چېن يەننيەن:
جاللاتلىق قىلىچى ئالدىدا قەتئىي تىز پۈكمەسلىك
چېن يەننيەننىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ زىيۈن
«دۆلەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتا يېشى چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ. بۇ، ئەجداد چېن يەننيەننىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭقۇر تەسىرى.» يېقىندا، ياش ئارتىس جاڭ ۋەنيى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا «ئويغانغان يىللار» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا چېن يەننيەننىڭ رولىنى ئالغاندىكى ھېسسىياتىنى ھەمبەھرىلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى سۆزلەنگەن بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مول ھەم ئىنچىكە بايان قىلىش شەكلى قوللىنىلىپ، دەۋر جاسارىتى ئەسلىگە قايتۇرۇلغان بولۇپ، بولۇپمۇ ياش تاماشىبىنلار ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
«90 - يىللاردا تۇغۇلغان» جاڭ ۋەنيىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغىنى شۇكى، چېن يەننيەن ئاشۇ دەۋردىكى «90 - يىللاردا تۇغۇلغان»لاردىن بولۇپ، گەرچە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، قەلبى باشتىن - ئاخىر يورۇقلۇققا تولغانىدى، «ئۇ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندە ئاران 29 ياشتا بولسىمۇ، ئەزەلدىن قورقۇپ باقمىغان، ئۇ بىر قايناق ھېسسىياتقا تولغان ئوت يۈرەك ياش».
چېن يەننيەننىڭ يەنە بىر ئىسمى شيا يەن بولۇپ، چېن دۇشيۇنىڭ چوڭ ئوغلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى داڭلىق پائالىيەتچى، كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى ۋە مەشھۇر پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى. ئۇ 1898 - يىلى ئەنخۇينىڭ خۇەينىڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1915 - يىلى شاڭخەي فىرانسۇز تىلى مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ فىرانسۇز تىلىنى مەخسۇس ئۆگەنگەن، 1917 - يىلى جېندەن داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ قانۇن پېنىدە ئوقۇغان.
1919 - يىلى 12 - ئايدا، 21 ياشلىق چېن يەننيەن فىرانسىيەگە بېرىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇغان. فىرانسىيەدىكى مەزگىلدە، ئۇ ئۆزى باشتىن كەچۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى ھۆكۈمەتسىزلىك ئېتىقادىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ماركسىزمغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇ جاۋ شىيەن، جوۋ ئېنلەي بىلەن بىرلىكتە ياۋروپادا تۇرۇشلۇق كوممۇنىزم تەشكىلاتى − جۇڭگو ئۆسمۈرلەر كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇپ، مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، «ئۆسمۈرلەر» ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1922 - يىلى كۈزدە، ئۇ فىرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسىغا ئايلانغان.
1924 - يىلى يازدا، چېن يەننيەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن، كۈزدە گۇاڭجوۋغا خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گۇاڭدۇڭدا تۇرۇشلۇق خاس ۋەكىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاتىپى، قوشۇمچە تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، پارتىيە دەرسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، پارتىيە ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەشكە كۈچەش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. 1927 - يىلى 3 - ئايغا كەلگەندە، گۇاڭدۇڭدىكى پارتىيە تەشكىلاتى 9000دىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە بولغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، تەشكىلىي ئاپپاراتى ئەڭ تاكامۇللاشقان، يۈكسەك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولغان يەرلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
1925 - يىلى 6 - ئايدا، چېن يەننيەن دېڭ جۇڭشيا، سۇ جاۋجېڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى زىلزىلىگە سالغان گۇاڭجوۋ - شياڭگاڭ چوڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.
چېن يەننيەن ئوت يۈرەك ياش بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنقىلابىي قۇربان، پارتىيەنىڭ سادىق جەڭچىسى. 1927 - يىلى ئەتىيازدا، چېن يەننيەن ۋۇخەنگە بېرىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 5 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جياڭسۇ، جېجياڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ دەرھال شاڭخەيگە قاراپ يول ئالغان، يولدا كېتىۋاتقاندا شاڭخەيدە 12 - ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈزبەرگەن.
1927 - يىلى 6 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جياڭسۇ، جېجياڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنى قۇرغان، چېن يەننيەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئاق تېررورلۇق قاپلىغان شاڭخەيدە، چېن يەننيەن ۋە جاۋ شىيەن قاتارلىقلار خەتەرگە قارىماي، چېچىلىپ كەتكەن يولداشلارنى ئىزدەپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە قايتا قۇرۇپ، كۈرەشنى پائال قانات يايدۇرغان. 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، چېن يەننيەن گومىنداڭنىڭ ئەسكەر، ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. دۈشمەنلەر شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەشكىلاتىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، چېن يەننيەننى دەھشەتلىك قىيىن - قىستاققا ئېلىپ، قىيناپ بەدەنلىرىنىڭ ساق يېرىنى قويمىغان. لېكىن چېن يەننيەن پولاتتەك ئىرادىسى بىلەن، پارتىيەنىڭ مەخپىيەتلىكىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆلسىمۇ تىز پۈكمىگەن.
1927 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، چېن يەننيەن گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ئەسكەر، ساقچىلىرى تەرىپىدىن جازا مەيدانىغا ئېلىپ مېڭىلغان. جاللات ئۇنىڭغا ۋارقىراپ تىزلىنىشقا بۇيرۇق قىلغان، ئەمما ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاب قايتۇرۇپ: ئىنقىلابچىلار ئوچۇق - ئاشكارا ئىش قىلىدۇ، ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ، پەقەت تىك تۇرۇپ ئۆلىدۇكى، قەتئىي تىزلانمايدۇ! دېگەن. بىرنەچچە جازا ئىجرا قىلغۇچى ئەسكەر زورلۇق بىلەن ئۇنى باسقان، قولىنى بوشىتىپ قىلىچنى پۇلاڭلاتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن چېن يەننيەن يەنە سەكرەپ ئورنىدىن تۇرغان، قىلىچ ئۇنىڭ بوينىنى چاپالمىغان، جاللاتمۇ قورققىنىدىن يىقىلىپ كەتكىلى تاسلا قالغان. ئاخىرىدا، ئۇنى قاتىللار يەرگە بېسىۋېلىپ قالايمىقان چېپىپ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ تۆھپىسى تارىخ سەھىپىسىدە چاقنايدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلار روھى كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ. چېن يەننيەننىڭ يۇرتى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئەنچىڭ شەھىرى يېقىنقى يىللاردا يەرلىكتىكىلەر قىزىل ھېكايىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، چېن يەننيەن، چېن چياۋنيەن ئىنقىلابىي ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىسى، قىزىل لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، كۆپ خىل شەكىلدە ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دېگەندىن ئىبارەت كۈرەش قىلىش روھىنى نامايان قىلدى.
«ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان ئەڭ ياخشى ھۆرمەت ئۇلارنىڭ روھىنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر. پەقەت يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن ئىنقىلابىي قۇربانلارغا يۈز كېلەلەيدىغان دەۋر ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ» دېدى ئەنچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە تەزكىرە تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى فاڭ چىڭجەي.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي، 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)