تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 7- قۇرۇلتىيى مەركىزىي كومىتېتنىڭ «ئالاھىدە» ئەزاسى

چېن تەنچيۇ:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 7- قۇرۇلتىيى مەركىزىي كومىتېتنىڭ «ئالاھىدە» ئەزاسى

چېن تەنچيۇنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ خەيبو

باش ياز مەزگىلىدە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭگاڭ شەھىرى خۇاڭجوۋ رايونى چېنسېلوۋ بازىرى چېنسېلوۋ كەنتىدە، ياپيېشىل قارىغاي، ئارچىلار ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چېن تەنچيۇنىڭ مىس ھەيكىلى ئىنقىلابچىلارنىڭ روھلۇق قىياپىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. مىس ھەيكەل ئالدىغا دەستە - دەستە گۈللەر تىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 7 - قۇرۇلتىيى مەركىزىي كومىتېتنىڭ بۇ «ئالاھىدە» ئەزاسىغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

چېن تەنچيۇ، 1896 - يىلى تۇغۇلغان، دابيېشەن تېغى ئېتىكىدىكى بۇ كىچىك تاغلىق كەنتتە ئۇ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىنى ئۆتكۈزگەن، ياشلىق دەۋرىدە ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ ۋۇخەنگە ئوقۇشقا بارغان. 1916 - يىلى دۆلەتلىك ۋۇچاڭ ئالىي سىفەن مەكتىپىنىڭ ئىنگلىز تىلى بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىرگەن، كېيىن دۇڭ بىۋۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ۋۇخەن ئوتتۇرا مەكتىپىنى قۇرۇپ، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا، بۇ مەكتەپ بىر تۈركۈم تەرەققىيپەرۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىنقىلابىي ياشلارنى يېتىشتۈرگەن.

1920 - يىلى كۈزدە، چېن تەنچيۇ دۇڭ بىۋۇ قاتارلىقلار بىلەن ۋۇخەندە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەشكىلاتىنى قۇرغان، 1921 - يىلى 7 - ئايدا پارتىيەنىڭ 1 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن چېن تەنچيۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەنيۈەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋۇخەن يەرلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى، خۇبېي رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مانجۇرىيە ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاشلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ھەرقايسى جايلاردىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ۋە ئەسكەرلەر ھەرىكىتى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تەرەپ - تەرەپكە چېپىپ ئالدىراش يۈرگەن.

قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن كېيىن، چېن تەنچيۇ مەركىزىي سوۋېت رايونىدا قېلىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جياڭشى شۆبە بىيۇروسى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان، 1935 - يىلى 8 - ئايدا موسكۋاغا بېرىپ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ 7 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان، كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتناشقان.

«مەن ئەزەلدىن بىر يەردە تۇرماي يۇرتمۇيۇرت كېزىپ يۈرىدىغان، يۈرۈش - تۇرۇشىم مۇقىم ئەمەس بىر ئادەم.» چېن تەنچيۇ بىر پارچە سالام خېتىدە ئانىسىدىن چوڭقۇر كەچۈرۈم سوراش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەپ يازغان: «ياشىنىپ قالغان ئانامنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغانىدىم... ئەپسۇس بىچارە ئانام بىرنەچچە يىل كېچىكىپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ، ئەگەر نەچچە يىل بۇرۇن بولغان بولسا بۇنچە كۆپ ئازاب تارتمىغان بولاتتى!»

«ئۇ مانا مۇشۇنداق باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قەھرىمان شەخس، ئۇ قەلبىگە مەڭگۈ نامرات پۇقرالارنى پۈككەن. گەرچە ئىلىم ئەھلى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قورال تۇتۇپ جەڭ مەيدانىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلغان.» چېن تەنچيۇ ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى دىڭ خەيجوۋ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ چېن تەنچيۇنىڭ سۈرەتلىرىدە كۆپىنچە ئۇنىڭ سول يۈزىنى كۆرۈشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ پارتىزانلىق ئۇرۇشىدا يارىلانغانلىقىدىن ئىكەن.

1939 - يىلى 9 - ئايدا، چېن تەنچيۇ بۇيرۇققا بىنائەن دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇ شىنجاڭدىكى مىلىتارىست شېڭ شىسەيگە قارشى ماھىرلىق بىلەن جانلىق كۈرەش قىلغان. شېڭ شىسەي ئاشكارا ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى، كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارشى يولدا ماڭغاندىن كېيىن، 1942 - يىلى يازدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ چېكىنىشىگە قوشۇلغان. چېن تەنچيۇ ئۆزىنى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمگە تىزغان، ھەم: «يەنە بىر يولداشلا بولىدىكەن، مەن ماڭسام بولمايدۇ» دېگەن.

1942 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، چېن تەنچيۇ قولغا ئېلىنغان. دۈشمەنلەر ئۇنى دەھشەتلىك قىيىن - قىستاقلارغا ئېلىپ، ئۇنى «پارتىيەدىن ئايرىلىش»قا قىستىغان. ئۇ قەتئىي باش ئەگمىگەن. 1943 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، چېن تەنچيۇ تۈرمىدە مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، ئەينى يىلى ئۇ 47 ياشتا ئىدى.

يولداش چېن تەنچيۇنىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋىرىنى ئىزچىل ھېچكىم بىلمەيتتى، تاكى 1945 - يىلى 4 - ئايغا كەلگەندە، پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 7 - قۇرۇلتىيىدا، چېن تەنچيۇ يەنە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا كۆرسىتىلگەن. ۋەكىللەر چېن تەنچيۇنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرى ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.

چېن تەنچيۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 7 - قۇرۇلتىيى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئالاھىدە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەرچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 7 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولالمىغان بولسىمۇ، غەلىبە تاڭ نۇرىنى كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى يەنىلا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە، دابيېشەن تېغى ئېتىكىدە كۈندە دېگۈدەك ئۆزگىرىش بولماقتا، پاكىز، ئازادە سېمونت يوللار كەنتلەرنى كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، رەتلىك تىكىلگەن بۈك - باراقسان دەل - دەرەخلەر ئارىسىدا ئاھالىلەر ئولتۇراق ئۆيلىرى بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنىدى؛ قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، قىزىل كۆرگەزمە سارايلار ھەر خىل پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقان ھويلىلىرى بىلەن ئۆزئارا بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ 100 يىللىق بوران - چاپقۇندا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش يېڭى مۇساپىسىدە قەدەممۇ قەدەم بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ تۇرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردا، چېنسېلوۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ كەنتنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن، ئۈزۈم، ئاپېلسىن قاتارلىق خاس تېرىقچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى يولغا قويدى، يەنە بىر تەرەپتىن، قابىل ئادەملەرنى ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۈچ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قۇردى. پۈتۈن كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ يىللىق كىرىمى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، دېھقانلارنىڭ يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 16 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، چېنسېلوۋ كەنتىدىكى 78 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

«چېن تەنچيۇنىڭ ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلغان ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانغان بولسىمۇ، كوممۇنىستلارنىڭ خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت كۈچ ئۇلاش تايىقى يەنىلا داۋاملىق يەتكۈزۈلمەكتە.» چېنسېلوۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېنشېڭ مۇنداق دېدى: چېنسېلوۋ كەنتى بۇلتۇر قىزىل كەنت قۇرۇش سىناق نۇقتا قىلىنغان كەنتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، پۈتۈن كەنت قۇرۇلۇشنى زورايتىپ، قىزىل بايلىققا تايىنىپ، مەۋقەنى كەنت خاسلىقىغا قويۇپ، قىزىل مەدەنىيەتنى يېشىل كەسىپكە سىڭدۈرۈپ، چېن تەنچيۇ ئەسلىي تۇرالغۇسىنىڭ 2 - قارارلىق كۆرگەزمە سارىيىنى رېمونت قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى ۋە خاس يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ بەختلىك بولغان ھاللىق يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.