تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

يەر خېتىنى كۆيدۈرۈپ ئىنقىلاب قىلغان «دېھقانلار ھەرىكىتىنىڭ سەركىسى»

پېڭ پەي:

يەر خېتىنى كۆيدۈرۈپ ئىنقىلاب قىلغان «دېھقانلار ھەرىكىتىنىڭ سەركىسى»

پېڭ پەينىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ماۋ شىن

«1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، لىڭنەن باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. گۇاڭدۇڭ شەنۋېي شەھىرى خەيفېڭ ناھىيەسىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل لۇڭجىن دەرياسى بويىدا سىرتقى تېمى ئاپئاق ئىككى قەۋەتلىك غەربچە كىچىك بىنا ئالدىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى، بۇ يەر ئىنقىلابىي قۇربان پېڭ پەينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ئىدى.

ئەسلىي تۇرالغۇغا كىرگەندە، ئۆي ئىچى ئاددىي - ساددا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، زالدا پېڭ پەي بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ئىش ئىزلىرىغا ئائىت سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى بار ئىدى. پېڭ پەي بۇ جايدا بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەنىدى.

پېڭ پەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، جۇڭگو دېھقانلار ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى، مەشھۇر خەيلۇفېڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. 1896 - يىلى 10 - ئايدا، پېڭ پەي گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خەيفېڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپتە ياپونىيەگە بېرىپ ئوقۇغان، 1921 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، خەيفېڭدا سوتسىيالىزم تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە ئەمگەكچىلەر ھېسسىياتداشلىق جەمئىيىتى قۇرۇپ، ماركسىزمنى تارقاتقان.

پېڭ پەي باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن دېھقانلارغا يېقىن ئىدى. يېزىلارنىڭ ۋەيران بولۇش، دېھقانلارنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشتەك رېئاللىق ياش پېڭ پەينى كونا جەمئىيەتنىڭ چىرىكلىكى ۋە ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. 1922 - يىلى، پېڭ پەي ئۆزى يالغۇز يېزىغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ دەرد - ئەلەملىرىنى ئىگىلىگەن، دېھقانلارنى تەشكىللەپ، دېھقانلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. ئۇ يازغان «خەيفېڭ دېھقانلار ھەرىكىتى» ناملىق كىتاب دېھقانلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقىغا ئايلانغان، ئۇمۇ «دېھقانلار ھەرىكىتىنىڭ سەركىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.

«بوۋام ئىلگىرى <ئىنقىلاب دېگەن نېمە؟ ئىنقىلاب زور كۆپ سانلىق كىشىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر، بىز ئىنقىلاب قىلىشتا زور كۆپ سانلىق كىشىنىڭ مەنپەئىتىنى تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك> دېگەنىدى. ئەينى چاغدا جۇڭگودىكى زور كۆپ سانلىق كىشى قەيەردە؟ زور كۆپ سانلىق كىشى دەل دېھقانلار. پارتىيەمىز ئۇلار ئۈچۈن ھوقۇق - مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك» دېدى ئىنقىلابىي قۇربان پېڭ پەينىڭ قىز نەۋرىسى پېڭ يىنا.

1922 - يىلى 7 - ئايدا، پېڭ پەي ۋە جاڭ مائەن قاتارلىق ئالتە كىشى خەيلۇفېڭ تۇنجى دېھقانلار ئۇيۇشمىسى − «ئالتە كىشىلىك دېھقانلار ئۇيۇشمىسى»نى قۇرغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دېھقانلار ھەرىكىتىنىڭ ئوتى تۇتاشقان، دېھقانلار ھەرىكىتى ئۇچقۇندىن يانغىنغا ئايلىنىپ تېز تەرەققىي قىلىپ، كېيىنكى يىلى 7 - ئايغا كەلگەندە، لۇفېڭ، خۇيياڭ قاتارلىق ئون ناھىيەگە كېڭەيگەن، پېڭ پەي ئارقا - ئارقىدىن خۇيجوۋ دېھقانلار بىرلەشمىسى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك دېھقانلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان.

1924 - يىلى 4 - ئايدا، پېڭ پەي گۇاڭجوۋغا بېرىپ دېھقانلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، دېھقانلار ھەرىكىتى كۇرسى ئاچقان، 1 - نۆۋەتلىك، 5 - نۆۋەتلىك دېھقانلار ھەرىكىتى كۇرسىنىڭ مۇدىرى ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىسى بولغان.

1925 - يىلى 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا، پېڭ پەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەيفېڭ ياچېيكىسىنى تەشكىللەپ قۇرغان ھەم شۇجىسى بولغان.

1927 - يىلى 3 - ئايدا ۋۇخەنگە بېرىپ، پېڭ پەي ماۋ زېدۇڭ قاتارلىقلار بىلەن جۇڭخۇا مەملىكەتلىك دېھقانلار جەمئىيىتى ۋاقىتلىق ئىجرائىيە كومىتېتىنى تەشەببۇس قىلىپ تەشكىللىگەن ھەم ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە باش كاتىپى بولغان.

بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پېڭ پەي نەنچاڭغا بېرىپ نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. پارتىيەنىڭ 7 - ئاۋغۇست يىغىنىدا ۋاقىتلىق مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى سايلاپ چىقىلغان، ئۇ سىياسىي بىيۇرونىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، كېيىن قوشۇمچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جەنۇب بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 10 - ئاينىڭ ئاخىرى خەيلۇفېڭغا قايتىپ كېلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ قوزغىغان.

1927 - يىلى 11 - ئايدا، پېڭ پەي خەيلۇفېڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى رەھبەرلىك قىلىپ قۇرغان. 1928 - يىلى 11 - ئايدا، پېڭ پەي مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېزا خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1929 - يىلى 8 - ئايدا، پېڭ پەي خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، شاڭخەي لۇڭخۇا تۈرمىسىگە قامالغان. تۈرمىدە، ئۇ قەتئىي تىز پۈكمەي، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «تىنىقىملا بولىدىكەن، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن!» شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، پېڭ پەي ۋە سەپداشلىرى ياڭ يىن، يەن چاڭيى، شىڭ شىجېندىن ئىبارەت تۆت كىشى «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى»نى ئۈنلۈك ئېيتىپ، «جاھانگىرلارنى يوقىتايلى!» «جۇڭگو قىزىل ئارمىيەسى ياشىسۇن!» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشىسۇن!» قاتارلىق شوئارلارنى توۋلاپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئاران 33 ياشتا ئىدى.

ئىنقىلاب ئۈچۈن، ئېتىقاد ئۈچۈن، پېڭ پەي ئۆزىنى مەردلەرچە قۇربان قىلدى، شۇنداقلا ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئەركەكلەرگە خاس يۈرەك سۆزىنى قالدۇردى.

«بىڭمېي: ئەمدى مەڭگۈلۈك خوشلىشىدىغان بولدۇق، سىڭلىم، سىزنىڭ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە رەھمەت! ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ، سۆزلىسەم سۆزۈم تۈگىمەيدۇ. سۆيگىنىڭىز پەي.» بۇ، مەردلەرچە قۇربان بولۇش ئالدىدا، پېڭ پەينىڭ تۈرمىدە خوتۇنىغا يازغان ۋەسىيەتنامىسى.

قىزىل ئائىلە ئىستىلى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ يادرو ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى يول ئاچقۇچى ۋە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى، 96 ياشلىق ئاكادېمىك پېڭ شىلۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ تۈگەتتى. جۇڭگونىڭ 1 - ئەۋلاد يادرو سۇ ئاستى كېمىسىدىن داياۋەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغىچە، يەنە چىنشەن ئىككىنچى قارارلىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغىچە ھەممىسىگە ئۇنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن.

پېڭ شىلۇنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى ئۇ پېڭ پەينىڭ ئوغلى. ئالاھىدە ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشى ئۇنىڭدا دۆلەت ۋە خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتنى يېتىلدۈرگەن.

«ئاتا - ئانام مال - مۈلكىنى دېھقانلارغا خالىس تەقسىم قىلىپ بەردى، ھەتتا ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتمىدى، ماڭا خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلايدىغان قىزغىنلىق ئاتا قىلدى.» پېڭ شىلۇ مۇنداق دېگەن: ھايات ۋاقتىمىزدا ۋەتەننى قىزغىن سۆيسەك، ۋەتەنگە سادىق بولساق، ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بېغىشلىساق، مۇشۇ يېتەرلىك!

بۈگۈنكى كۈندە، ئەينى يىلى پېڭ پەي رەھبەرلىك قىلغان خەيلۇفېڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ پائالىيەت مەركىزى − «خەيفېڭ قىزىل سارىيى قىزىل مەيدانىنىڭ ئەسلىي ئورنى خاتىرە سارىيى» پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئايلاندى، پېڭ پەينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىمۇ نۇرغۇن ساياھەتچى «چوقۇم بارىدىغان جاي»غا ئايلىنىپ، ھەر يىلى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ياد ئېتىشكە جەلپ قىلماقتا. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىلا، شەنۋېي پۈتۈن شەھەر بويىچە قىزىل ساياھەتچىلىكتە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.