تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«ئېرتىش دەرياسىدىكى 1 - كەنت» ساياھەت كەنتىگە ئۆزگەردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

5 - ئايدىكى كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتىدە دەل - دەرەخلەر كۆكىرىپ، تاغ گۈللىرى ئېچىلىپ، باھارنىڭ قەدىمى ئېرتىش دەرياسى مەنبەسىدىكى بۇ كەنتكە يېتىپ كەلدى، باھار كۈنلىرىدىن بەكرەك كىشىنى خۇش قىلىدىغىنى، «ئېرتىش دەرياسىدىكى 1 - كەنت» − تاراتى كەنتىدە ساياھەتچىلىك جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلىكنىڭ «چاپقۇر ئېتى»غا مىندى

«شۇ كېچىدىكى يامغۇرمۇ سېنى قالدۇرۇپ قالالمىدى، تاغ جىلغىلىرىدىكى شامال ماڭا ھەمراھ بولۇپ ياش تۆكتى...» 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتە، «كۆكتوقايدىكى پادىچى» دېگەن ناخشىنىڭ ھەسىرەتلىك مېلودىيەسى تاراتى كەنتىدىكى «ئات ئۈستىدىكى ئائىلە» دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ كىچىك قورۇسىدا ياڭرىدى. ئالدىراش بولۇپ كەتكەن كەنت ئاھالىسى گۈلپەرەن قابىلغازىنىڭ چېھرىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيدىن ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، يەنە خاس پۇقراۋى قونالغۇ سېلىپ، دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، بۇ يەردە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن گۈلپەرەننىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى. گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتى... بىرنەچچە يىلدىلا، تاراتى كەنتى گۈزەللەشتى، بېيىدى.

2018 - يىلى، گۈلپەرەننىڭ ئائىلىسى 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. شۇ چاغدا، پۈتۈن كەنتتە جەمئىي ئون ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانىدى. «30 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئېلىپ ئازراق ئەنسىرىگەن، زىيان تارتىشتىن ھەقىقەتەن قورققانىدىم» دېدى گۈلپەرەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

«بۇ يەر كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىغا پەقەت نەچچە كىلومېتىرلا كېلىدۇ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش شارائىتى ناھايىتى ياخشى.» تاراتى كەنتى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى نازىگۈل رازدەننىڭ ئېيتىشىچە، 2018 - يىلىدىن باشلاپ، ئۇ دېھقانلار ئارامگاھلىرى، پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ھەم راۋاجلانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.

كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى ئولتۇرىدىغان ئۆينىڭ سىرتقى تېمىنى ئۆزگەرتىش، ئۆينىڭ ئىچىنى بېزەش، پۈتۈن يۈرۈشلۈك ياغاچ قاچا - قۇچا ۋە داتلاشماس پولات قازان - قومۇچ، مىللىيچە كىيىم - كېچەك، كەشتە ئىشلەنگەن قەغەز قۇتىسى، تامغا ئاسقۇ ۋە ئاسما سائەت قاتارلىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش، ھەربىر كارىۋاتقا ئىككى يۈرۈش كىرلىك، يوتقان كىرلىكى ۋە كارىۋات سېلىنچىسى سەپلەش... كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەتچىلىكنىڭ «چاپقۇر ئات»ىغا يۆلەپ چىقىرىش ئۈچۈن، كۆكتوقاي بازىرى ۋە تاراتى كەنتىدىكى كادىرلار ئاز بولمىغان كۈچ سەرپ قىلدى.

بىر يىلدا، ئون ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى پۇل تاپتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى قوزغىتىلىپ، دېھقانلار ئارامگاھى ۋە پۇقراۋى قونالغۇ ئاچىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ يىل، پۈتۈن كەنتتىكى دېھقان(چارۋىچى)لار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ 55كە يەتتى.

«پادىچى» مېلودىيەسى ئەمدى ھەسرەتكە تولمىدى

تاراتى كەنتى ئىلگىرىكى نامرات، ۋەيران كەنت ھالىتىدىن ئاللىبۇرۇن خوشلاشتى.

ھازىر، بۇ يەر دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ، يەنە جۇڭگو كۆكتوقاي دالىدا قونۇش يىغىلىشى، قار - مۇز كاتتا مەرىكىسى، گۈلخان كېچىلىكى، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى، گازلىق شار بىلەن تاماشا قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەدەنىيەت - ساياھەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئېرتىش دەرياسىدىكى 1 - كەنت» دېگەن نامىغا لايىق بولدى.

«ھازىر ئات ئۈستىدىكى ئائىلە، قارا يورغا كىچىك سارىيى، مەيىن شامال ئۆتىڭى، ئېرتىش دەرياسىدىكىلەر، دەريا بويى ئائىلىسىدىكىلەر قاتارلىقلارنىڭ خېلى نامى بار. ھەربىر پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ خاسلىقى بار بولۇپ، ھەربىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان ھېكايىسى بار» دېدى نازىگۈل تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ.

ساياھەتچىلىك تاراتى كەنتىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تەقدىرىنىمۇ ئۆزگەرتتى.

«بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلىشىمىز ئۈچۈن تاراتى كەنتىنىڭ بىزنى سۇپا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى كۆكتوقاي ناھىيەسى لىيۈ. كېكې سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى نۇرجان مۇراتبېك. بۇ ئەنئەنىۋى قېتىق ئۇيۇتۇشنى ئاساس قىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغانىدى، كەنت كارخانىلارنى مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش، سېتىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەقسىز مەيدان بىلەن تەمىنلىدى، يەنە كەنت ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە ئۇلارغا سېتىش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ بەرمەكچى بولدى.

«چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئېيتىلغان <كۆكتوقايدىكى پادىچى> ناملىق ناخشا كۆكتوقاينى تونۇتتى، چاغاندىن كېيىن كەنتكە نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى كەلدى. باھارنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولغاچقا، بۇ يەرنى ياخشى كۆرىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە» دېدى نازىگۈل.

كۈندىن - كۈنگە جانلىنىۋاتقان ساياھەتچىلىك كەنت ئاھالىلىرىنى خۇشاللىق ۋە بەختكە چۆمدۈردى.

تەرەققىيات پۇرسىتى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلدى

تاراتى كەنتىدە ھەر يىلى بىر قىسىم يېڭى سىيمالار پەيدا بولىدۇ − ئۇلار بۇ كەنتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما ھەممىسى بۇ كەنتنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى باشلىدى.

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ بېشىدا، تۇڭ جىرۇڭنىڭ كۆكتوقايدىكى شياڭشىلى خەيلۇكوڭ كاۋاپخانىسى تاراتى كەنتىدە تىجارەت باشلىدى. ئۇ كۆكتوقاي بازىرىدىن، 2018 - يىلىدىن باشلاپ بازاردا كاۋاپخانا ئاچقان بولۇپ، سودىسى يامان ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ كۆزى ئىزچىل تاراتى كەنتىگە تىكىلگەن بولۇپ، دائىم بۇ يەردە دۇكان ئېچىشنى ئويلاپ كەلگەن. بۇلتۇر قىشتا، ئۇ بازاردىكى دۇكىنىنى تاقاپ كەنتكە كەلدى. «بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى، نامىمۇ بارغانسېرى چىقىپ، ساياھەتكە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، تەرەققىيات ئىستىقبالىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ» دېدى ئۇ.

«2019 - يىلى 11 - ئايدا، بىز تاراتى كەنتىدە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتۇق.» لاۋئابو دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى ئاينۇر مۇستاپانىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى، ئۇ كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئاچقان، ھازىر تاراتى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، يىللىق ئىجارە ھەققى 60 مىڭ يۈەن ئىكەن. ئەڭ ئاۋات چاغدا، لاۋئابو دېھقانلار ئارامگاھى ھەر كۈنى غىزالانغىلى كەلگەن 60 - 50 ئادەمنى كۈتۈۋالىدىكەن.

2019 - يىلى، تاراتى كەنتى ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت مۇلازىمەت كىرىمى 9 مىليون 710 مىڭ يۈەن بولۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 15 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ئاينۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كۆلەم ۋە تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەتكەنچايخانا، مۇزىكىلىق تاماقخانا ئاچماقچى بوپتۇ.

ئاينۇرغا ئوخشاش تاراتى كەنتىگە كېلىپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. ھازىر، سىرتتىن كېلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ دېھقان (چارۋىچى)لار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ ئاچقانلاردىن ئون نەچچىسى بار. ئۇلار تاراتى كەنتى ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.