تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئەستە ساقلاپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى»نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئەستە ساقلاپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە «پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى»نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش مۇساپىسىدىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ داشۆنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جەنرېن مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى. ۋاڭ جەنرېن پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ۋە ئاساسىي لىنىيەسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ۋە ماھىيىتى، بايراق روشەن ھالدا تارىخىي ئىنكارچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن، باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول چۈشەندۈرۈش قىلدى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، تيەن ۋېن ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 100 يىللىق داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ تارىخنى يارىتىپ، ئۇلۇغ روھنى تاۋلاپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىنى ياراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى چىڭىتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى يەكۈنلەش، تەتبىقلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تەدبىرنى چىقاردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا» قاتارلىق مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش، پارتىيە تارىخىغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيە تارىخىنى تەتبىقلاشقا ماھىر بولۇشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە پارتىيە تارىخى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

بىرىنچىدىن، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش مۇساپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يادرولۇق مۇھىم مەزمۇن، روھىي ماھىيەت، مول ماھىيەتلىك مەزمۇن، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن سىياسىي پەزىلەت، قىممەت ئىنتىلىشى، مەنىۋى مەنزىل، ئىستىل - پەزىلەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، بۇنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، پەزىلەتنى چېنىقتۇرۇش، كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا قوللىنىپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، روھنى، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئاللىقنى كۆزىتىپ بىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، ھەر مىللەت ئاممىنى گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرگىچە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ۋە ئىشخانىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.