تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

كەلگۈسى مەڭگۈلۈك بەختنى كۆزلەش

جاڭ تەيلېي:

كەلگۈسى مەڭگۈلۈك بەختنى كۆزلەش

جاڭ تەيلېينىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چيۇ بىڭچىڭ

جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھىرىگە جاڭ تەيلېي خاتىرە سارىيى جايلاشقان. بۇ جايدا جاڭ تەيلېينىڭ ئىنقىلابىي ئىش ئىزلىرى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، ماي بوياق رەسىم، ماددىي بۇيۇم، سۈرەت قاتارلىق تارىخىي ماتېرىياللار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىنقىلابىي شانلىق ھاياتى نامايان قىلىنغان، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشى ۋە رىشتى ئىپادىلەنگەن.

جاڭ تەيلېينىڭ ئەسلىي ئىسمى جاڭ زېڭراڭ بولۇپ، 1898 - يىلى 6 - ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ ۋۇجىندىن. ئۇ 1915 - يىلى ئىمتىھان بېرىپ بېيجىڭ داشۆسىگە قوبۇل قىلىنغان، شۇ يىلى قىشتا تيەنجىن بېيياڭ داشۆسى (ھازىرقى تيەنجىن داشۆسى)گە يۆتكىلىپ، قانۇن پەنلىرىنى ئۆگەنگەن. ئۇ گۈلدۈرمامىغا ئايلىنىپ، تۇمانلارنى تارقىتىپ، كونا جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئىرادە باغلىغاچقا، كېيىن ئىسمىنى جاڭ تەيلېيغا ئۆزگەرتكەن.

1919 - يىلى 4 - ماي ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى پارتلىغاندا، جاڭ تەيلېي پائال ئاتلىنىپ، تيەنجىن رايونىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ تايانچلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. جاڭ تەيلېي بۇ ھەرىكەتتە ئۆزى ئۇزاقتىن بۇيان ھۆرمەتلەپ كەلگەن لى داجاۋ بىلەن ئالاقە ئورناتقان. لى داجاۋنىڭ تەسىرىدە، جاڭ تەيلېي ماركسىزم بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان، ھەم لى داجاۋ بېيجىڭ داشۆسىدە تەشكىللىگەن ماركس تەلىماتى تەتقىقات جەمئىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. 1920 - يىلى 10 - ئايدا، جاڭ تەيلېي دېڭ جۇڭشيا قاتارلىقلار بىلەن بىللە، لى داجاۋ قاتارلىقلار بېيجىڭدا تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەزالىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

كېيىن، ئۇ دېڭ جۇڭشيا بىلەن بىللە ئىشچىلار ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، چاڭشىڭديەنگە بېرىپ ئەمگەكچىلەر تەييارلىق مەكتىپىنى قۇرۇپ، شىمالىي تۆمۈريول ئىشچىلىرى ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تايانچلىرىنى تەربىيەلىگەن. 1921 - يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ، جاڭ تەيلېي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ خىزمەت قىلغان، ئوقۇغان، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال يىراق شەرق شۇجىچۇسى جۇڭگو بۆلۈمىنىڭ شۇجىسى بولغان ھەم كۆپ قېتىم كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ جۇڭگوغا ئەۋەتكەن ۋەكىلىگە ھەمراھ بولۇپ، لى داجاۋ، چېن دۇشيۇ، سۈن جۇڭشەن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 1 - قېتىملىق گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

1924 - يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، جاڭ تەيلېي ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان. 1925 - يىلى 1 - ئايدا، ئۇ جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 3 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان، پارتىيە 4 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغان. 1925 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ - گۇاڭشى رايونلۇق كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن، جاڭ تەيلېي رايونلۇق كومىتېتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ بىرى بولغان. 1926 - يىلى 2 - ئايدىن 1927 - يىلى 4 - ئايغىچە جاڭ تەيلېي گۇاڭدۇڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «خەلق ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مۇدىر مۇھەررىرى بولغان.

1927 - يىلى 4 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، جاڭ تەيلېي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 5 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، چېن دۇشيۇنىڭ ئوڭچىل پۇرسەتپەرەسلىك خاتالىقىنى ئۆتكۈر تەنقىد قىلغان. ئىنقىلابنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، جاڭ تەيلېي شۇجىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئاينىڭ بېشىدا قوراللىق دېھقانلار «تاغقا چىقىش» ۋە يەرلىك قوراللىق كۈچلەرنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق تاكتىكا ۋە تەكلىپلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. 7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندە، جاڭ تەيلېي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋاقىتلىق دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان؛ 7 - ئاۋغۇست يىغىنىدىن كېيىن، ئۇ گۇاڭدۇڭغا خىزمەتكە ئەۋەتىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جەنۇب بىيۇروسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە جەنۇب بىيۇروسى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

جاڭ تەيلېي گۇاڭدۇڭغا كېلىپلا، دەرھال گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتكەن ھەم گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭى قوماندانلىق ئاپپاراتى − ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتنى تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇپ، كومىتېت باشلىقى بولغان. تەييارلىق خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتقاندا، قوزغىلاڭنىڭ خەۋىرى ئاشكارىلىنىپ قالغان. جاڭ تەيلېي دەرھال قەتئىي قارارغا كەلگەن، گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭىنىڭ ئوق ئاۋازى 1927 - يىلى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سەھەردە مۇددەتتىن بۇرۇن ياڭرىغان. جاڭ تەيلېينىڭ رىياسەتچىلىكىدە گۇاڭجوۋ سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان ھەم ئۇ ئۆزى مۇۋەققەت رەئىس، خەلق دېڭىز - قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭىنىڭ 2 - كۈنى، دۈشمەن قوشۇنى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ مۇھىم بازىسىنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەم ئەسكەر كۈچىنى بۆلۈپ قوزغىلاڭچى قوشۇن باش قوماندانلىق ئىشتابىغا يوپۇرۇلۇپ كەلگەن. جاڭ تەيلېي بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئۈچۈن دەرھال ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغان. ئاپتوموبىلدا كېتىۋېتىپ دۈشمەننىڭ پىستىرمىسىغا ئۇچراپ، جاڭ تەيلېيغا ئۈچ پاي ئوق تېگىپ، قىزىل بايراق قادالغان ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە يىقىلىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 29 يىللىق ھايات مۇساپىسى ئارقىلىق «كونا دۇنيانى كۇكۇم - تالقان قىلىدىغان گۈلدۈرماما بولۇشنى خالايمەن» دېگەن تەنتەنىلىك قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن.

جاڭ تەيلېي خاتىرە سارىيىغا كىرگەندە، كۆرگەزمە زالىنىڭ تېمىدا «كەلگۈسى مەڭگۈلۈك بەختنى كۆزلەش» دېگەن خەتلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. «بۇ، جاڭ تەيلېي ئائىلىسىگە يازغان خېتىدە تىلغا ئالغان بىر جۈملە سۆز، شۇنداقلا جاڭ تەيلېينىڭ ئۆمۈرلۈك قەتئىي ئىنتىلىشى.» چاڭجوۋ سەنجيې خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى خۇاڭ مىڭيەن مۇنداق دېدى: ئۇ ئەينى چاغدا نۇرغۇن ئىدىيە ئېقىمى بار ئەھۋالدا كوممۇنىزمنى تاللىدى، ھەم ئۆمۈر بويى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، قۇربان بولۇشتىن قورقماي، قالتىس تالانتى، يۈكسەك قىزغىنلىقى ۋە ياش ھاياتىنى جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىغا تەقدىم قىلدى.

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، چاڭجوۋ شەھىرى چاڭجوۋ سەنجيې خاتىرە سارىيى ھەم ئەتراپتىكى مۇھىتنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، بۇ، جاڭ تەيلېي خاتىرە سارىيىدا تەيلېي ياشلار ئېتىقاد بوشلۇقىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «تەيلېي ياشلار ئېتىقاد بوشلۇقى ئاساسلىقى زاكازلاشقان مىكرو پارتىيە دەرسى، ئىتتىپاق دەرسى دەرس مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، پارتىيە تارىخى، ئىتتىپاق تارىخىنى ئۆگىنىشنى مول، سەرخىل باش تېما پائالىيىتى بىلەن ھەقىقىي بىرلەشتۈردى» دېدى خۇاڭ مىڭيەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.