4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 1 - يىللىق (1) - سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ساۋ شىنياۋ ساۋاقداشلىرىغا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭ خەلقىنى يېتەكلەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىئانە توپلاشنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەرمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ
«رابىخان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ، خۇشاللىق بىلەن چىن كۆڭلىدىن ياردەم قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 750 مىڭ سەر كۈمۈش ئىئانە قىلدى.» 4 - ئاينىڭ ئىللىق بىر كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئارخىپىدىن بۇ ئابزاسنى ئوقۇغاندا، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئادالەت يولىدا مال - مۈلكىنى ئىئانە قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.
پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىغا كىرىپ، سارغىيىپ كەتكەن ئارخىپلارنى بىر - بىرلەپ كۆرۈپ، ئاشۇ مەردانە يىللارنى قايتا ئەسلەپ ئۆتتى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى مىسلىسىز كۈچەيدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە پائال ئاتلىنىپ، پۇلى بارلار پۇل چىقىرىپ، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى.
بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشكە بىرلىكتە ئاتلىنىش
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىنجاڭ گەرچە چوڭ ئارقا سەپتە بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پائالىيىتىدە ئەزەلدىن كەم بولۇپ باقمىدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېگرامما يوللاپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ گەرچە چەت چېگرا رايون بولسىمۇ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بىزنىڭمۇ ئۆزگەرمەس ئىرادىمىز، ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە قەتئىي كۈرەش قىلىمىز».
«ئىلى رايونىدا سۈييۈەنگە ياردەم بېرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىئانە توپلاش كومىتېتى خەلق تەشكىلاتى بولۇپ قۇرۇلدى، خۇ شەنيىن كومىتېت باشلىقلىقىغا ئاشكارا كۆرسىتىلدى.» بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا ئەتىۋارلاپ ساقلانغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىئانە توپلاشقا ئالاقىدار ئەڭ بۇرۇنقى تارىخىي ماتېرىيالى بولۇپ، 1936 - يىلى 12 - ئايدا ئىلى رايونىدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىئانە توپلاش كومىتېتى قۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئەزالار، ئادەم سانى خاتىرىلەنگەن.
ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بېرىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قوشقان زور تۆھپىسى. 1936 - يىلى 11 - ئايدا سۈييۈەندە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا 1 - قېتىملىق ئىئانە توپلاشنى قوزغىدى. 1937 - يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، 1938 - يىلىدىكى قىشلىق كىيىم - كېچەك ئىئانە قىلىش، 1942 - يىلىدىكى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراشتىن يەنە 1943 - يىلىدىكى ئاياغ، پايپاق ئىئانە قىلىپ ئارمىيەدىن ھال سوراش، «بىر ناھىيە بىر ئايروپىلان» ئايروپىلان تەقدىم قىلىش ھەرىكىتىگىچە، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا باشتىن - ئاخىر ھەمراھ بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا ساقلانغان باي ناھىيەسىنىڭ تېلېگراممىسىدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «ھەر مىللەت خەلق ياپون قاراقچىلىرىغا بولغان چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك ئۆچمەنلىكنى چۈشەنگەچكە، قىشلىق كىيىم - كېچەك ئىئانە قىلىشنى پۈتۈنلەي قوللاپ - قۇۋۋەتلىدى. نەق مەيداندا پۇلى بارلار پۇل چىقىرىپ، مال - مۈلكى بارلار مال - مۈلۈك چىقىرىپ، ئىنتايىن قىزغىن بولدى.» بۇ تېلېگراممىدا 1938 - يىلى 10 - ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قوزغالغان قىشلىق كىيىم - كېچەك توپلاش ھەرىكىتىدە شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەس - بەستە پۇل ئىئانە قىلغانلىق ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن.
ھەرىكەت باشلىنىشى بىلەنلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ھەرقايسى ناھىيەلەر بەس - بەستە ئۆزلۈكىدىن ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى. ئىلى ناھىيەسى 70 مىليون سەر كۈمۈش، جېنشى ناھىيەسى 3 مىليون 504 مىڭ سەر كۈمۈش، چىيەندې ناھىيەسى 22 مىليون 375 مىڭ 200 سەر كۈمۈش ئىئانە توپلىدى... ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ ئىئانە پۇللىرى خۇددى قار ئۇچقۇنلىرىدەك ئالدىنقى سەپكە قاراپ ئۇچتى.
جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «بارلىقىمىز ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن» «پۇلى بارلار پۇل چىقىرىش، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىش» شوئارى ئاستىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پائال پۇل چىقىرىپ، ئالدىنقى سەپتىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە قىشلىق كىيىم - كېچەك، ئاياغ، پايپاق ئىئانە توپلاپ، زەھەردىن ساقلىنىش نىقابى، ئات ئىئانە قىلىپ، ئايروپىلان سېتىۋېلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنتايىن زور ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1940 - يىلى جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش باش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1937 - يىلى 9 - ئايدىن 1940 - يىلى 5 - ئايغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كۈمۈش تەڭگىگە سۇندۇرغاندا جەمئىي 3 مىليون 220 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلغان. كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن ياكى توپلانغان پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنىڭ سانى جەھەتتىن بولسۇن، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. بولۇپمۇ 1938 - يىلى، شىنجاڭ قىسقىغىنا بىر يىلدا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە توپلاپ، ئون كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا «شىنجاڭ ناملىق» دەپ نام بېرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتىپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىگە قاتناشتۇرغان.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتە كۆپ يىل خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ ماتېرىياللىرىنى توپلاش، تۈزۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر 89 ياشقا كىرگەن ياشانغان تاڭ يۇڭسەي بۇ تارىخنى تىلغا ئالسا، يەنىلا قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ: «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشكە بىرلىكتە ئاتلىنىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان سەمىمىي قەلبىنى نامايان قىلدى، بۇنىڭغا ئاسمان - زېمىن گۇۋاھ. ئەۋلادلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۈگۈنكى تەستە قولغا كەلگەن، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلىشى كېرەك».
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى توختىمىسا، ئىئانە توپلاش توختىمايدۇ
2015 - يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى، بۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 10 - بېتىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىئانە توپلاشقا ئالاقىدار ماقالىلەر بېسىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر نامرات ئامما ئەيسانىڭ ئوغلىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە بايان قىلىنغان بولۇپ، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ.
ئۇيغۇر كەمبەغەل ئامما ئەيسانىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ، ئىئانە قىلىشقا پۇلى بولمىغاچقا، 18 ياشقا كىرگەن ئوغلىنى ئالدىنقى سەپكە دۈشمەنلەرنى قىرىشقا ئەۋەتتى، ئۇ: ئەگەر ئوغلۇم جەڭ مەيدانىدا باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەنلەرنى قىرمىسا ۋاپاسىزدۇر، ئۆلسەممۇ كۆرۈشمەيمەن، دېگەن. ئارقا سەپ ياردەم بېرىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەيسانىڭ ئوغلىنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىش ئۈچۈن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە يازغان خېتىدە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «ئۇ، ئەگەر ئوغلۇم سادىقلىق بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلىپ ياپون قاراقچىلىرىنى يوقاتمىسا، ۋاپاسىزدۇر، بۇنداق ئوغلۇم يوق، ئۆلسەممۇ كۆرۈشمەيمەن، دېدى.» ئەيسانىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىقىغا ئالاقىدار چوڭقۇر مەزمۇنلۇق يازما كۆپ يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئوقۇسا ھەربىر جۈملىسى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنىڭ داۋاملاشقان ۋاقتى ئۇزاق بولۇپلا قالماي، دائىرىسى كەڭ بولدى. دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈلپەت كەلگەن، مىللەت ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن پەيتتە، ھەر مىللەت خەلق جاراڭلىق ھالدا «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى بىر كۈن توختىمىسا، مەن ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى بىر كۈن توختاتمايمەن» دېگەن دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپ ئىدارىسى ئېچىش - پايدىلىنىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو خۇڭشيانىڭ ئارخىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان بولۇپ، كۆپ قېتىم ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئارخىپ تارىخىي ماتېرىياللىرىنى توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش، يېزىش خىزمىتىگە قاتناشقان. «بۇ تارىخىي ماتېرىياللارنى ھەربىر قېتىم رەتلەش مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا قەلبىمنى بىر قېتىم پاكلاش ھېسابلىنىدۇ.» گو خۇڭشيا مۇنداق دېدى: بۇ ئارخىپلارنى ۋاراقلاپ ئوقۇغۇنىمدا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسى ۋە ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقى قەغەز يۈزىدە جانلىق گەۋدىلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، داغدۇغىلىق ھالدا ئىئانە توپلاشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى كۆز ئالدىمدا نامايان بولىدۇ.
«قىشلىق كىيىم - كېچەك ئىئانە قىلىش ھەرىكىتىدە، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئۈچ كۈنلۈك ئالتۇن ئىئانە قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، خەلقنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئەڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.» گو خۇڭشيا مۇنداق دېدى: دىخۇا (ئۈرۈمچىنىڭ ئىلگىرىكى ئاتىلىشى) دىكى 70 نەچچە ياشلىق ياشانغان ئايال نەق مەيداندا ئۆزىنىڭ بىردىنبىر پۇلغا يارايدىغان ئالتۇن ھالقىسىنى ئىئانە قىلغان؛ قازاق تۇل خوتۇن جايىق تۇرمۇشىنى قامدايدىغان مۈلۈك − 50 سەر يامبۇنى ئىئانە قىلغان؛ يەتتە نەپەر ئۇيغۇر تۇماقچى ھۈنەرۋەن ئۆزىنىڭ بىر كۈنلۈك ئەمگەك تاپاۋىتىنى ئىئانە قىلغان؛ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا خەت يېزىپ، كەمپۈت ئېلىپ يەيدىغان پۇلىنى تېجەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا 9000 سەر ئۆلكە تىزىسى ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلار يەنە ئائىلە تەۋەررۈكلىرى ياكى كىيىم - كېچەك، ئاشلىق - تۈلۈك سېتىۋالىدىغان پۇلنى تېجەپ ئالغان گىلەم، يىپەك كىيىم، قوي، كالا، ئېشەك، گۈرۈچ، بۇغداي قاتارلىقلارنى ئىئانە قىلغان...
«شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۆزلىرىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىن يىراق بولغاچقا، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىمىغان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەسىرى ۋە يېتەكچىلىكىدە، ھەر مىللەت خەلق كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمىكىنى تېجەپ، ئۆز كۈچىنى چىقىرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا تۆھپە قوشقان» دېدى گو خۇڭشيا.
تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش
ئۈنسىز ئارخىپلار تارىخنى بايان قىلىدۇ، ئۆلمەس روھ كېيىنكىلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.
بۇ بۆلەك تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە، ئارخىپخانىدا ساقلانغان ئارخىپلار ئىچىدىن 670 پارچە تارىخىي ماتېرىيالنى تاللاپ، «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىئانە توپلاش ئارخىپ تارىخىي ماتېرىياللىرى» ناملىق كىتابنى تەھرىرلەپ نەشردىن چىقاردى. كىرىش سۆزىدە مۇنداق يېزىلغان: بۇ بۆلەك تارىخنى ۋاراقلىغاندا، بىزگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھايات - ماماتلىق پەيتىدە ۋەتەننىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھەر قايسى مىللەتلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىش، چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتەك ئالىيجاناب ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپلا قالماي، بەلكى شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. بۇنداق روھ ۋە ئەنئەنە بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئىنتايىن قەدىرلەشكە تېگىشلىك روھىي بايلىق بولۇپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 1 - يىللىق (1) - سىنىپتا ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئۆتۈلۈۋاتاتتى. «بىر تامچى ئۇستام ئارقا سەپ ياردەم بېرىش ئۇيۇشمىسىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن: <ۋەتەننى چىن قەلبىمدىن سۆيىمەن، ئەمما ئىئانە قىلىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ، بۈگۈن باشقىلارغا ئىشلەپ تاپقان 3500 سەر ئۆلكە تىزىسىنىڭ 500 تىزىسىنى ئىككى نان ئېلىپ قورسىقىمنى توقلاشقا ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىمەن.>» بۇ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ساۋ شىنياۋ ساۋاقداشلىرىغا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭ خەلقىنى يېتەكلەپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىئانە توپلاشنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ناھايىتى جانلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى.
بۇ مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1 - يىللىقى ھەر قېتىملىق ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئالدىدا، ئوقۇغۇچىلارغا ئۈچ مىنۇت پارتىيە تارىخىغا ئائىت كىچىك ھېكايىلەرنى سۆزلىتىدۇ، ئوقۇغۇچىلار باش تېمىنى ئۆزلىرى تاللاپ، ماتېرىيالنى ئۆزلىرى تەييارلايدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
تولۇقسىز 1 - يىللىقنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى شى يەننەن مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە تارىخىغا ئائىت كىچىك ھېكايىلەرنى سۆزلىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، بالىلارنىڭ قەلبىگە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئۇرۇقىنى سالدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىپ، مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىلار ۋە ئىزباسارلاردىن بولۇپ چىقىشقا تەربىيەلىدۇق.