تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم قۇرغۇچىسى

سەي خېسېن:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم قۇرغۇچىسى

سەي خېسېننىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې يىڭ

مەملىكەت بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى سەي خېسېن خاتىرە سارىيى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى − سەي خېسېن، سەي چاڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى بولغان گۇاڭجياتاڭ، «يولداش سەي خېسېننىڭ شانلىق ئائىلىسى» توپ ھەيكەل قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان سەي خېسېن مەيدانى... ئىنقىلابىي كونا رايون خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شۇاڭفېڭ ناھىيەسىدە، سەي خېسېن تۈركۈم - تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەگە، ئۆگىنىشكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى تەسىرلەندۈرمەكتە ئىدى.

يولداش سەي خېسېن 1895 - يىلى 3 - ئايدا شاڭخەيدە تۇغۇلغان، تۆت يېشىدا ئاپىسى بىلەن يۇرتى خۇنەننىڭ شياڭشياڭ ناھىيەسى(بۈگۈنكى شۇاڭفېڭ ناھىيەسى)گە قايتىپ كەلگەن. ئەينى چاغدا جۇڭگو جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزمنىڭ قوش زۇلمى ئاستىدا قالغان بولۇپ، جەمئىيەت داۋالغۇپ تۇرغان، خەلق كۈلپەتتە قالغان، سىياسىيسى زۇلمەتكە تولغانىدى. ياشلىق - ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا، يولداش سەي خېسېن «خەتەرلىك ۋەزىيەتتە، خەلقنى قۇتقۇزۇش»تەك ئۇلۇغۋار غايىنى تىكلەپ، جۇڭگونى ئۆزگەرتىشكە ئىرادە باغلىغان. خۇنەن ئۆلكىلىك 1 - سىفەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، ئۇ يولداش ماۋ زېدۇڭ بىلەن ئارزۇ - ئىستەكلىرى بىردەك سىرداش دوستلۇق ئورنىتىپ، خۇنەندىكى ئىلغار ياشلارنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان.

1918 - يىلى، سەي خېسېن ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق يولداشلار بىلەن چاڭشادا يېڭى دېموكراتىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ تەشكىللەپ، ئىلىم - پەننى ئىسلاھ قىلىش، ئەخلاق - پەزىلەتنى چېنىقتۇرۇش، كىشىلەر روھىنى، ئۆرپ - ئادەتنى ياخشىلاشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. كېيىن، يولداش سەي خېسېن فىرانسىيەگە بېرىپ ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى يېڭى دېموكراتىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەت فاڭجېنى قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە قوللاشقا ئېرىشىپ، زور تەسىر قوزغىغان. 1919 - يىلى بېيجىڭدا 4 - ماي ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى پارتلىغاندا، بېيجىڭدا فىرانسىيەگە بېرىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان يولداش سەي خېسېن بېيجىڭدىكى خۇنەنلىك ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، بۇ مەيدان جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاتلانغان.

رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ۋە 4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، فىرانسىيەگە بېرىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. 1919 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يولداش سەي خېسېن ئىنقىلابىي غايىگە بولغان قىزغىن ئىنتىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يىراق ئوكياننى ئاتلاپ فىرانسىيەگە بېرىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇغان. ئۇ فىرانسىيەدە چەت ئەل مەدەنىيلىكىنىڭ زەربىسى ۋە ئىدىيە ئېقىمىنىڭ داۋالغۇشىنى ھېس قىلىپ، ماركسىزملىق ئەسەرلەرنى «كۆپ كۆرۈپ، كۆپ تەرجىمە قىلغان» «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» «سوتسىيالىزمنىڭ خىيالدىن ئىلمىيلىككە تەرەققىي قىلىشى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇھىم بۆلەكلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىنى تەشۋىق قىلىپ، قەتئىي ماركسىزمچىغا ئايلانغان. ئۇ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەققانىي كۈرىشىگە قاتنىشىپ، رەھبەرلىك قىلىپ، جوۋ ئېنلەي، جاۋ شىيەن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياۋروپادىكى دەسلەپكى تەشكىلاتىنى تەشكىللەشكە تەييارلىق قىلىپ، فىرانسىيە ياچېيكىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ چېن دۇشيۇ ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭ بىلەن خەت - ئالاقە قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، يېتەكچى ئىدىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەردە توغرا تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى» دېگەن نامنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالغان. 1921 - يىلى 7 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. يولداش سەي خېسېن قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىغا، ئىدىيە جەھەتتە، تەشكىلىي جەھەتتە، بولۇپمۇ پارتىيە قۇرۇش نەزەرىيەسى جەھەتتە مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان.

1921 - يىلى 12 - ئايدا، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان سەي خېسېن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ھەم مەركىزىي كومىتېت ئورگىنىدا قېلىپ نەزەرىيە تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. پارتىيە 2 - قۇرۇلتىيىدا، ئۇ قۇرۇلتاي خىتابنامىسىنى تەييارلاشقا قاتناشقان ھەم مەركىزىي كومىتېت ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. قۇرۇلتايدىن كېيىن، ئۇ مەركەزنىڭ قارارىغا ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى «يول باشلىغۇچى» ھەپتىلىك گېزىتىنى نەشر قىلىشقا تەييارلىق كۆرگەن. «يول باشلىغۇچى» گېزىتى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئاشكارا تارقىتىلىپ، ئەينى چاغدا ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەش ئورنىغا ئىگە بولغان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتىگە، شۇنداقلا 400 مىليون جۇڭگولۇق قېرىنداشنىڭ ئىدىيەسى ۋە قەلبىدىكى «يول باشلىغۇچى»غا ئايلانغان.

1925 - يىلى 30 - ماي ھەرىكىتى پارتلىغاندا، سەي خېسېن ئاممىۋى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئالاھىدە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان ھەم كۈرەش داۋامىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئاممىنىڭ داھىيسى بولۇپ يېتىلگەن. يولداش سەي خېسېن مۇنداق دېگەن: ماركسىزم - لېنىنىزمنى كىتابتىنلا ئۆگەنسە بولمايدۇ، يەنە ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇشى كېرەك، ئىنقىلابىي كۈرەش داۋامىدا ماركسىزم - لېنىنىزم ھەقىقىتىنى تېخىمۇ ئۆگەنگىلى بولىدۇ.

1931 - يىلى، يولداش سەي خېسېن شياڭگاڭغا بېرىپ گۇاڭدۇڭنىڭ ئىنقىلاب خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا، بەختكە قارشى قولغا ئېلىنغان. ئۇ تۈرمىدە قەتئىي تىز پۈكمەي، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. «دۆلەتنى قۇتقۇزۇشقا مەن تەييار، باشقىلار بىلەن بىللە زور قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيمەن. سادىقلىق قەلبىمگە ئويۇلغان، مەردانىلەرچە قۇربان بولۇشقا تەييارمەن.» ئۇ ئۆزىنىڭ ياش ھاياتى ئارقىلىق، ئەينى يىللاردا بەرگەن مەردانە قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سەلتەنەتلىك كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىگىچە كۈرەش قىلغان.

سەي خېسېن پارتىيەنىڭ 2 - نۆۋەتلىكتىن 6 - نۆۋەتلىككىچە بولغان مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، 5 -، 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان، پارتىيەنىڭ دەسلەپكى تارىخىنىڭ قاتناشقۇچىسى ۋە ياراتقۇچىسى. ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دېگەن: «بىر كومپارتىيە ئەزاسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ ھەممىسىنى يولداش خېسېن قىلالىدى».

«سەي خېسېن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم قۇرغۇچىسى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇشنى تۇنجى بولۇپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ ئىنقىلاب ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلغان. ئۇ خۇددى پايانسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، ھەرىكىتى ئارقىلىق، قاتمۇقات تۇمان قاپلىغان كونا جۇڭگونىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىنى يورۇتۇپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، مىللەتنى قۇتقۇزۇش يولىنى تاپقان.» شۇاڭفېڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، سەي خېسېن تەتقىقات مۇتەخەسسىسى لو شىڭخۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، سەي خېسېن خاتىرە سارىيى ھەر يىلى 600 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالىدۇ، 400 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى ۋە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى كۈتۈۋالىدۇ، قانات يايدۇرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.