تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەنزىرە گۈزەل، كىشىلەر ئالدىراش، كۈنلەر شېرىن

مەكىت ناھىيەلىك 1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانىدا:

مەنزىرە گۈزەل، كىشىلەر ئالدىراش، كۈنلەر شېرىن

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ

«قۇملۇقنىڭ چېتىدە بۇنداق چوڭ چىرايلىق شاپتۇللۇقنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن گۈزەل ماكانغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم» دېدى بىر فوتوگراف ھاياجانلانغان ھالدا. 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئىللىق باھار ئاپتىپىدا، مەكىت ناھىيەلىك 1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانى «شاپتۇل چېچىكى باغچىسى» مەنزىرە رايونى باھار تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، ئالايىتەن شەندۇڭدىن مەكىت ناھىيەسىگە كەلگەن ئون فوتوگراف مەردلىك بىلەن فوتو ئاپپاراتنىڭ زاتۋورىنى بېسىپ، مەنزىرە رايونىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى.

كەنت قىياپىتى بىرقەدەر ناچار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم يۇقىرى بولمىغان كىچىك كەنت بىر ھالقىپلا ئېكولوگىيەسى گۈزەل، تۇرمۇشى باياشات بولغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق ئۈلگىلىك كەنت»كە ئايلاندى، 1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانى مەكىت ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈم ئېففېكتىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئارقىلىق، ساياھەتچىلىك بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى، پۈتۈن كەنتتىكىلەر گۈلدەك گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلاندى.

ئىستىراھەت ساياھىتى قىزىپ كەتتى

4 - ئاي كىرىشى بىلەن، «شاپتۇل چېچىكى باغچىسى» مەنزىرە رايونىدىكى شاپتۇل چېچەكلىرى بەس - بەستە ئېچىلىپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ «دولانغا مۇھەببەت − شاپتۇل چېچىكىدىن زوقلىنىش» تېمىسىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى 1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانىدا باشلاندى، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە بەس - بەستە كېلىپ، گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلىپ، ئويۇن كۆرۈپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، چىرايلىق سۈرەتلەرگە چۈشۈپ... بايرام شادلىقىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولدى.

«باشلىنىش مۇراسىمى كۈنى 50 - 40 مىڭ ئادەم كەلدى، ئادەم بەك كۆپ!» 1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ مەيدان باشلىقى سۇ يىڭچاۋ شۇ چاغدىكى تەنتەنىلىك مەنزىرىنى ئەسلەپ، يەنىلا ھاياجېنىنى باسالماي قالغانىدى.

مەكىت ناھىيەسىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى 1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانىدا ئۇدا يەتتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، 1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانى پۈتۈن كۈچى بىلەن ساياھەت قىلىش، سەيلە قىلىش، ئۈزۈش، دەم ئېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان «شاپتۇل چېچىكى باغچىسى» مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنىڭ داڭقىنى بارغانسېرى چىقاردى. ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى ھۆسنخەت - رەسىم ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەلنەغمە ئورۇنلاش، شاپتۇل چېچىكى پەرىزاتلىرى T سەھنىسىدە مودېل مېڭىش، قەدىمكى شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش، باھار سەيلىسى قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك باش تېما پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە ئۆزگىچە لەڭمەن، ئاچچىق - چۈچۈك قوي پاچىقى، يۇلغۇن كاۋىپى، دولان بېلىق كاۋىپى قاتارلىق خاس مەززىلىك تائاملار بار بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى.

«مەن مەكىت ناھىيەسىگە كېلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپلا قالماي، يەنە ئالاھىدە خاس ئورۇنلانغان مۇقامدىن ھۇزۇرلاندىم. بۇ يەر قۇملۇقنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولسىمۇ، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەن!» دېدى ساياھەتچى جاڭ باۋجيەن خۇشال ھالدا مۇخبىرلارغا.

ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ بېيىش

ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شاپتۇللۇقتا نۇرغۇن مامكاپ، بېدە ئۆسۈپ چىقتى، بۇ ياۋا كۆكتاتلار خېرىدارلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان پەسىللىك كۆكتاتلار ئىدى. 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانى «شاپتۇل چېچىكى باغچىسى» دېھقانلار ئارامگاھىدا ئىشلەۋاتقان ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئاھالىسى پاشاگۈل رۇسۇل بىلەن زورىگۈل ئەمەت ھويلىدا ياۋا كۆكتات ئۈزۈۋاتاتتى. پاشاگۈل بىلەن زورىگۈلنىڭ ئۆيى يېقىنلا جايدا بولۇپ، ئىشقا بېرىپ كېلىشى ئىنتايىن قولايلىق، ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە مائاش ئالىدۇ. دېھقانلار ئارامگاھىدا ئىشلەشنى تىلغا ئالغاندا، زورىگۈل ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۆيدە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بالا باقاتتىم، ھېچقانداق كىرىمىم يوق ئىدى. ھازىر ئۆيدىن خەۋەر ئېلىپلا قالماي، يەنە خېلى كۆپ كىرىم قىلىدىغان بولدۇم!»

ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئاھالىسى مەمەتتۇرسۇن روزى ئائىلىسىنىڭ 12 مو بېغى بار بولۇپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ھوسۇلى يۇقىرى بولمىغاچقا، بىر يىللىق ھوسۇلى ئائىلىسىدىكى تۆت جاننىڭ تۇرمۇشىنى ئاران قامدايتتى. كەنت ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، مەمەتتۇرسۇن ئۆزىنىڭ ئۈچ ئېغىز ئۆيىنى پۇقراۋى قونالغۇغا ئۆزگەرتىپ، ئويلىمىغان يەردىن بىر يىلدىلا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى.

«ئورمانچىلىق مەيدانىمىز بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتىدۇ، كېلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، پۇقراۋى قونالغۇمىزنىڭ سودىسى چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ!» مەمەتتۇرسۇن روزى بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچ باغلىدى.

ساياھەت كەسپىدىكى چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش

1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىنى ئورمانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شياڭجۈن ناھايىتى پىششىق بىلىدۇ: 1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، قاتنىشى قولايلىق، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران تۆت كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەسلىدىلا 100 مودىن كۆپرەك شاپتۇللۇق ۋە ئالمىلىق باغ بار ئىدى، ئۇ مەكىت ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى بىردىنبىر يېزا - كەنت ساياھىتى قىلىش ۋە سەيلە قىلىش - ئۈزۈش باغچىسى بولۇپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە.

2019 - يىلى، 1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتى گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، «بىر ساياھەت مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلىپ، بىر تەرەپنىڭ پۇقرالىرىنى بېيىتىش» ئومۇمىي يىرىك پىلانى بويىچە، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ «شاپتۇل چېچىكى باغچىسى» مەنزىرە رايونىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلدى.

«1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانى بارغانسېرى گۈزەللەشتى، ئىشىكتىن چىقساقلا ئاسفالت يول بار. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قاشالار ۋە چىملىقلار، يەنە شاپتۇللۇقلار ئورمانچىلىق مەيدانىنى شېئىرىي تۈسكە كىرگۈزدى.» ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، بۇ يەردە چوڭ بولغان نۇرمەمەت مۇسا خۇشاللىق ھېسسىياتىنى باسالمىدى.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز <N39دا ئويناش، شاپتۇل چېچىكى باغچىسىدا غىزالىنىش>نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز»، لى شياڭجۈن مۇنداق دېدى: N39 مەكىت ناھىيەسىنىڭ خاسلىققا ئىگە قۇملۇق دالا ئېكسپېدىتسىيە مەنزىرە رايونى، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، «شاپتۇل چېچىكى باغچىسى» مەنزىرە رايونىنى مەكىت ناھىيەسىنىڭ باشقا ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بىلەن ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇپ، 1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ يېزا - كەنت ساياھەت كەسپىنى ئەلالاشتۇرىمىز، زورايتىمىز، كېيىن يەنە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز. لى شياڭجۈن 1 - ماي ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئىشەنچكە تولغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.