تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

سوۋېت رايونى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمنى ئاققۇزىمەن

خې شۇخېڭ:

سوۋېت رايونى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمنى ئاققۇزىمەن

خې شۇخېڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ لياڭخېڭ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى خې شۇخېڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى خۇنەننىڭ نىڭشياڭ شەھىرى شاتيەن يېزىسى چاڭچۇڭ كەنتىدىكى گوۋزىچۇڭغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپى تۇتاش چوققىلار، ياپيېشىل قارىغاي، بامبۇكلار بىلەن قاپلانغانىدى. دەل «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلى بولغاچقا، ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر بىرقەدەر كۆپ ئىدى، ئادەتتىكى كۈنلەردىكى جىمجىت كىچىك تاغلىق كەنتتە ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ، ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى.

خې شۇخېڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى تىپىك چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جياڭنەن تۇرالغۇ ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇش بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا سېلىنغان، شەرقتىن غەربكە قارايدۇ، تەكشى يۈزى چاسا شەكىللىك، پۈتۈن قۇرۇلۇش توپا - ياغاچ قۇرۇلمىلىق، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تەتۈر «凹» خەت شەكلىدە بولۇپ، چوڭ - كىچىك 23 ئېغىز ئۆي بار. بۇ يەر خې شۇخېڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا تۇرغان جاي.

خې شۇخېڭ، 1876 - يىلى تۇغۇلغان، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭشياڭ شەھىرىدىن. 1913 - يىلى خې شۇخېڭ خۇنەن ئۆلكىلىك 1 - سىفەن مەكتىپىنىڭ ئۆگىنىش كۇرسىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، ماۋ زېدۇڭ، سەي خېسېن قاتارلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن ئارزۇ - ئىستەكلىرى بىردەك بولۇپ، ئەڭ ياخشى دوستلارغا ئايلانغان. ئۇ 1 - سىفەن مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چاڭشا چۇيى مەكتىپى ۋە 1 - سىفەن مەكتىپىنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ماۋ زېدۇڭ، سەي خېسېن قاتارلىقلار تەشكىللىگەن ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1918 - يىلى 4 - ئايدا، ئۇ ماۋ زېدۇڭ، سەي خېسېن قاتارلىقلار بىلەن يېڭى دېموكراتىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان.

4 - ماي ھەرىكىتىدە، خې شۇخېڭ چاڭشادىكى تەرەققىيپەرۋەر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللىغان. 1920 - يىلى 3 - ئايدا، ئەنخۇي گۇرۇھىدىكى مىلىتارىست جاڭ جىڭياۋنى قوغلاپ چىقىرىش كۈرىشىگە قاتناشقان. 1920 - يىلى يازدا، ئۇ ماۋ زېدۇڭ قاتارلىقلار بىلەن خۇنەن رۇسىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنى تەشكىللەشنى تەشەببۇس قىلىپ تەشكىللەپ، «رۇسىيەنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىش»نى ئېنىق بېكىتىپ، رۇسىيەگە بېرىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەش، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ليۇ شاۋچى، رېن بىشى، شياۋ جىنگۇاڭ قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر ياشلارنى شاڭخەي چەت ئەل تىلى مەكتىپىگە بېرىپ رۇس تىلى ئۆگىنىشكە ھەم رۇسىيەگە بېرىپ ئوقۇشقا تونۇشتۇرغان.

1920 - يىلى قىشتا، خې شۇخېڭ ماۋ زېدۇڭ بىلەن بىرلىكتە خۇنەندە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ دەسلەپكى تەشكىلاتىنى تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان. 1921 - يىلى 7 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 10 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇنەن ياچېيكىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇشقا قاتنىشىپ، ياچېيكا ھەيئەتلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1922 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇنەن رايونلۇق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. خۇنەندە پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان. 1 - قېتىملىق گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ھەمكارلاشقان مەزگىلدە، پارتىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇ خۇنەندە گومىنداڭنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق ئىنقىلابى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان، ئىلگىرى گومىنداڭ خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە بۇسىنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى، رېۋىزىيە ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن.

1927 - يىلى 21 - ماي ۋەقەسىدىن كېيىن، خې شۇخېڭ شاڭخەيگە بېرىپ، پارتىيە ئۈچۈن يەر ئاستى باسما زاۋۇتى قۇرۇپ، مەخپىي كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. 1928 - يىلى 6 - ئايدا موسكۋاغا بېرىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 6 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 9 - ئايدا موسكۋا جۇڭسەن داشۆسىگە كىرىپ، شۈ تېلى، ۋۇ يۈجاڭ، دۇڭ بىۋۇ، لىن بوچۈ قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئالاھىدە كۇرسقا ئوقۇشقا كىرگەن. 1930 - يىلى 7 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، شاڭخەيدە مەملىكەتلىك ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، قولغا ئېلىنغان يولداشلارنى قۇتقۇزۇشنى تەشكىللەپ، سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالغان يولداشلارنى سوۋېت رايونىغا يۆتكىگەن.

1931 - يىلى 11 - ئايدا، خې شۇخېڭ مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا كىرىپ، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىشچى - دېھقانلار تەپتىش خەلق ھەيئىتى، ئىچكى ئىشلار خەلق ھەيئىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى، ۋاقىتلىق ئالىي سوت كوللېگىيەسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. ماۋ زېدۇڭ ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، «شۇ ۋېڭ ئىش بېجىرگەندە، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەيدۇ» دېگەن.

1934 - يىلى 10 - ئايدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن كېيىن، خې شۇخېڭ بۇيرۇققا بىنائەن مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىدا قېلىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھايات - ماماتلىق كەسكىن سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەن. 1935 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جياڭشىدىن فۇجيەنگە يۆتكىلىش سەپىرىدە، چاڭتىڭدىكى قورشاۋنى بۆسۈپ ئۆتۈش جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇپ، «سوۋېت رايونى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمنى ئاققۇزىمەن» دېگەن قەسىمىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن، شۇ يىلى ئۇ 59 ياشتا ئىدى.

1937 - يىلى يەنئەندە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 16 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، ماۋ زېدۇڭ قۇربان بولغان يولداشلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش تىزىملىكىدىن خې شۇخېڭنىڭ ئىسمىنى ئوقۇغاندا، كۆپچىلىك ئىختىيارسىز پارتىيە ئىچىدىكى بۇ پېشقەدەم ئىنقىلابچىنىڭ قۇربان بولغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرغان.

«ئەگەر دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب غايىسى بولمىغان بولسا، خې شۇخېڭ يۇرتىدا ئۆمرىنى تىنچ - خاتىرجەم، باياشات ئۆتكۈزگەن بولاتتى، لېكىن ئۇ ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ئاتلىنىشنى تاللىدى، خۇددى ئۆزى يازغاندەك: مەن ھەرگىزمۇ بىر ئائىلە، بىر يۇرتنىڭ ئادىمى ئەمەس، مېنىڭ كىشىلىك ھايات قارىشىم ھەرگىزمۇ يېزىدا خاتىرجەم ياشاپ، ھاياتىمنى تىنچ ئاخىرلاشتۇرۇش ئەمەس، ھەرگىزمۇ ئۆزۈم، ئائىلەم ئۈچۈن ئەمىلىم ئۆسۈشنى، بېيىشنى كۆزلەيدىغان نادان ۋە ئاجىز ئەۋلادلاردىن بولۇش ئۈچۈن ئەمەس...» چاڭچۇڭ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى زىڭ لې مۇنداق دېدى: خې شۇخېڭنىڭ ئىنقىلابىي روھىنىڭ چاقىرىقى بىلەن، نىڭشياڭ شەھىرىدە ئالىيجاناب پەزىلەتلىك، بۆسۈپ ئۆتۈشكە، جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم ئىرادىلىك كىشىلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى.

شاتيەن يېزىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جىلياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خې شۇخېڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى مەملىكەتلىك قىزىل ساياھەت نادىر مەنزىرە رايونلىرى تىزىملىكىگە تاللاپ كىرگۈزۈلدى، شۇ جاي شاتيەن قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى، بۈگۈنكى كۈندە مەنزىرە رايونىنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى زور دەرىجىدە يۈكسەلدى.

خې شۇخېڭنىڭ قۇربان بولغىنىغا 80 نەچچە يىل بولدى، ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى قالاق، بېكىنمە ھالەتتىكى يۇرتىدا ئاللىبۇرۇن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شاتيەن يېزىسىنىڭ ئىقتىسادى پۇختا قەدەمدە ئېشىپ، قىزىل ساياھەتنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى بولدى، ئۆلكە بېكىتكەن ئۈچ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 3459.3 يۈەندىن 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 32714.4 يۈەنگە كۆپەيدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.