تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (12)

1956 - يىلى

3 - ئايدا  شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولى قۇرۇلۇشى باشلاندى. 1957 - يىلى 10 - ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلاندى.

4 - ئايدا  گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە 11 خىل رايوننىڭ مائاش ئۆلچىمىنى بىرتۇتاش ئايرىشنى يولغا قويۇشنى قارار قىلىپ، شىنجاڭنىڭ شارائىتى جاپالىق، چەت - ياقا جايغا جايلاشقانلىقىنى ئويلىشىپ، شىنجاڭنى 11 - خىل مائاش رايونى قاتارىغا كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرمۇش خىراجىتى ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە چېگرا رايون قوشۇمچە پۇلى قوشۇپ بېرىلدى.

5 - ئايدا  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 3 - قېتىملىق چارۋىچىلىق رايونلىرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتى يىرىك پىلانى (لايىھە)»نى تۈزۈپ، چارۋىچىلىقنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭدا قۇربان بولغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ، چياۋ گوجېن، ۋۇ ماۋلىندىن ئىبارەت بەش ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قالدۇق ئۇستىخانلىرىنى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا يۆتكەپ دەپنە قىلىشنى قارار قىلدى.

7 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 1 - قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 1 - نۆۋەتلىك كومىتېت 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى، ۋاڭ ئېنماۋ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا سايلاندى.

7 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «ئاپتونوم رايوننىڭ مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات پىروگراممىسى (لايىھەسى)نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى كونكرېت يىرىك پىلانى» تۈزۈلدى.

9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتايدا «خەلق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ 2 - بەش يىللىق پىلانى توغرىسىدىكى تەكلىپ» ماقۇللاندى. دۆلەتنىڭ «2 - بەش يىل»لىق پىلانىدا شىنجاڭ چوڭ كۆلەمدە سانائەت قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش بازىلىرىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېموكراتىك ياشلار بىرلەشمىسى رەسمىي قۇرۇلدى.

11 - ئايدا  بىڭتۇەن ئۈرۈمچى - كورلا تاشيولىنى ياساش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇلۇپ، ئاساسلىقى ئۈرۈمچى - كورلا تاشيولىنىڭ 2 - قارارلىق ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

12 - ئايدا  شىنجاڭ ئىككى يىل سەككىز ئاي داۋاملاشقان خۇسۇسىي تىجارەت، سودا - سانائەت كەسپىنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.