلغان، 1917 - يىلى بېيجىڭ رۇس تىلى مەخسۇس مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ ئوقۇغان، 1920 - يىلى «سەھەر گېزىتى» مۇخبىرى سالاھىيىتى بىلەن سوۋېت رۇسىيەسىگە زىيارەتكە بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نۇرغۇن تەپسىلىي خەۋەر يېزىپ، سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، ئىشچىلار تەشكىلاتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى سىستېمىلىق بايان قىلغان.
1922 - يىلى، چۈ چيۇبەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1923 - يىلى 1 - ئايدا، چۈ چيۇبەي ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «يېڭى ياشلار» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، نۇرغۇن سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ماركسىزمنى قوللىنىپ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، جۇڭگونىڭ جەمئىيەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى مەسىلىلەرنى دەلىللەپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىجادىي تۆھپە قوشقان.
1925 - يىلىدىن باشلاپ، چۈ چيۇبەي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتىيە 4 -، 5 -، 6 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي بىيۇرونىڭ ئەزاسى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم رەھبىرىگە ئايلانغان.
1927 - يىلى 8 - ئايدا، جۇڭگو ئىنقىلابى ئېغىر كىرىزىسكە دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خۇبېي خەنكوۋدا جىددىي يىغىن(يەنى 7 - ئاۋغۇست يىغىنى) ئاچقان. يىغىنغا چۈ چيۇبەي، لى ۋېيخەن رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىندا يەر ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش فاڭجېنى بېكىتىلىپ، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىش، خاتالىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن «يېڭى يول تېپىش» ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم چۈ چيۇبەي باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋاقىتلىق سىياسىي بىيۇروسى يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان. يىغىندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋاقىتلىق سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، رەئىسى بولغان.
1931 - يىلى 1 - ئايدا، چۈ چيۇبەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن شاڭخەيدە لۇشۈن بىلەن بىللە سول قانات مەدەنىيەت سېپىدىكى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان.
1934 - يىلىنىڭ بېشىدا، چۈ چيۇبەي مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا كىرگەن، 1934 - يىلى 2 - ئايدا جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى 2 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېت ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېت ئىجرائىيە كومىتېتى خەلق كومىتېتىنىڭ خەلق تەلىم - تەربىيە ئەزاسىلىقىغا سايلانغان، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھۆكۈمىتى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان. مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن كېيىن، ئۇ جەنۇبتا قېلىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سوۋېت رايونى مەركىزىي شۆبە بىيۇروسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان.
1935 - يىلى 2 - ئايدا، چۈ چيۇبەي فۇجيەن چاڭتىڭدا گومىنداڭ ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. دۈشمەنلەر ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۇنى ئازدۇرۇپ تەسلىم بولۇشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قاتتىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلغان. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، چۈ چيۇبەي مەردانىلىك بىلەن جازا مەيدانىغا قەدەم بېسىپ، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزۇپ، مەردلەرچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى 36 ياشتا ئىدى.
چۈ چيۇبەي ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېتىقادى ۋە غايىسى، مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ ھەممىسى تارىخنىڭ شەھلىشىدە قالدى. ئۇنىڭ يۇرتى جياڭسۇ چاڭجوۋدىكى چۈ چيۇبەي خاتىرە سارىيى ئەسلىي تۇرالغۇ ۋە خاتىرە سارايدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، ئەسلىي تۇرالغۇ ئەسلىدە چۈ جەمەتى ئاتا - بوۋىلار ئىبادەتخانىسى ئىدى، خاتىرە سارىيى ماددىي بۇيۇم، سۈرەت، كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چۈ چيۇبەينىڭ ئىنقىلابىي، شانلىق ھاياتىنى ئەتراپلىق، ئىلمىي نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
«بۈگۈن 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى. مەن يەنە كەلدىم. ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق، شاماللىق. سىزمۇ ناھايىتى ياخشى تۇرۇپسىز.» «سىز مىللەت ۋە خەلقنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قۇربان قىلدىڭىز، مېنىڭ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي يەنە بىر قېتىم سىزنى يوقلىشىمغا ئەرزىيسىز، سىزگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!» ... ھەربىر ئېكسكۇرسىيەچىنىڭ قالدۇرغان سۆزىگە ئۇلارنىڭ چۈ چيۇبەيگە بولغان ھۆرمىتى مۇجەسسەملەنگەن.
«چۈ چيۇبەي ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپلا <كۆپچىلىككە بىر پارلاق يول ئېچىپ بېرىش>كە ئىرادە باغلىغان.» چۈ چيۇبەي خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن ساراي باشلىقى تاڭ رۇيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: چۈ چيۇبەي خاتىرە سارىيىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ساياھەتچىلەر مەركىزى «خۇەيشۇاڭشې»گە كىرگىنىڭىزدە، چۈ چيۇبەينىڭ «مەن ھەمىشە كۆپچىلىككە بىر پارلاق يول ئېچىپ بېرىشنى ئويلايمەن» دېگەن مەشھۇر سۆزى ئالدى بىلەن كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت بىرىنچى ۋاقىتتا چۈ چيۇبەي روھىنى كۆرۈش سېزىمى ئۇچۇرى ئارقىلىق ھەربىر ئېكسكۇرسىيەچىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈندۇر.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)