تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پاختىغا بىزنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىز مۇجەسسەملەنگەن

​□بۈگۈر ناھىيەسى قاراباغ يېزىسىدىكى دېھقان زەمىرە ئۆمەر

ئېسىمدە قېلىشىچە، پاختا ئەڭ گۈزەل نەرسە بولۇپ، ئائىلە كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش شارائىتىمىزنى ياخشىلاپ، بىزگە ئىللىقلىق ئاتا قىلغان. ئاپام ھەر يىلى پاختا تەرگىلى بېرىپ، پۇل تېپىپ ئۆيگە تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، تىراكتور سېتىۋالدى، ماڭا چىرايلىق يوپكا، نەپىس خۇرۇم ئاياغ ئېلىپ بەردى. 2020 - يىلى، توي مۇراسىمىمغا يەنە توققۇز كۈن قالغاندا، ئاپام پاختا تېرىشتىن قايتىپ كېلىپ، ماڭا تويلۇق سوۋغا سۈپىتىدە بىر يۈرۈش يوتقان سوۋغا قىلدى، ئۇنىڭغا ئاپام ئۆز قولى بىلەن تەرگەن پاختىنى ئىشلىتىپتۇ، ئاپام بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمنىڭ پاختىلىق يوتقان يېپىنغاندەك ئىللىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يېقىندا H&M قاتارلىق چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ، شىنجاڭ پاختىسىنى توسقانلىق ئىشىنى بىلىپ، قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى. يۇرتۇمدا ئاپامغا ئوخشاش پاختىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىغانلار ناھايىتى كۆپ. قوشنىمىز سامساق تاغىنىڭ ئۆيىدىكىلەر ھەر يىلى 50 مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىيدۇ، پۇل تاپقاندىن كېيىن يەنە جۇۋازخانا ئاچتى؛ ئەنۋەر تاغام مەخسۇس قوشنا كەنتكە بېرىپ 30 مو كېۋەزلىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، پۇل تاپقاندىن كېيىن يەنە تاللا بازىرى ئاچتى؛ مەمەت ئاكام ھەر يىلى پاختا تەرگىلى چىقىپ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى، ھازىر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى... كۆپچىلىك پاختىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇردى، كۈنلىرىمىز قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

دېمەكچىمەنكى، بىز ھەربىر شىنجاڭلىق ئۆزىمىزنىڭ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشنى خالايمىز، شۇنداقلا كۆپرەك پۇل تېپىپ تېخىمۇ ياخشى كۈن كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز، بۇنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئاشۇ يالغان - ياۋىداق سۆزلەر شىنجاڭلىقلارنىڭ پاختا توغرىسىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.