تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى ھاللىق سەۋىيە تېز سۈرئەتلىك يولغا قەدەم قويدى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012) نىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن يولغا چىقىپ، ئوت يۇرتىنى كېسىپ ئۆتۈپ، تىيانشاندىن ھالقىپ، يەنجى، نەشپۈت شەھىرىدىن ئۆتۈپ، چەكسىز ئورماندىن ھالقىپ، قۇملۇققا كىرىپ، توختىماي مېڭىپ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئارال شەھىرىگە يېتىپ باردى، خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىنىڭ ھەربىر ئەزاسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە ياساپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىنى شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبىگىچە تۇتاشتۇرغانلىقىنى ھەقىقىي كۆرۈپ يەتتى.

زامان - ماكان ئارىلىقىنىڭ قىسقىرىشى بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈردى

قاتناشتىكى زامان - ماكان ئارىلىقى كىشىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. بۇ كۆز قاراش ھەققىدە، 60 ياشتىن ئاشقان ئابلەت يۇنۇس بىلەن 30 ياشتىن ئەمدىلا ئاشقان ئوسمان ئابلا كۆپ قېتىم مۇنازىرىلەشكەنىدى.

ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىدىكى دېھقان، ئەگەر بىرنەچچە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇرپانغا تۇتاشتۇرۇلمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى ھۆل ئۈزۈمنى ئىچكىرى رايونلارغا سېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇنداقلا دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان يىلىلا 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

«يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، يېزا - كەنت تاشيوللىرى قىل قان تومۇرلارغا ئوخشاش ئېتىز باشلىرىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى. بىز ئىككىيلەن بىر كەنتتىن ئەمەس، يول ياخشى بولمىغان بولسا، بەلكىم ھازىرغىچە تونۇشمىغان بولاتتۇق!» دېدى تۇرپان شەھىرى خۇيمىن مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئوسمان.

ئابلەت ياش ۋاقىتلىرىدا سەپەرگە چىقىشىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئوسمانغا سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ چاغلاردا نۆۋەتچى ئاپتوبۇس بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىشتا، بوران چىقمىغان تەقدىردىمۇ بىر كۈن مېڭىشقا توغرا كېلەتتىكەن؛ ئېشەك ھارۋىسى بىلەن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۈنچىگە ئۈزۈم توشۇغاندا، ئۈچتىن بىر قىسىم ئۈزۈم چايقىلىپ ئېزىلىپ كېتەتتىكەن.

ئوسمان ئۆزىنىڭ بۇ بىرقانچە يىلدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ تەجرىبە ئۆگەنگەنلىكى، جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ ئىشچى قوبۇل قىلغانلىقى، ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ بازار تەكشۈرۈشى قىلغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، زامانىۋى قاتناش تورى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىدىن ئۆزىنى ھەقىقەتەن بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نازىر مەمەت يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتىدە 40 نەچچە يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئون يىل ئىلگىرى ئۇ ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ تاغلىق چىغىر يولنى بويلاپ بازارغا كىرىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالاتتى، بېرىپ كېلىشىگە ئۈچ كۈن كېتەتتى، ھازىر ئاپتوموبىل ھەيدەپ كورلىغا بېرىپ نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىپ كېلىشكە يېرىم كۈنلا كېتىدۇ.

زىيارەت داۋامىدا، مۇخبىر جەنۇبىي شىنجاڭدا پىكاپ سېتىۋالغان دېھقانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكىنى، يېزىلاردا ئاپتوموبىل سېتىش بازىرىنىڭ ناھايىتى قىزىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىققان دېھقانلارنىڭ چېھرىدە ئۇرغۇپ تۇرغان ئىشەنچ ۋە تەبەسسۇمدىن، ئۇلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

قان بېرىش، قان ئىشلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ئىبارەت چوڭ تومۇر «قان بېرىش» بىلەن بىللە يەنە كۈچلۈك بولغان «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنىمۇ جارى قىلدۇرماقتا.

لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىنىڭ تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدۇ، لېكىن «قاتناش+»نىڭ ئەۋزەللىكى بۇ كەنتتە تولۇق گەۋدىلەندى. كەنتتىكىلەر سىرتقا چىقىپ ئىلغار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ يۈك توشۇدى ياكى كىراكەشلىك قىلدى، ئۆز جايىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى، دېھقانلار ئارامگاھى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، بۇلار كەنتنىڭ تەرەققىياتىنى زامانىۋى قاتناش تورى بىلەن بىرلەشتۈردى.

داشى كەنتىگە بېرىپ باققان نۇرغۇن كادىر ۋە ئامما داشى كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭ، تەپەككۇرىنىڭ جانلىقلىقىنى، بۇلارنى قولاي يول تورىدىن پايدىلىنىشتىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. «ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا تېخى قاتناش باشلانماي تۇرۇپلا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. خاس باقمىچىلىق، كۆچەت يېتىشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەر داشى كەنتىدە بارلىققا كەلدى، بىر قىسىم دېھقانلار يېرىنى ئوبوروت قىلىپ، 2 -، 3 - كەسىپكە يۆتكەلدى» دېدى لوپنۇر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ داشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 - شۇجى جوۋ يۈنچياڭ.

بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىر شەھەرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

يەنجى سانائەت باغچە رايونىدا، ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش، شوخلا ۋە لازا پىششىقلاش، تاش ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئىلغار سانائەت ئۈسكۈنىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ توشۇپ كېلىندى، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ سىرتقا توشۇلدى، ھەم كۆپلىگەن سۈپەتلىك ماركىلار شەكىللەندى. تۈرلۈك كەسىپلەر زورىيىش بىلەن بىللە، مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلار، ئىشلىگۈچى خادىملار يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ تەرەپ - تەرەپتىن كەلدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇلغان ئاقسۇ دەرياسى ئېقىن رايونى، ئۆگەن دەرياسى ئېقىن رايونى قاتارلىق مىليون مولۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىدا، شۇنىڭدەك يەنە ھەرقايسى ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ باغچە، كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى قۇرۇلۇشلىرى، مەنزىرە بەلبېغىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرىدا دەرەخلەر بارغانسېرى كۆپ تىكىلدى، مەنزىرىسى بارغانسېرى گۈزەللەشتى، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقتىن ئايرىلالمايدۇ.

يول تورىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى قەلبلەرنى مۇجەسسەملىدى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

ھەرقانچە چەت، يىراق جاي بولسىمۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىقسىڭىزلا، ھەرقانداق جايغا بارالايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز.

تارىم داشۆسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى تارىم دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، چۆل - باياۋاندا قۇرۇلغان «قۇملۇقتىكى بىلىم يۇرتى». 62 يىلدىن بۇيان جەمئىي 73 مىڭ 908 ئوقۇغۇچى تەربىيەلىنىپ مەكتەپ پۈتكۈزدى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ %85ى شىنجاڭدا قالدى، %62.5ى جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى.

«ھازىر قاتناش شارائىتى بەك ياخشى، سىنىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن، كۆپچىلىك جەنۇبىي شىنجاڭنى چەت، يىراق دەپ قارىمايدۇ. بۇ يازلىق تەتىلدە، مەن يەنە بىرنەچچە ساۋاقدىشىم بىلەن ھەرقايسىمىزنىڭ يۇرتىغا بېرىپ ئويناپ كېلىشكە كېلىشتۇق» دېدى، تارىم داشۆسى يەسلى مائارىپى كەسپىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى رەيھانگۈل ئەخەت.

قولاي يول تورىغا تايىنىپ، تارىم داشۆسى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزىدىغان ئېگىزلىككە ئايلاندى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندى. يېقىندا، تارىم داشۆسى ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى گاۋ چىڭخۇا، دوتسېنت جياۋ خەيخۇڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئېلىپ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمىتىنى تېگىشلىك كاپالەت ۋە تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

5 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىدىكى بۇيلۇق، يالقۇنتاغ، قۇمتاغ قۇملۇقى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ئوخشىمىغان يەرلىك تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغان ساياھەتچىلەرنى، ئوخشىمىغان رايون نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئاپتوموبىللارنى كۆرگىلى بولاتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول شۇ جاي ساياھەتچىلىكىنىڭ شىددەتلىك ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ما لىيىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ساياھەت ئۆمەكلىرى ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئەترەتلىرىنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە قارنى تاماشا قىلىش، چۈشتە تۇرپاندىكى يېشىللىققا پۈركەنگەن ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ناخشا - ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىش، كەچقۇرۇن قۇمتاغ قۇملۇقىدا «بىپايان قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن تەنھا ئىس - تۈتەك، ئەزم دەريادا پېتىۋاتقان يۇپيۇمىلاق قۇياش»نىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.