تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىلىكى ئۈزۈلگەن بالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېزلەشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ، جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئارقىلىق، بىلىكى ئۈزۈلگەن بالىنىڭ ئاشقازان - ئۈچەي ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىپ، ئىشتىھاسى ئېچىلدى.

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 20لەردە، يەتتە ياشلىق خوتەنلىك ئوغۇل بالىنىڭ ئوڭ بىلىكىنى تىراكتورنىڭ تاسمىلىق چاقى ئۈزۈۋەتتى، جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنىپ قۇتقۇزۇلۇپ - داۋالىتىلدى. نۆۋەتتە، ئۈزۈلگەن بىلەكنى قايتا ئۇلىغاندىن كېيىن بىلىكى ئۈزۈلگەن بالا خەتەرلىك مەزگىلدىن ئۆتۈپ، يەرگە چۈشۈپ چېنىقىشقا باشلىدى.

ئەتىگەندە بىر قۇيماق، چۈشتە يېرىم گۇيرۇ لەڭمەن، ئىككى قېتىم قۇۋۋەت تالقىنى، ئىككى قېتىم قېتىق، بىرقانچە مېۋە - چېۋە... 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، يەرگە چۈشۈپ چېنىققان ئىككىنچى كۈنى، بىلىكى ئۈزۈلگەن بالىنىڭ بىردىنلا كۆپەيگەن تاماق مىقدارى ئانىسى سۇدىممە ئىمىنتوختىنى ھەيران قالدۇردى. ئوغلىنىڭ تاماقنى سىڭدۈرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، سۇدىممە ئوغلىنىڭ «تامىقىنى تىزگىنلىمەكچى» بولغاندا، دوختۇر ئۇنى توستى.

«بالىنىڭ ئوبدان يېيىشى، سالامەتلىكىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.» بۇ دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ شۆچىڭ مۇنداق دېدى: يەتتە ياشلىق بالىنىڭ تېز يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز بىلىكى ئۈزۈلگەن بالىنىڭ يېمەك - ئىچمىكىنى تىزگىنلىمەستىن، بەلكى جۇڭيى سۇيۇق دورىسى ئارقىلىق بالىنىڭ ئاشقازان - ئۈچەي ئىقتىدارىنى ياخشىلىدۇق، «نېمە يېيىشنى ياخشى كۆرسە شۇنى يېسۇن، كەيپىياتى ياخشى بولسا، ئىشتىھاسىمۇ ياخشى بولىدۇ».

5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى دورا مۇتەخەسسىسى، بۇ دوختۇرخانا سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ جىشيەن ياتاق تەكشۈردى، بىلىكى ئۈزۈلگەن بالىنىڭ ئېغىر زەخىمگە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى بەدىنى ئاجىزلاپ قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا قارىتا، ئۈچ قېتىملىق داڭگۇي قان تولۇقلاش سۇيۇق دورىسى يېزىپ بەردى. جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئارقىلىق، بىلىكى ئۈزۈلگەن بالىنىڭ سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كەلدى. يارىسى بىلەن سۆڭەكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ۋاڭ جىشيەن بىلىكى ئۈزۈلگەن بالىغا ئىشلىتىدىغان دورىنى تەڭشەپ، يارا ۋە سۆڭەكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىككى خىل جۇڭيى دورىسى قوشتى.

«نۆۋەتتە، بىلىكى ئۈزۈلگەن بالا دەسلەپكى باسقۇچتىكى سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا.» مەسئۇل دوختۇر لى لى مۇنداق دېدى: بالىنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىش سەۋەبىدىن ئىشتىھاسى ناچارلىشىپ، كېيىنكى مەزگىلدە قاندا ئاقسىل كەم بولۇش كېسىلى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلار يەنە تۆت ماددا شورپىسى ۋە باۋخېۋەن قوشۇش، كېمەيتىش ئارقىلىق، بىلىكى ئۈزۈلگەن بالىنىڭ ئاشقازان - ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن. «يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن، بىز بىلىكى ئۈزۈلگەن بالىنى كىچىك ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇنىڭ يارىسى ۋە سۆڭىكىنىڭ ساقىيىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقىمىز» دېدى لى لى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.