تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

​ئۇستىخانلىرىم كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتسىمۇ، ئىرادەمدىن مەڭگۈ قايتمايمەن

دېڭ جۇڭشيا:

​ئۇستىخانلىرىم كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتسىمۇ، ئىرادەمدىن مەڭگۈ قايتمايمەن

دېڭ جۇڭشيانىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تەن چاڭ

4 - ماي ياشلار بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، بىر توپ ياش ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يىجاڭ ناھىيەسى ۋۇلىڭ بازىرى دېڭجياۋەن كەنتىگە كەلدى. دېڭ جۇڭشيانىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا، ئۇلار مىكرو پارتىيە دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دېڭ جۇڭشيانىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىنقىلابىي قۇرباننى ياد ئەتتى.

«يولداش دېڭ جۇڭشيانىڭ ئىنقىلاب مۇساپىسى ماڭا ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ جىسمىدىكى جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقمايدىغان، قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىدىغان يۈكسەك ھېسسىياتىنى ھېس قىلدۇردى.» قوراللىق ساقچى قىسىم خۇنەن باش ئەترىتى چېنجوۋ تارماق ئەترىتى يىجاڭ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن بەنجاڭى جياڭ زۇگو مۇنداق بىلدۈردى: ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىغا پائال ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ساداقەتمەنلىكىم ۋە ئىسسىق قېنىم ئارقىلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن.

دېڭ جۇڭشيا، 1894 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن يىجاڭدىن. 1914 - يىلى خۇنەن ئالىي سىفەن مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، 1917 - يىلى بېيجىڭ داشۆسى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، كېيىن پەلسەپە فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇغان. 1919 - يىلى 4 - ماي ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىگىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خادىمى بولغان، جاۋ جيالوۋنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1920 - يىلى 3 - ئايدا، لى داجاۋنىڭ رەھبەرلىكىدە، دېڭ جۇڭشيا، گاۋ جۈنيۈ قاتارلىقلار بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ماركس تەلىماتى تەتقىقات جەمئىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ تەشكىللىگەن. شۇ يىلى 10 - ئايدا، ماركس تەلىماتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنى تايانچ قىلىپ، بېيجىڭدىكى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تەشكىلاتىنى تەشەببۇس قىلىپ تەشكىللىگەن، لى داجاۋ شۇجى بولغان، دېڭ جۇڭشيا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەزالىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

1920 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ، دېڭ جۇڭشيا ئۇزاق مەزگىل بېيجىڭ چاڭشىنديەندە ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئىشچىلار ئەمگەكچىلەر تەييارلىق مەكتىپىنى مەسئۇل بولۇپ قۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ، شىمالدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم تايانچ كۈچلەرنى تەربىيەلەپ بەرگەن. 1922 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۇ چاڭشىنديەندىكى ئىشچىلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، گۇاڭجوۋدا ئېچىلغان 1 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى شۇجى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى 7 - ئايدا، ئۇ پارتىيە 2 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان، 2 - قۇرۇلتاي خىتابنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلاب پىروگراممىسىنى تۈزۈشكە قاتناشقان، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كومىتېت باشلىقى بولۇپ سايلانغان، «جۇڭگو ياشلىرى» ژۇرنىلىنى چىقىرىشقا قاتناشقان. 1923 - يىلى لى داجاۋنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئۇ گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە بىرلىشىپ قۇرغان شاڭخەي داشۆسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئىگىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1925 - يىلى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، باش كاتىپ، قوشۇمچە تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان، گۇاڭجوۋدا قېلىپ خىزمەت قىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي داڭلىق گۇاڭجوۋ - شياڭگاڭ چوڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان.

بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان جىددىي پەيتتە، ئۇ نەنچاڭدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قەتئىي ھالدا تەشەببۇس قىلغان، ھەمدە مەركەزنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن جيۇجياڭغا بېرىپ، لى لىسەن، تەن پىڭشەن، يې تىڭ، نيې رۇڭجېن قاتارلىقلار بىلەن يىغىن ئېچىپ، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىن، پارتىيەنىڭ 7 - ئاۋغۇست يىغىنىغا قاتنىشىپ، يىغىندا بېكىتىلگەن يەر ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش فاڭجېنىنى قەتئىي ھىمايە قىلغان، مەركىزىي كومىتېت ۋاقىتلىق سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغان. 1928 - يىلى 3 - ئايدا موسكۋاغا بېرىپ، قىزىل ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىنتېرناتسىئونال 4 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قىزىل ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىنتېرناتسىئونالىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان.

1930 - يىلى 7 - ئايدا، دېڭ جۇڭشيا موسكۋادىن شاڭخەيگە قايتىپ كەلگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، مەركەز ئۇنى مەركەز ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىگەن، ئۇ غەربىي خۇنەن - خۇبېي تايانچ بازىسىغا بېرىپ، غەربىي خۇنەن - خۇبېي ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قىزىل 2 - جۈنتۇەن (كېيىن قىزىل 3 - ئارمىيەگە ئۆزگەرتىلگەن)نىڭ جېڭۋېيسى، ئالدىنقى سەپ كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، خې لۇڭ، جوۋ يىچۈن بىلەن بىرلىكتە غەربىي خۇنەن - خۇبېيدىكى قوراللىق كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1932 - يىلى شاڭخەيگە يۆتكىلىپ كېلىپ مەخپىي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك قىزىل ئۆزئارا ياردەم بېرىش باش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە پارتىيە - ئىتتىپاق شۇجىسى بولغان.

1933 - يىلى 5 - ئايدا، دېڭ جۇڭشيا شاڭخەيدە خىزمەت قىلىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان، ئارقىدىنلا خائىن تەرىپىدىن سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالغان. جياڭ جيېشى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۆزى سۈرۈشتە قىلغان، ھەمدە دېڭ جۇڭشيانى دەرھال نەنجىڭدىكى گومىنداڭ شيەنبىڭ سىلىڭبۇسى تۈرمىسىگە يالاپ ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇغان. تۈرمىدە، ئۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ چىڭ ئېتىقادى ۋە پولاتتەك ئىرادىسى بىلەن، دۈشمەننىڭ پۇل ۋە تەمىنات بىلەن ئازدۇرۇشى ۋە قىيىن - قىستاققا ئېلىشىغا بەرداشلىق بەرگەن. ئۇ تۈرمىدىكى يەر ئاستى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇلىغا مۇنداق دېگەن: «كۆپچىلىككە ئېيتىپ قويۇڭ، ئۇستىخانلىرىمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتسىمۇ، مەن يەنىلا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى».

1933 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، نەنجىڭ يۈخۇاتەيدىكى جازا مەيدانىدا، دېڭ جۇڭشيا «گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى يوقىتايلى!» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشىسۇن!» «پۈتۈن دۇنيا پىرولېتارلىرى بىرلىشەيلى!» دەپ شوئار توۋلاپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئۇ 39 ياشتا ئىدى.

«دېڭ جۇڭشيا يىجاڭدىن ئىبارەت بۇ قىزىل تۇپراقتا بارلىققا كەلگەن سانسىزلىغان قەھرىمان ئوغۇل - قىزلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى، يىجاڭ خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك پەخرى» دېدى يىجاڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم جاڭ رۈنخۇەي. دېڭ جۇڭشيانى خاتىرىلەش ئۈچۈن، يىجاڭ ناھىيەسى 1994 - يىلى جۇڭشيا مەيدانىنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مىس ھەيكەل تىكلىدى. ھەر يىلى چىڭمىڭدا، شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت كادىرلار، ئامما، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنى گۈل تەقدىم قىلىپ تەزىيە بىلدۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ.

دېڭ جۇڭشيانىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى. 2020 - يىلى 10 - ئايدا، يىجاڭ ناھىيەسى دېڭ جۇڭشيانىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ئەسلىي تۇرالغۇنى رېمونت قىلدى، قوغدىدى، ھەم يولداش دېڭ جۇڭشيانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمە ئۆيى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن سالدى، مۆلچەرلىنىشىچە، قۇرۇلۇش بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.