تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (11)

1955 - يىلى

1 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە  شىنجاڭ ئۆلكىلىك 1 - نۆۋەتلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىش - ھەمكارلىشىش ۋەكىللىرى ۋە 2 - نۆۋەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

2 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۆلكىلىك 1 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلىپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۆلكىلىك 1 - نۆۋەتلىك كومىتېتى رەسمىي قۇرۇلدى.

2 - ئايدا  شىنجاڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمەت چوڭ ئەترىتى گۇاڭدۇڭغا باردى، كېيىن يەنە جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، خۇبېي، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەرگە بېرىپ قوبۇل قىلغان جەمئىي 3000 ياش ئوقۇغۇچى شىنجاڭغا كىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ كادىرلار قوشۇنىنى تولۇقلىدى.

8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «شىنجاڭ رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ 1 - بەش يىللىق پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى قارار» چىقىرىلدى.

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى  1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇش، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەستىقلاندى. «خەلق گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاپتونوم ناھىيەلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇپ بولغان.

9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىغا ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى. شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىغا 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

9 - ئايدا  مەركىزىي كومىتېت خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئىچىدە ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى، شىنجاڭدىن سەيپىدىن ئەزىزىگە جۇڭجياڭ ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلدى، مەمتىمىن ئىمىنوف قاتارلىقلارغا شاۋجياڭ ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلدى، ئۇلار يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت جياڭجۈنلىرى ئىدى.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇڭ بىۋۇ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كېلىپ تەبرىكلىدى.

10 - ئايدا  قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن نېفىت چىقىپ، يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك − قاراماي نېفىتلىكى بايقالدى. 1956 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى «خەلق گېزىتى»دە «قاراماي ۋە سايدام نېفىت رايونىغا ياردەم بېرەيلى» دېگەن باش ماقالە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن، زور تۈركۈمدىكى خادىملار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شىنجاڭغا كېلىپ قاراماي نېفىتلىكى قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى.

12 - ئايدا  بىڭتۇەننىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاساسىي قۇرۇلۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت فاڭجېنى ۋە ۋەزىپىسى كۆرسىتىلدى: سۇ ئىنشائاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇش، پائال بوز يەر ئېچىش، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىش، يېڭى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى قۇرۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.