تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​كارخانىلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى:

​كارخانىلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چۆرىدەپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدىكى پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش تەربىيەسى كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كارخانا، كەسپىي جەمئىيەت ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ساقلانغان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەر توغرىسىدا يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، گۇمانلارنى يېشىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا «شىنچىكاڭ» دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى كېئاۋ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي دورىگەرلىك كەسپىنى خاس تۈۋرۈك كەسىپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، تېببىي دورىگەرلىك كەسپىنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش تەكلىپىنى بېرىمەن.» بۇنىڭغا قارىتا ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لۇ شياۋلى مۇنداق بىلدۈردى: «ئاپتونوم رايون جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى قاتارلىق تېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت قاتلىمىدىن شىنجاڭنىڭ جۇڭيى دورىگەرلىكى، مىللىي تېبابىتى دورىگەرلىكىنى قوللاش سالمىقىنى قولغا كەلتۈردى، تىرىشىپ بىيوتېببىي دورىگەرلىك كەسپىنى شىنجاڭنىڭ خاس كەسپىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرىدۇ».

شىنجاڭ ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى لى جيەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ھازىر بازار ئېچىش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس، بازار ئېھتىياجىنى يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ يۈرۈشلۈك كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بەرگىلى بولامدۇ - يوق؟» جابدۇق سانائىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ شياۋچۈەن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كارخانىلارنىڭ خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە تايىنىپ، جابدۇق مەھسۇلاتلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ <سىرتقا چىقىش> ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرىمىز». ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدىكى ئاساسىي ماشىنا (ئاپتوموبىل) كارخانىلىرى شىنجاڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلارنى سېتىۋېلىشنى كېڭەيتسە مۇكاپاتلاش كونكرېت چارىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز، ئەۋزەل كەسىپلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، يۈرۈشلۈك پۈتۈن ماشىنا ئىشلەپچىقىرىشتىكى زاپچاس ياساش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقى ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ئاساسىي ماشىنا جابدۇقلىرىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە ھەمكارلىشىپ يۈرۈشلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭلىرى كىچىكلىرىنى يېتەكلەيدىغان، كىچىكلىرى چوڭلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئەۋزەللىكلەر ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 28 كارخانا ۋە كەسپىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلانغان مەسىلە ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى توپلاپ رەتلەپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا رەتلەپ، تۈزۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، مالىيە - باج جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نامۇۋاپىق ھەق ئېلىشنى توسۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى تورى، ئۈلگە كۆرسىتىش سۇپىسى، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ ھەم كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشىغا سىجىل ياردەم بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىن نەپكە ئېرىشكەن مەبلەغ جەمئىي 131 مىليارد 732 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.