تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا باتۇرلۇق - قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

قىزىل ئىزنالارنى قەلبكە ئويۇش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىغا ئاتلىنىش. يېقىندا، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش»نىڭ 2 - قىسمى بويىچە چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق خەۋەر قىلىشتا، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىدىن ئىككىنى ئەۋەتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا «قىزىل ئەسلىمە سەپىرى» ۋە «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە سەپىرى»نى باش تېما قىلىپ، ھەقىقىي ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى كىشىلەرگە نامايان قىلدى، بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش يولىنى ئەسلەش، ئېچىلغان يولنى بېسىپ ئۆتۈش، ئالدىدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سېلىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنى تەسۋىرلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بەختلىك تۇرمۇش ياراتقانلىقىدەك ئۇلۇغۋار كارتىنىنى سۈرەتلەپ بەردى.

100 يىللىق سالاپەت، قاينام - تاشقىنلىق يىللار. ھەممىدە ئالغا قاراپ ماڭغاندا، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ھەرقانچە يىراققا ماڭسىمۇ، ھەرقانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش يولىغا نەزەر سالساق، سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە كۈرەش قىلغۇچىلار ئىسسىق قېنى ۋە ئەجرى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قاراڭغۇلۇقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ يورۇقلۇققا يول ئالغان ئىنقىلاب يولىنى بەرپا قىلدى، مەيلى «غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى روھى» بولسۇن ياكى «ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى ساپان» بولسۇن، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغان تۈركۈم - تۈركۈم كوممۇنىستلار قورقماس ئىنقىلابىي روھى ۋە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشتەك كۈرەش قىلىش روھىنى نامايان قىلدى. قىزىل ئىزنالارنى ئىزدىسەك، ئىلگىرىكى ھەربىي ئىشلاردىكى مۇھىم ئېغىزلار بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان قۇرۇقلۇق يولى قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندى، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ بىزگە تاپشۇرغىنى تۈمەن چاقىرىملىق تاغ - دەريالار بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قىزىل گېن بولۇپ، بۇ بىزنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش جاسارىتىمىزگە ئىلھام بەرمەكتە.

يول ئاياغ ئاستىمىزدا، پۇختا قەدەم باسقاندا يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى سىجىل ياخشىلاندى، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى. تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى گەۋدىسىنى بارغانسېرى كۈچەيتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتى، ئىقتىساد قان تومۇرىنى بارغانسېرى راۋانلاشتۇردى، يېشىل تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى بارغانسېرى ئۇرغۇتتى، پۇقرالارنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى كارتىنىلىرىنى بارغانسېرى رەڭدارلاشتۇردى. يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار ئارقىلىق، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، نامايان بولغىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىۋاتقانلىقى، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىدەك يېڭى مەنزىرە. خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش «خەلق تۇرمۇشىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش»كە تۇتىشىدىغان «داغدام يول»، ئۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش يولىنى پۇختىلىدى.

ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا مۇقەددىمە. يېڭى مۇساپە باشلاندى، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، جاپا - مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجىلەر بىلەن تولغان ئۆتمۈش، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ھازىر، پارلاق، بۈيۈك كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇشىمىزغا، توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا جاسارىتىمىز ۋە پاراسىتىمىزنى چېنىقتۇرۇشىمىزغا، كۈرەش ئىرادىمىزنى ئۇرغۇتۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. دۇنيادا 100 يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇنداقلا كەسكىن خىرىسقىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز، بۇ يولدا قىلچىمۇ توختاپ قېلىشقا، ئىككىلىنىشكە، قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، بىز جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.