تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى خەلقنى ئويغاتتى

شىنجاڭ داشۆ ئارخىپخانىسىنىڭ باشلىقى يۈ فۇئېن ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەسىرى ۋە تىرىشچانلىقىدا، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم ئىلغار زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقاتقانلىقىنى چۈشەندۈرمەكتە (4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تارتىلغان). □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتخانىسى «ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش توغرىسىدا» «يېڭى دېموكراتىزم توغرىسىدا».

«شىنجاڭ گېزىتى» ئېلان قىلغان ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى، دىراما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى خەۋەرلەر. □ ماتېرىيال سۈرەت

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى غالىبىيەت يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيىدا كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈسكۈنىلەردە شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغان «بىزنىڭ ياشلىقىمىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ» ناملىق دىراما كۆرسىتىلىۋاتاتتى.

«ساۋاقداشلار، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشقا بىرلىكتە ئاتلىنىش قىزغىنلىقىڭلار بار، لېكىن ۋەتەننى سۆيۈش جەڭگە ئاتلىنىپ دۈشمەننى قىرىشلا ئەمەس، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈچىگە موھتاج. ئەگەر سىلەر دىراما رېپېتىتسىيەسىگە ئاكتىپ قاتنىشىش شەكلى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلىپ، پائال تەشكىللىنىپ ئىئانە توپلىساڭلار، ئوينايدىغان رولۇڭلار ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغاندىنمۇ بەكرەك چوڭ بولىدۇ...» دىرامىدا، شىنجاڭ شۆيۈەنى (شىنجاڭ داشۆنىڭ ئاساسى)نىڭ ئىلمىي باشقارما باشلىقى لىن جىلۇنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىي تەلىمى كىشىلەرنى زامان - ماكاندىن ھالقىتتى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى شىنجاڭدا مىللەتنى شەكىل، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى مەركەز، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنقىلابىي مەزمۇن، ساپ ئۇسلۇب، مىللەتكە خاس شەكىل ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭدىكى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ياشلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماركسىزم - لېنىنىزمنى تارقىتىش ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلىپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى تەشۋىق قىلىش

شىنجاڭنىڭ «ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار، ئەمما، مىنگودىن بۇيان شىنجاڭدىكى يەرلىك مىلىتارىستلار بېكىنمە، مۇتەئەسسىپ سىياسەتنى يولغا قويغاچقا، 4 - ماي يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ باھار يامغۇرى بۇ تۇپراقنى ياشارتالمىغانىدى، شىنجاڭ مەدەنىيەت جەھەتتە پۈتۈنلەي بىر پارچە چۆللۈك ئىدى.

شىنجاڭغا بارايلى، يېڭى شىنجاڭ قۇرايلى!

«ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 100دىن ئارتۇق جۇڭگو كوممۇنىستلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەينى چاغدا شىنجاڭ <جۇڭگونىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تايانچ بازىسى> دەپ ئاتالغان» دېدى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى مەي يۈخۇا.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەسىرىدە ۋە تىرىشچانلىقىدا، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم ئىلغار زاتلار، مەسىلەن، دۇ جۇڭيۈەن، سا كوڭلياۋ، شېن يەنبىڭ(ماۋ دۇن)، جاۋ دەن قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭغا كەلدى، ئۇلار 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم - لېنىنىزم، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلىپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىدىيەسى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللەتلەر بىرلىك سېپى سىياسىتى ۋە 4 - ماي يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

«شىنجاڭ يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ماركسىزم شىنجاڭدا كەڭ تارقالدى، شىنجاڭ شۆيۈەنى ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئاساسىي بازىسىغا ئايلاندى.» شىنجاڭ داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى قىزىل مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت رۈەن يې مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ماركسىزم - لېنىنىزم ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىدىيەسىنى بىۋاسىتە تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك ھەرىكەتلەرگە پائال ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەينى چاغدا، دىخۇا (ئۈرۈمچىنىڭ ئىلگىرىكى ئاتىلىشى) كىتابخانىلىرىدا خەنزۇچە نەشردىكى «كاپىتال» «سوتسىيالىزمنىڭ خام - خىيالدىن ئىلمىيلىككە قاراپ راۋاجلىنىشى» «ماركسنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق ماركس، ئېنگېلس ۋە لېنىننىڭ ئەسەرلىرى ھەمدە ماركسىزمنى تونۇشتۇرىدىغان مەخسۇس ئەسەرلەر ئاشكارا سېتىلغان. «1941 - يىلىلا شىنجاڭدا سېتىلغان خەنزۇچە نەشردىكى <سوۋېت كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيەسى تارىخى قىسقىچە دەرسلىكى> ۋە <لېنىنىزم مەسىلىسى>دېگەن كىتاب ئون مىڭدىن ئاشقان، بۇنىڭدىن ماركسىزمنىڭ شىنجاڭدا كەڭ تارقالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەينى چاغدا ماركسىزم - لېنىنىزم كىتابلىرىنى ئوقۇش بىر خىل جەمئىيەت كەيپىياتىغا ئايلانغان» دېدى رۈەن يې.

شىنجاڭ گېزىتى گېزىتخانا تارىخى سارىيىغا كىرگەندە، «قىزىل گېن تومۇرداش» كۆرگەزمە رايونىدىكى سارغىيىپ كەتكەن «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇرۇش سېپى» دېگەن ژۇرنالدا، دۇ جۇڭيۈەن، شېن يەنبىڭ، جاڭ جۇڭشى، سا كوڭلياۋ قاتارلىق كوممۇنىستلار ۋە ئىلغار زاتلار يازغان ماقالىلەر شىنجاڭنىڭ ماركسىزم - لېنىنىزمنى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغانلىقىغا ئائىت قىزىل ئىزنالارنى قالدۇرغان.

«كوممۇنىستلار باشقۇرۇشىدىكى <شىنجاڭ گېزىتى>دە ماۋ زېدۇڭنىڭ <ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلىرى، ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى تايانچ بازىلار تونۇشتۇرۇلغان خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان. شىنجاڭ گېزىتخانىسى 1938 - يىلى ماۋ زېدۇڭنىڭ <ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش توغرىسىدا> <يېڭى باسقۇچ توغرىسىدا> دېگەن ئەسەرلىرىنىڭ ھەر قايسىسىنى 8000 پارچىدىن كۆپەيتىپ باسقان، 1940 - يىلى ماۋ زېدۇڭنىڭ <يېڭى دېموكراتىزم توغرىسىدا> دېگەن ئەسىرىنى 20 مىڭ پارچە كۆپەيتىپ باسقان» دېدى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) ماتېرىيال مەركىزىنىڭ كۇتۇپخانا خادىمى خۇاڭ پېڭ.

ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ياڭرىتىش ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئوتىدا شىنجاڭ تۇپرىقىدا ناخشا ساداسى ياڭراپ، جەڭ ناخشىسى كۆتۈرەڭگۈ ئېيتىلىپ، قىزىل نوتىلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشكە بىرلىكتە ئاتلىنىش غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى؛ جاراڭلىق مېلودىيە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش سىمفونىيەسىگە سىڭىپ، ئاشۇ يىللاردىكى ئەڭ جۇشقۇن كۈچكە ئايلاندى.

«ئەينى چاغدا، شىنجاڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئاساسلىقى <جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى>دىن ئىبارەت بۇ ئاممىۋى تەشكىلاتقا تايىنىپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلغانىدى. ئىنقىلابىي ناخشىلارنى كۆپلەپ ئېيتىش شىنجاڭدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشنىڭ ئاساسلىق شەكلى بولۇپ قالغانىدى» دېدى رۈەن يې.

«ئۇ چاغدا ھەربىر توپنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۆزىنىڭ ناخشا ئەترىتى بار ئىدى، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىمۇ ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىپ، يېڭى ئەسكەرلەر يىڭىنىڭ مەدەنىيەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ناخشا ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلغانىدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن خۇاڭ خوچىڭ، لى يۈنياڭ، يۈ سۈن، بەي دافاڭ، چېن گۇيىن قاتارلىقلار دائىم ئاساسىي قاتلامدىكى ئورۇنلارنىڭ ناخشا ئېيتىشىغا يېتەكچىلىك قىلاتتى» دېدى مەي يۈخۇا.

جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ناخشا ئېيتىش ئەترىتىنىڭ تەرەققىياتى باھار يامغۇرىدىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك ھەرقايسى مەكتەپلەر، ھەربىي يىڭلار ۋە زاۋۇتلارغا كېڭەيدى، «پىدائىيلار مارشى»، «قىلىچ مارشى»، «سەرگەردانلار تىرىلوگىيەسى»، «خۇاڭخې دەرياسى ئومۇمىي خورى» قاتارلىق مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا ئائىت ناخشىلار دىخۇا شەھىرىدە ياڭراپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش بۇرغىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا چېلىندى.

بۇنىڭدىن سىرت، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى ھەر قېتىم «12 - ئاپرېل»، «7 - ئىيۇل»، «18 - سېنتەبىر» قاتارلىق مۇھىم، زور خاتىرە كۈنلىرى ھەمدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ئىئانە توپلاش، پۇل ئىئانە قىلىش ھەرىكىتىدە ناخشا ئېيتىش پائالىيىتى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرىنى قويۇشقا تەشكىللەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتتى.

ئەينى ۋاقىتتا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش ناخشىسى بار ئىدى. شىنجاڭدىكى داڭلىق سەنئەتكار قەمبەرخان قاتارلىق نۇرغۇن سەنئەتچىلەر ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ئىئانە توپلاش ئۈچۈن ئويۇن قويۇشقا ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەندى، ھەر مىللەت خەلق دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى مىسلىسىز يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.

«ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش توغرىسىدىكى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ناخشىلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۆلەت مۇنقەرزلىككە پېتىپ قۇل بولۇشقا تەن بەرمەسلىكتەك غەزەپكە تولغان ساداسى ئىدى. ئىئانە توپلاش ئۈچۈن ئويۇن قويۇش، ئىئانە توپلاش ئۈچۈن ناخشا ئېيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا مۆلچەرلىگۈسىز غايەت زور رول ئوينىدى. ناخشا قەيەردە ئېيتىلسا، شۇ يەردە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قىزغىن دولقۇنى داغدۇغىلىق كۆتۈرۈلدى» دېدى رۈەن يې.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تېمىسىدىكى دىرامىلارنى كۆپلەپ ئويناش ئاممىنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

تارىخقا قايتا نەزەر سالساق، دىرامىدىن ئىبارەت بۇ سەنئەت شەكلىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە ئىلغار زاتلار شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن. ئۇ ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنى قويۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلىدىغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىغان ياخشى شەكىلگە ئايلانغانىدى.

«1938 - يىلى يەنئەندىن كەلگەن يولداشلار <قامچاڭنى تاشلا> <ئاگاھ سىگنالى> <نامسىز قەھرىمانلار> <18 - سېنتەبىرگە تەزىيە> قاتارلىق دىرامىلارنى ئورۇنلىدى، ئىنقىلابىي بازىلاردا ئادەتتىكى ئىش دەپ قارالغان بۇ ئويۇنلار ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەتنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان شىنجاڭدىكى تاماشىبىنلارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى» دېدى مەي يۈخۇا.

شۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ شۆيۈەنىدىن ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۆلكىلىك قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىگىچە، ئاندىن جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى ھەم ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىلىرىغىچە ھەممىسى دىراما رېپېتىتسىيە قىلىش ۋە ئويۇن قويۇشنى قانات يايدۇردى.

«لىن جىلۇ شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان «چاقىرىش سىگنالى» دىرامىسى شىنجاڭ شۆيۈەنىدە ئورۇنلىنىپ زىلزىلە قوزغاپلا قالماي، يەنە كوچىلارغا چىقىپ جەمئىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، دىخۇادىكى ھەرقايسى مەكتەپ، ئورۇنلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى تىياتىر پائالىيەتلىرىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرمەھەل يېڭى تىياتىرلارنى قويۇش ئۇلغىيىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان» دېدى رۈەن يې.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. ئەينى يىلى، لىن جىلۇ شىنجاڭ شۆيۈەنىدە ئوقۇغۇچىلارغا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تېمىسىدىكى دىرامىلارنى رېپېتىتسىيە قىلىشقا ئۆزى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلۈپ، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سەھنىدە «بىز دەل ياشلىق چېغىمىزدا»نى ئورۇنلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش بىلەن بىللە، يەنە يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى تارىخقا سىڭدۈردى.

1938 - يىلى 10 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ 3 - قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلغان مەزگىلدە، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى شىنجاڭ شۆيۈەنىنى «ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش» ناملىق دىرامىنى، قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنى «يارىلانغان بىر پارتىزان» ناملىق دىرامىنى، ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنى «قۇربان بولۇش» ناملىق دىرامىنى، قازاق مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىنى «قارا كۆز» دىرامىسىنى ئورۇنلاشقا تەشكىللەپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئالقىشلىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ھەم ۋەكىللەر ئارقىلىق ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ چوغىنى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتتى.

1939 - يىلى 8 - ئايدا ئاتاقلىق سەنئەتكار جاۋ دەن قاتارلىق توققۇز كىشى دىخۇاغا كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ دىراما پائالىيىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. جاۋ دەن ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان دىراما «كۈرەش» پۈتۈن دىخۇا شەھىرىنى زىلزىلىگە سالدى. بۇ دىراما ئون نەچچە كۈن قويۇلۇپ، ھەربىر مەيدان تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى. تۇنجى مەيدان ئويۇننى قويۇشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى» «كۈرەش» دىرامىسىغا باھا بېرىدىغان ئالاھىدە سان گېزىت چىقاردى ھەم باش ماقالە ئېلان قىلدى. باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «جاۋ دەن قاتارلىق كىشىلەر شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، دىراما ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ دىراما سەنئىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور كۈچ قوشىدۇ».

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئويۇن قويۇش ئەترەتلىرى ياكى تىياتىر ئۆمىكى، ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمەكلىرىنى قۇردى. دىراما، دىراما ۋە ئەلنەغمە، مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇللىرى ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ نۇر چېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت سەھنىسىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى ۋەزىيەت ئاچتى.

«جۇڭگو كوممۇنىستلىرى رەھبەرلىكىدە قانات يايدۇرۇلغان يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى بولغاچقا، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ <دېرىزىنى ئېچىپ دۇنيانى كۆرگەن>، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيىتىدە يېڭى ئويغىنىش بولغان، شىنجاڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ قۇدرەتلىك تاشقىنى شەكىللەنگەن، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىيات بارلىققا كەلگەن» دېدى مەي يۈخۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.