ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرىغا جايلاشقان كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى (4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1900 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئاقسۇ شەھىرىدىن ئۆتكەندە، چۆل - جەزىرىدىكى كۆكيار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
كۆكيار شىنجاڭ نۇسخىسىدىكى سەيخانبا چۆللۈكىنى كۆكەرتىش مۆجىزىسىنى پۈتۈپ چىقتى. كىشىلەر ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ قاقاس، ھەممە يېرى شور ئۆرلەپ تۇرىدىغان قۇم - بوران مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيتتى.
5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى بۇ يەردىن ئۆتكەندە، ئاپتوموبىل دېرىزىسىنىڭ سىرتىدا ھەممە يەرنى قاپلىغان يېشىللىق شەھەردىن يېزا - كەنتلەرگىچە سوزۇلغانىدى، ئېگىز ئاق تېرەك ئىھاتە ئورمانلىقىدا يوپۇرماقلىرى قويۇق ئۆسكەن ئالما، ياڭاق، چىلان قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر بار ئىدى. ئاقسۇنىڭ شەھەر رايونىدا «شەھەر ئورمان ئىچىدە، سۇ شەھەر ئىچىدە، ئادەم باغچە ئىچىدە» بولۇشنى كۆرگىلى بولىدۇ، يېزىلارغا بارغاندا «كەنت يېشىللىق ئىچىدە، ئۆي ئورمان ئىچىدە، ئادەم رەسىم ئىچىدە» بولۇشنى كۆرگىلى بولىدۇ.
كۆكيار ئاقسۇ شەھىرى شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا بولۇپ، ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن ئۆزئارا تۇتۇشىدۇ. دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ئاسفالت يولنى بويلاپ، خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى لۇڭكوۋ كەنتىگە كەلدى، بۇ كەنت 5000 مودىن ئارتۇق يەردە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرگەنىدى.
69 ياشلىق كەنت ئاھالىسى قۇربان ئەمەرنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ ئەسلىي 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغدا پادا باقىدىكەن، 20-ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئۇ بىر قىسىم چارۋىچىلار بىلەن سىياسەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ تاغدىن چۈشۈپ مۇقىم ئولتۇراقلىشىپتۇ. ئەينى چاغدا، بۇ يەر «لۇڭكوۋ كەنتى» دەپ ئاتالمايدىكەن، پەقەت ئەتىيازدا بوران كۆپ چىقىدىغان، يازدا پىژغىرىم ئىسسىق، قىشتا قەھرىتان سوغۇق بولىدىغان چۆللۈك ئىكەن.
«ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، پەقەت كۆپلەپ دەرەخ تىكىشتىن باشقا چارە يوق.» كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دوستى قۇربانغا شۇنداق دېدى. 1986 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە مەمۇرىي مەھكىمە كۆكيارغا سۇ باشلاپ كۆچەت تىكىپ، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، كەڭ ئەنلىك ئورمان بەلبېغى ئارقىلىق قۇم - بوراننى توسۇش چاقىرىقى چىقاردى. قۇربان تاغدىن چۈشۈپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندا، كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى باشلانغىنىغا بەش يىل بولغان بولۇپ، يىراقتىن يېشىللىقنى كۆرگىلى بولاتتى.
بىر تەرەپتىن بېدە تېرىپ قوي باقسا، بىر تەرەپتىن دەرەخ تىكىپ قۇم - بوراننىڭ ئالدىنى ئالدى. لۇڭكوۋ كەنتىگە تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئادەم كېلىپ، بەس - بەستە كۆچەت تىكتى. كەنت بىلەن كەنت، يېزا بىلەن يېزا، ئىدارە بىلەن ئىدارە تىككەن كۆچەتلەر تۇتىشىپ، ھەيۋەتلىك ئورمان بەلبېغىنى شەكىللەندۈردى. قۇربان كەنتتە قۇم - بورانلىق ھاۋارايىنىڭ ئازايغانلىقىنى، يازدا ئۇنچىۋالا ئىسسىق بولمايدىغانلىقىنى، قىشتا ئۇنچىۋالا سوغۇق بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈنەرلىك ھېس قىلدى. 1996 - يىلى كۆكيار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت - بايلىق قوغداش كومىتېتى تەرىپىدىن «يەر شارىدىكى 500 گۈزەل مۇھىت»نىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
«دەسلەپتە ئاساسلىقى ئېكولوگىيە ئورمىنى تىكتۇق، 2003 - يىلىدىن كېيىن ئىقتىسادىي ئورمان بەرپا قىلىشنى ئاساس قىلدۇق، ھەممە ئائىلە مېۋىلىك باغقا تايىنىپ بېيىدى، لۇڭكوۋ كەنتى نامرات كەنتتىن باي كەنتكە ئايلاندى» دېدى لۇڭكوۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جى. كەنت ئاھالىلىرى بېيىپ قايسى دەرىجىگە يەتتى؟ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىلىدە كەنتتە ئادەملەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىسى شەھەردىن بىنا ئۆي سېتىۋالدى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بولۇپلا ماشىنىسىنى ھەيدەپ شەھەرگە كىرىپ كېتىدۇ.
شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن دېھقانلار كۆچەت تىكىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇلار «يېشىللىق بەرپا قىلغانلىق بەخت ياراتقانلىق، يېشىللىقنى كۆپەيتكەنلىك بايلىقنى كۆپەيتكەنلىك»نىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ كۆچەت تىكىش ئۈستىدە ئىزدەندى. كەنت ئاھالىسى جياڭ جىشيەن، جۇ چاڭيۈننىڭ 30 يىلنىڭ ئالدىدا تىككەن ئالما دەرەخلىرى قېرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار مېۋە بېرىش نىسبىتى تۆۋەن، تاۋار نىسبىتى تۆۋەن مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئالماشتۇرۇپ، يېڭى مېۋىلىك دەرەخلەرنى تولۇقلاپ تىكتى ياكى ئۇلاش ئارقىلىق تاۋار مېۋىلەرنىڭ سورتىنى ياخشىلىدى؛ كەنت ئاھالىسى شۈ ئېررېن، ليۇ شىۋېن ئېتىزىدا يەنە كۆچەت تىكىدىغان يەر قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، باشقا يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ يەر ھۆددىگە ئېلىپ كۆچەت تىكتى.
لۇڭكوۋ كەنتى ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى دېھقانلارنىڭ نەزەرىدە مېۋىلىك دەرەخ بېيىش دەرىخى، تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئۇلار كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇشنىڭ ئۈمىدىنى مېۋىلىك دەرەخكە باغلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ لۇڭكوۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئىلغار تېخنىكا ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى بىر تەرەپتىن مېۋىلىك دەرەخ تىكىپ، بىر تەرەپتىن سىرتقا چىقىپ تېخنىكىغا تايىنىپ پۇل تېپىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ گىلاس، شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك قاتارلىق خاس باغ - ئورمانچىلىق كۆچەتلىرىنى ئەكېلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىگە تىكىشكە ئورۇنلاشتۇردى.
«بۇلتۇر كەنتىمىزنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 28 مىڭ 615 يۈەن بولدى، بىز كۆچۈپ كەلگەندە، بۈگۈنكىدەك باياشات كۈنلەرنىڭ بولۇشىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى. بۇ يىل، بىزنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش سەۋىيەمىز تېخىمۇ ئۆستى، كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ رولى بارغانسېرى زورايدى، بۇ يىلمۇ چوقۇم يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل بولىدۇ» دېدى قۇربان.
كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىلگىرىكى قاقاس چۆللۈكتە جەنۇبتىن شىمالغىچە ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر كېلىدىغان، شەرقتىن غەربكىچە كەڭلىكى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» قۇرۇپ چىقىلدى، بىنا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 1 مىليون 200 مىڭ مودىن ئاشتى. ئىلگىرىكى قۇم - بوران مەنبەسى قۇملۇقنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسىدىغان يېشىل توسۇققا ئايلاندى، شۇ جايدىكى قۇم - بورانلىق ھاۋارايى %61 ئازايدى.
30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى «مەسئۇل كىشى ئالماشسىمۇ، سىياسەت ئۆزگەرمەسلىك»نىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇردى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاقسۇ دەرياسى ئېقىن رايونى، ئۆگەن دەرياسى ئېقىن رايونى قاتارلىق مىليون مولۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويدى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۆكيار خاتىرە سارىيىدا، مۇخبىر ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئارىسىدا كادىرلار، دېھقانلار، ئوقۇغۇچىلار، يەنە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆردى. كۆپچىلىك كۆرگەزمە زالىدىكى بۇيۇملارنى كۆرگەزمە قىلىش، سۈرەتلىك خاتىرىلەر، مەنزىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېزىقچە بايان قىلىش، بەدىئىي شەكىل ۋە ئاكۇستىك ئوپتىكىلىق سۈرەتلەردىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەتراپلىق ئىگىلىيەلەيدۇ. «بۇ يەر ھەقىقىي <چېگرا بوستانلىقى>غا ئايلىنىپتۇ» دېدى توقسۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچى جاڭ يۈجۇ.
يېشىل يولنىڭ ھەممە يېرىدە گۈزەل مەنزىرىلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ
5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شەنبە ھاۋا ئوچۇق
تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G3012)نى بويلاپ مېڭىپ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلگەندە، يېشىللىق يول بويىدىكى ئاساسىي رەڭگە ئايلىنىدۇ.
ئاقسۇ ۋىلايىتى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مىليون مولۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىدىن تۆتنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى، بەشىنچى مىليون مولۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنىمۇ باشلىدى، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %8.9كە يەتتى، ئاقسۇنىڭ چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى.
يېشىللىقنى ئاشۇرۇش، بايلىقنى ئاشۇرۇش جەريانىدا، يولنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى يولغا قويۇلغاندا، مۇتەخەسسىسلەر پەقەت يوللار تۇتاشتۇرۇلۇپ، سۇ بولسىلا دەرەخ تىككىلى بولىدۇ، دېگەنىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كادىرلار، ئامما يوللارنى ياسىدى، ئورەك كولىدى، ئېرىققا سۇ باشلىدى. يوللار تۇتاشتۇرۇلۇپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، دەل - دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كۆكياردىكى ئورمان بەلبېغى يولنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان يول تورى باغلارنى تۇتاشتۇرۇپ، باغلارغا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، مېۋىلەرنى يىراقتىكى بازارلارغا ئېلىپ باردى.
يوللارنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى. ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، ئورمان باغچىسى، ئاقسۇ شەھىرى دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى ھەم بىر تۈركۈم ئېكولوگىيە تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، بازارلارنىڭ قىياپىتىمۇ يېڭىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.
(جاڭ جىلى)