تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

​قىزىل روھ 100 يىللىق مۇساپىنى ھالقىپ ئۆتتى

سۇ جاۋجېڭ:​

قىزىل روھ 100 يىللىق مۇساپىنى ھالقىپ ئۆتتى

سۇ جاۋجېڭنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ خاۋمىڭ

«سۇ جاۋجېڭ بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، خۇسۇسىي مەكتەپتە پەقەت ئۈچ يىل ئوقۇغان... » جاراڭلىق كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھىرى تاڭجياۋەن بازىرى چىئاۋ كەنتىدىكى جاۋجېڭ خاتىرە مەكتىپىدىن تارقىلىۋاتاتتى. بۇ بىر سائەتلىك قىزىل تەربىيە دەرسى بولۇپ، دەرس ئۆتۈلۈۋاتقان 5 - يىللىق 1 - سىنىپ «سۇ جاۋجېڭ (11 -) سىنىپى» ئىدى.

باش يازدىكى تاڭجياۋەن بازىرىنىڭ چىئاۋ كەنتىدە گۈل - گىياھ، ئوت - چۆپلەر بولۇق ئۆسكەنىدى. 1885 - يىلى، جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر داھىيسى سۇ جاۋجېڭ بۇ ئارالدىكى نامرات بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنىڭ يېنىدىكى مەيداندا سۇ جاۋجېڭنىڭ ھەيكىلى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

سۇ جاۋجېڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى جىمجىت ھەم تار بىر كوچىنىڭ ئىچكىرىسىدە بولۇپ، ئۆينىڭ ئالدىدىكى كىچىك ھويلىنىڭ ئەتراپى پاكار تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، كىچىك بىر دەرۋازا بار ئىدى. بىر تەرەپتىكى ئالىچىپار قۇلۇلە قېپى تېمى يىللاردىكى مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىپ تۇراتتى.

1903 - يىلى، 18 ياشلىق سۇ جاۋجېڭ تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، شياڭگاڭدىكى چەت ئەل پاراخوتىدا پارچە - پۇرات ئىش قىلغان ھەمدە شۇ سەۋەبلىك ئىنقىلاب ئۈچۈن چېپىپ يۈرگەن سۇن جۇڭشەن بىلەن ئۇچراشقان.

1917 - يىلى، رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە خەۋىرى جۇڭگو ماتروسلىرى ئارىسىدا تارقالغان. سۇ جاۋجېڭ يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە دائىر كىتابلارنى ئوقۇش، ماركسىزملىق ئىنقىلابىي نەزەرىيەنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

1921 - يىلى 3 - ئايدا، سۇ جاۋجېڭ ۋە لىن ۋېيمىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شياڭگاڭدا جۇڭخۇا ماتروسلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمە باش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان. 1922 - يىلى 1 - ئايدا، شياڭگاڭ ماتروسلىرى ئۆتكۈزگەن چوڭ ئىش تاشلاشتا، سۇ جاۋجېڭ ئىش تاشلاش باش ئىش باشقارمىسى ئىگىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋە سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان.

1925 - يىلى ئەتىيازدا، سۇ جاۋجېڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. شۇ يىلى 6 - ئايدا، ئۇ دېڭ جۇڭشيا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى زىلزىلىگە سالغان «گۇاڭجوۋ - شياڭگاڭ چوڭ ئىش تاشلاش» ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن، سۇ جاۋجېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا ماتروسلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمە باش ئۇيۇشمىسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى بولغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 5 - قۇرۇلتىيىدا، سۇ جاۋجېڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولۇپ سايلانغان؛ پارتىيە 7 - ئاۋغۇست يىغىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 6 - قۇرۇلتىيىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.

دەھشەتلىك كۈرەش مۇھىتىدا، ئۇزاق مۇددەت ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلغاچقا سۇ جاۋجېڭ ھاردۇق يېتىپ ئاغرىقچان بولۇپ قېلىپ، 1929 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. سۇ جاۋجېڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدىمۇ يەنىلا ئاممىنى تەشكىللەپ كۈرەش قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان، ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن جوۋ ئېنلەي قاتارلىقلارغا مۇنداق دېگەن: «كەڭ خەلق ياشاشقا ئامالسىز قالدى، ئىنقىلاب قىلىشنى، بىزنىڭ تەشكىللىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ.» «كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بىردەك ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى!».

جاۋجېڭ خاتىرە مەكتىپى ئەخلاق تەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى گو تىڭتىڭ شۇ سائەتلىك قىزىل تەربىيە دەرسىدە دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار».

2008 - يىلى 8 - ئايدا، چۇڭچىڭ ۋۇشى ناھىيەسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىپ قايتىپ كەلگەن لو جىيۇڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارالدىكى بۇ مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى، مەكتەپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شۇ ئىشلىگىنىچە 13 يىل ئۆتتى.

لو جىيۇڭ مۇنداق دېدى: «جاۋجېڭ» دېگەن بۇ ئىككى خەت مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان قىزىل ئىزنا. يېقىنقى يىللاردا، ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش كۈنىدە، مەكتەپ سۇ جاۋجېڭ سىنىپىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدۇ؛ سۇ جاۋجېڭ تۇغۇلغان 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدە، مەكتەپ بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ؛ 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە، مەكتەپ يەنە پېشقەدەم جەڭچىلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا قىزىل ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ...

ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەكتەپ «سۇ جاۋجېڭ روھى»نى − باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان جان تىكىپ ئېلىشىش روھى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ئىلىم - پەن روھى، نام - مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان ئەمەلىيەتچىل روھى، سەمىمىي ۋە دوستانە ھەمكارلىشىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ.

«بىز ھەممىمىز بۇ خىل قىزىل روھنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلدۇق» دېدى لو جىيۇڭ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.