تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«ۋىدالىشىش» ناملىق شېئىرنى قالدۇرۇپ، كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىش «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى»نى جاراڭلىق ئېيتىپ، مەردلەرچە قۇربان بولۇش

دېڭ ئېنمىڭ:

«ۋىدالىشىش» ناملىق شېئىرنى قالدۇرۇپ، كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىش «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى»نى جاراڭلىق ئېيتىپ، مەردلەرچە قۇربان بولۇش

دېڭ ئېنمىڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چى جيەن

1931 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرى ۋېيبا يولىغا جايلاشقان خوۋجيا ھويلىسىدىكى جازا مەيدانىدا، گۇيجوۋدا تۇغۇلغان، شۇيزۇ مىللىتىدىن بولغان بىر ياش پۇت - قولىغا كويزا - كىشەن سېلىنغان ھالدا باشقا 20 نەچچە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى»نى جاراڭلىق ئېيتىپ مەردلەرچە قۇربان بولدى.

بۇ ياشنىڭ ئىسمى دېڭ ئېنمىڭ. 1921 - يىلى 7 - ئايدا، دېڭ ئېنمىڭ شاڭخەيگە بېرىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا، ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ئۇ بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل ئىدى.

دېڭ ئېنمىڭ 1901 - يىلى گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ لىبو ناھىيەسى يۈپىڭ بازىرى شۈيپۇ كەنتىدىكى بىر شۇيزۇ مىللىتى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. يېڭىچە مائارىپنى قوبۇل قىلغان ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدىلا كەسكىن ھالدا يۇرتى بىلەن خوشلىشىپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 1918 - يىلى، شەندۇڭدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدە، ئۇ جىنەن ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، ئىلغار نەشر بۇيۇملىرىنى ئوقۇپ، ماركسىزم ئىدىيەسى بىلەن ئۇچرىشىش ھەم ئۇنى چۈشىنىشكە باشلىغان.

4 - ماي ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، دېڭ ئېنمىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى، قوشۇمچە نەشرىيات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىقىغا سايلىنىپ، مەكتەپ گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان، ئوقۇغۇچىلارنى دەرس تاشلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن. ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى مەزگىلىدە، ئۇ جىنەن ئۆلكىلىك 1 - سىفەن مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلار داھىيسى ۋاڭ جىنمېي بىلەن بىر كۆرۈشۈپلا قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ، ئىنقىلابىي سەپداشلارغا ئايلانغان.

1925 - يىلى 2 - ئايدا، دېڭ ئېنمىڭ بىلەن ۋاڭ جىنمېي جياۋجۇ - جىنەن تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئىچكى توقۇنۇش يۈزبەرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جياۋجۇ - جىنەن تۆمۈريولى ۋە سىفاڭ پاراۋۇز زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن زاۋۇتتا چوڭ ئىش تاشلاش ئۆتكۈزگەن. 30 - ماي ھەرىكىتىنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئۇ يەنە چىڭداۋدىكى ياپونىيە سودىگەرلىرى يىپ ئېگىرىش زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ كۆلەملىك ئىش تاشلىشىنى ئاساس قىلغان ئىشچىلار ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، 30 - ماي ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلانغان.

1925 - يىلى 11 - ئايدا، شەندۇڭ يەرلىك كومىتېت ئورگىنى دۈشمەنلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان، ئۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىپ، قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان. كېيىن تۈرمىدە ئۆپكە تۇبېركۇليۇز بىلەن يۇقۇملانغاچقا، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپتىن قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىلگەن.

ئىنقىلابىي كۈرەشكە قاتناشقان مەزگىلدە، دېڭ ئېنمىڭنىڭ ئاتا - ئانىسى قاتارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا چاي ئىچۈرۈش قاتارلىق ناملار بىلەن نەسىھەت قىلىپ توسقان، ئۇ ئۆيىگە يازغان خېتىدە «ئوغلۇڭلار بىر قارارغا كەلگەن ئىكەن، قارارىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدۇ» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئىرادىسىدىن باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمىگەن.

بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دېڭ ئېنمىڭ شەندۇڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشىغا داۋاملىق رەھبەرلىك قىلغان. 1929 - يىلى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئۇ زىبو كان رايونىدىن جىنەنگە قايتىپ كەلگەن، خائىن ساتقىنلىق قىلغاچقا يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇ قىلچە تەۋرەنمەي، تۈرمىدە يەنە ئىككى قېتىم ئاچلىق ئېلان قىلىش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان، ئىككى قېتىم تۈرمىدىن قېچىش كۈرىشىنى تەشكىللەپ، بىر قىسىم يولداشلارنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرغان. 1930 - يىلى، دېڭ ئېنمىڭ تۈرمىدە «ۋىدالىشىش» ناملىق ئاخىرقى ئەسىرىنى يېزىپ قالدۇرغان:

31 يىل ئۆتتى كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە، قالدى ئۇلۇغ ئارزۇ ئىشقا ئاشماي ئامالسىز،

ئۆزۈم كەتسەم مەيلىغۇ ئۆلۈمدىن يانماي، كېيىنكىلەر باسسا ئىزىمنى كېتەرمەن غەمسىز.

لىبو ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى دېڭ ئېنمىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى كۆرگەزمىخانىسىدا، جەمئىي 600 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەتلىك ماتېرىيال، 170 نەچچە (يۈرۈش) ئاسارئەتىقە كۆرگەزمىگە قويۇلغان، مەنزىرە كۆرۈنۈشىدىن 11ى بولۇپ، دېڭ ئېنمىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرى تولۇق نامايان قىلىنغان. ھەر قېتىم ساياھەتچىلەر 3 - كۆرگەزمە زالىغا كېلىپ، ئۇنىڭ «ۋىدالىشىش» ناملىق شېئىرىنى كۆرگەندە ئىختىيارسىز قەدىمىنى توختىتىدۇ، بەزىلىرى چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ كۆز يېشى قىلىدۇ.

«گەرچە ئۈن - سىنلىق يېتەكلەش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىز يەنىلا سىرتتىن ياشانغان، ئوتتۇرا ياش، ياشلاردىن تەركىب تاپقان قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى چۈشەندۈرگۈچىلەر قوشۇنىنى تەكلىپ قىلدۇق، مەخسۇس كەسپىي چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ ھەر ئايدا 90 قېتىمدىن ئارتۇق چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز.» دېڭ ئېنمىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى تەن يۈەنجيەن مۇنداق دېدى: دېڭ ئېنمىڭنىڭ ھاياتى «ھەقىقەتكە ئىنتىلگەن، ئىنقىلابقا ئۆزىنى بېغىشلىغان» ھايات بولۇپ، زىيارەتكە كەلگەن ھەربىر كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ ئېنمىڭنىڭ يۇرتى شۇيپۇ كەنتى ئاللىبۇرۇن نامراتلىق بىلەن خوشلىشىپ، لىبو ناھىيەسىنىڭ قىزىل ساياھىتى ۋە دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا ماڭدى.

دېڭ ئېنمىڭنىڭ جىيەن نەۋرە قىزى، لىبو ناھىيەسى لىمىڭگۇەن شۇيزۇ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى دېڭ چىڭمېي مۇنداق دېدى: خىزمەت قىلغان ھەربىر ئىش ئورنۇمدا، مەن باشتىن - ئاخىر «پاك ئادەم بولۇش، پۇختا ئىش قىلىش» دېگەن ئائىلە تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېشىل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىش» ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇيياڭ، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.