ۋاڭ جىنمېي:
گۈزەل ياشلىق نۇرى ۋە ھارارىتى بىلەن كامالەتكە يېتىپ بارلىقىنى ئازادلىققا بېغىشلىدى
ۋاڭ جىنمېينىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلۇڭ شياۋ خەيچۇەن
1925 - يىلى 8 - ئاي، چىڭداۋ. كېسەل كارىۋىتىدىكى ياش ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا، ئەتراپىدىكى يولداشلارغا: «بارلىق يولداشلارنىڭ ياخشى ئىشلەپ، پىرولېتارىيات ھەم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقى ۋە كوممۇنىزمنى ئۈزۈل - كېسىل ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ ۋەسىيەت قالدۇردى.
ئۇ دەل ۋاڭ جىنمېي بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتلىق ئىسترېلكىسى 27 يېشىدا مەڭگۈلۈك توختاپ قالدى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، شەندۇڭ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەشكىللىگۈچىسى ۋە رەھبىرى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن ۋاپات بولغانلارنىڭ بىرى.
1918 - يىلى ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ۋاڭ جىنمېي يۇرتى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئۆلكىلىك 1 - سىفەن مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. شۇ چاغدىكى جۇڭخۇا ئىلىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسى سىرتىنى ئىس - تۈتەك قاپلىغان بولۇپ، دۇنيانى قايتىدىن بۆلۈشىدىغان 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشاي دەپ قالغانىدى. شۇ يىلى، دۆلەت دەرۋازىسى ئىچىدە ئوق ئاۋازى ھەممە يەرنى قاپلاپ، ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىپ پۇقرالارنى قىرغىن قىلىدىغان مىلىتارىستلارنىڭ قالايمىقان ئۇرۇشى يەنىلا بېسىقمىغانىدى.
ۋاڭ جىنمېي جىنەندە بىلىم ئېلىۋاتقان مەزگىلىدە، 4 - ماي ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە پائال ئاتلىنىپ، شەندۇڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان. 1920 - يىلى 3 - ئايدا، بېيجىڭ داشۆسى ماركىس تەلىماتى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ سىرتتىن ئەزالىققا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. شۇ يىلى 11 - ئايدا، ئۇ دېڭ ئېنمىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە لى شىن ئىلمىي جەمئىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇپ، «لى شىن» يېرىم ئايلىق ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. بۇ يېرىم ئايلىق ژۇرنال يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەدەنىيەتنى پائال تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئىللەتلەرنى سۆكۈپ، ياشلارنىڭ ئېڭىنى ئويغاتقان.
«باي - كەمبەغەللەر سىنىپى جەڭگاھتا ئۇچراشتى، كامالەتكە يەتكەنلەر بارلىقىنى ئازادلىققا بېغىشلىدى. ۋېيخې دەرياسىنىڭ قۇم - شېغىللىرى دېڭىزغا قۇيۇلدى، چوققىدا تۇرۇپ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سېلىندى.» بۇ، ۋاڭ جىنمېينىڭ ئەڭ داڭلىق «يارىتىش − دوستلارغا سوۋغا» ناملىق ئەسىرى. ۋاڭ جىنمېي، ئەسلىي ئىسمى ۋاڭ رۈيجۈن. 1921 - يىلى بۇ قىسقا شېئىرنى يازغاندىن كېيىن، ئۇ «جىنمېي» دېگەن سۆزنى ئۆزىنىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە يولىنى نامايان قىلغان. ئۇ بولسىمۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇكەممەل، گۈزەل جەمئىيەت غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى.
شۇ يىلى ئۇ دېڭ ئېنمىڭ بىلەن جىنەندىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە شاڭخەيگە بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. بۇ يەردە ئۇ مەسلەكداش زور بىر تۈركۈم يولداشلارنى ئۇچراتقان، ئۇلار بىر - بىرىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
شاڭخەيدىن قايتىپ كەلگەن ۋاڭ جىنمېي قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە ئاتلانغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋەكىلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇ شەندۇڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەندۇڭ رايونلۇق ياچېيكىسىنى قۇرۇپ، شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1922 - يىلى 1 - ئايدا، ئۇ موسكۋاغا بېرىپ يىراق شەرقتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر كوممۇنىستىك پارتىيەلىرى ۋە مىللىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتلىرىنىڭ 1 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. شۇ يىلى 7 - ئايدا، ئۇ يەنە شاڭخەيگە بېرىپ پارتىيە 2 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. ئۇ تۈزۈشكە قاتناشقان «ئەمگەك قانۇنى پىروگراممىسى» شۇ مەزگىلدىكى پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگراممىسىغا ئايلانغان.
شەنخەيگۇەن، چىنخۇاڭداۋ، گۇاڭجوۋ، تيەنجىن، جىنەن، چىڭداۋ، چىڭجوۋ، ۋېيشيەن ناھىيەسى... ۋاڭ جىنمېي تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن نۇرى ۋە ھارارىتىنى بېغىشلىغان. ئۇزاق مۇددەت ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىش ۋە جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇنى ئېغىر تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا كېسەل ھالەتتە جياۋجۇ - جىنەن تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسى، سىفاڭ ماشىنىسازلىق زاۋۇتى ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر خىزمەتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىشلىگەن.
« 40 يىلنىڭ ئالدىدا يىغىندا ئۇچراشتۇق، نەنخۇدىكى كېمىدە تىنچ ھەم تەمكىن بولدۇق. جىنەندىكى داڭلىق ئەربابلارنىڭ قانچىلىكى بىلدى، مەن بىلەن ئېنمىڭ چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق». 1961 - يىلى، ئوخشاشلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان دۇڭ بىۋۇ «يولداش ۋاڭ جىنمېينى ئەسلەش» ناملىق شېئىرنى يېزىپ، ياش ۋاپات بولغان ئىنقىلابىي سەپدىشىنى ياد ئەتكەن.
ئۇ ۋاپات بولدى، لېكىن قەھرىماننىڭ روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. ۋاڭ جىنمېينىڭ يۇرتى بولغان شەندۇڭ ئۆلكىسى جۇچېڭ شەھىرىدىكى جىگۇ بازىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىل ساياھەت بايلىقىنى قېزىپ، ۋاڭ جىنمېينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلىپ، جىنمېي كادىرلار شۆيۈەنى، بېيشىڭ كەنتى تارىخىي كۆرگەزمە سارىيى، پارتىيە قۇرۇلۇشى يۇغۇرما بىرلەشمە گەۋدە كۆرگەزمە سارىيى قاتارلىق قىزىل مەدەنىيەت تارقىتىش بازىلىرىنى قۇرۇپ، جىنمېي قىزىل كىچىك بازىرىنى بەرپا قىلدى.
«سۈرەت ۋە يېزىق ماتېرىياللىرى، ئەمەلىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى ھەمدە شۇ جاينىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى، تەرەققىيات يولى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى نامايان قىلىپ، ھەربىر بۇيۇم ئارقىلىق تارىخنى نامايان قىلىپ، ھەربىر پارچە سۈرەت ئارقىلىق ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ، ھەربىر ئەمەلىي مەنزىرە ئارقىلىق خاتىرىلەرنى ئىخچاملاپ، رايون خاراكتېرلىك پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى بازىسى بەرپا قىلدۇق» دېدى جىگوۋ بازىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
ئىنقىلابىي قۇربانلار ئارقىغا قارىسا تەسەللى تاپىدۇ، چۈنكى بايراقنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان ئىزباسارلار ھامان بار. «مەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تىرىشىپ ۋارىسلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت ئېڭىمنى كۈچەيتىمەن» دېدى جىگوۋ بازىرىنىڭ مەھەللە كادىرى جاڭ فېڭجۈەن.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)