تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەھبۇسلار ناخشىسىدا توغرا كەيپىيات مەڭگۈلۈك ساقلاندى

ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى:

مەھبۇسلار ناخشىسىدا توغرا كەيپىيات مەڭگۈلۈك ساقلاندى

ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جانبۇلات ماناربېك فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى كۇچا شەھىرى كوناشەھەر لىن جىلۇ كوچىسى 19 - نومۇرغا جايلاشقان. ھويلىدا دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى، ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنىڭ ھەيكىلى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئەتراپى ئىنقىلابىي قۇربانغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئامما تەقدىم قىلغان گۈللەر بىلەن لىق تولغانىدى.

1938 - يىلى 2 - ئايدا، لىن جىلۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن شىنجاڭ دىخۇا(ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرى)غا كېلىپ خىزمەت قىلغان. ئىلگىرى شىنجاڭ شۆيۈەنى(ھازىرقى شىنجاڭ داشۆ) ئىلمىي مۇدىرى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. لىن جىلۇ كۇچاغا ھاكىم بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش پائالىيىتىنى تىرىشىپ قانات يايدۇرغان؛ ئۇ يەنە مالىيە - باجنى پائال تەرتىپكە سېلىپ، ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، يول ياساپ، كۆۋرۈك سېلىپ، قاتناشنى ياخشىلاپ، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، كۇچادىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ بىرلىك سەپ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان كوممۇنىستلارنى مەركەزلىك نەزەربەند قىلدى. 1943 - يىلى 2 - ئايدا لىن جىلۇنى 4 - تۈرمىگە قاماپ قويدى. تۈرمىدە لىن جىلۇ «مەھبۇسلار ناخشىسى»نى ئىجاد قىلىپ، شېئىرىدا ئىنقىلابقا بولغان سادىقلىقى ۋە قەتئىي ئېتىقادىنى ئىپادىلىدى: «ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ساداقىتىمىز بىلەن مەيدانىمىزنى چىڭ ساقلايمىز! كاللىمىز كەتسىمۇ، ئەركىنلىكنىڭ ئالتۇن مۇنارىنى تىكلەيمىز؛ قىپقىزىل قېنىمىز بىلەن قىزىل بايراقنى بوياپ، ئۇزاققىچە جەۋلان قىلدۇرىمىز!» 1943 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، لىن جىلۇ چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن قاتارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى بىلەن قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئۇ 27 ياشتا ئىدى.

ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيىنىڭ ئورنى ئەسلىدە لىن جىلۇ كۇچا ناھىيەسىگە ھاكىم بولغان چاغدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى بولۇپ، خاتىرە سارىيى ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمە ئۆيى»نىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 350 كىۋادرات مېتىر، تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك كېسەك - ياغاچ قۇرۇلمىلىق بىر قەۋەتلىك ئىمارەت بولۇپ، كۆرگەزمە ئۆيىگە چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى قىسقىچە تەرجىمىھالى قويۇلغان، 100 پارچىدىن ئارتۇق قىممەتلىك سۈرەت، قۇم مودېل قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە لىن جىلۇنىڭ قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلىرى، خەت - چەكلىرى ۋە ئۇ ھايات ۋاقتىدا نەشر قىلغان «ئۆركەشلىگەن ئېقىن» ناملىق ئەدەبىيات - سەنئەت ژۇرنىلى بار. «ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى»نىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 154 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئالدى ئۆي ۋە ئارقا ئۆيگە ئايرىلغان. ئالدى ئۆي ۋاقىتلىق مېھمان كۈتۈش ئۆيى، كەينى ئۆي لىن جىلۇ ئەر - خوتۇننىڭ ياتاق ئۆيى. پۈتۈن ئەسلىي تۇرالغۇنىڭ ئۇسلۇبى تەبىئىي، ئاددىي - ساددا بولۇپ، لىن جىلۇنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي - ساددا ياشايدىغان، پاك - دۇرۇس خىزمەت قىلىدىغان ئىستىلىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

«دەل مۇشۇ بالكوندا، لىن جىلۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە چوقۇم ئاممىنى كۈتۈۋېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى دەرھال ھەل قىلىپ بېرەتتى، كۆپچىلىك ئۇنى يېقىملىق قىلىپ <لىن چىڭتيەن> دەپ ئاتايتتى.» كۇچا شەھەرلىك كۈسەن مۇزېيىنىڭ باشلىقى ما لىلى مۇنداق دېدى: «قەيسەر روھ مىراس قالدى ئاي ۋە يىللارغا، سادىق قەلب سىڭىپ كەتتى تاغ ۋە دەرياغا، ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ بىر ئۇلۇغ كوممۇنىستنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى پۈتكۈل ھاياتى بىلەن شەرھلىدى».

4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ خانىقاتام يېزىسى نوباشلام كەنتىدىكى 19 پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى خاتىرە سارايغا كېلىپ ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنى ياد ئەتتى، كۆپچىلىك ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ، ھەيكەلگە ھۆرمەت نەزەرىنى ئاغدۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىغاندا، 85 ياشلىق قادىر ئابلا ھاياجېنىنى باسالمىغان ھالدا: «لىن جىلۇ ئاممىغا كۆۋرۈك سېلىپ بەرگەن، مەكتەپ سېلىپ بەرگەن، باج - سېلىقنى كەچۈرۈم قىلغان، نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن، ئۇنى كوممۇنىستىك پارتىيە بىزدەك قىيىنچىلىقتا قالغان پۇقرالارغا ئىگە بولۇشقا ئەۋەتكەن» دېدى.

ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى سۈبھىنۇر ئەخمەت مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت خەلققە لىن جىلۇ ھەققىدىكى قىزىل ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەلىگەنلىكىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن، «چۈشەندۈرۈش جەريانىمۇ ئېتىقادنى چىڭىتىش جەريانى، مەن قىزىل تارىخقا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەيمەن».

كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى رۇستەم روزى كىچىكىدىن لىن جىلۇ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن بىر ئىنقىلابچىنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئېتىقادى ۋە مەنىۋى ئىنتىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى بېغىشلىغانلىقى بىزگە ئوخشاش ھازىرقى زامان ياشلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، لىن جىلۇنىڭ كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادى، كوممۇنىستىك پارتىيەگە بولغان ساداقىتى، خەلققە بولغان كۆيۈنۈشىنى بىز ھەربىر پارتىيەلىك كادىر بىر ئۆمۈر چىڭ تۇرىدىغان ئەقىدە قىلىشىمىز كېرەك.

□ئېكسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى

ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى 1975 - يىلى قۇرۇلغان، «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمە ئۆيى» ۋە «ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى»دىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسى بېرىدىغان جانلىق دەرسلىك. بۇنىڭ ئىچىدە «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمە ئۆيى»نىڭ كۆرگەزمە مەزمۇنى «ئىرادىلىك ياش» «ئىنقىلابقا ئاتلىنىش» «يەنئەن دەرياسىدا چېنىقىش» «شىنجاڭغا ئاتلىنىش» «كۇچا كارتىنىسى» «تىز پۈكمەس مەھبۇس، تۈرمىدە كۈرەش قىلىش» «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، قايغۇلۇق ھېسسىياتنى ئىپادىلەش» قاتارلىق بىرقانچە بۆلەككە بۆلۈنگەن. ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى بولۇپ، بۇ يىل 3 - ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ خاتىرە ساراي دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە پۈتۈن كۈن ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ، ئېكسكۇرسىيە ۋاقتى سائەت 30: 10دىن 30: 19غىچە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.