تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى كېيىنكىلەرنى ئىلھاملاندۇرماقتا

لى داجاۋ:

قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى كېيىنكىلەرنى ئىلھاملاندۇرماقتا

لى داجاۋنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بەي مىڭشەن

«تۈن پەردىسى يېيىلغان يېرىم كېچىدە، قىزىل بىنادا چۈشۈپ تۇرار شامنىڭ شولىسى. ھەققانىيەت ياقلىغان پولاتتەك ئەزىمەت نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ پۈتكۈسى...» خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرىنىڭ لاۋتىڭ ناھىيەسىدە، جاۋ رۇي لاۋتىڭ دۇمباق يېڭى قوشىقى «پولاتتەك ئەزىمەتنىڭ قەھرىمانلىق روھى»نى جىددىي رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى. ئەنئەنىۋى قوشاقلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يېڭى قوشاقنىڭ رىتىمى تېخىمۇ تېز بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى جەلپ قىلىدۇ.

بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن جاۋ رۇي جىن پەي لاۋتىڭ چوڭ دۇمبىقىنىڭ 3 - ئەۋلاد ۋارىسى. «لى داجاۋ لاۋتىڭلىق، مەن 17 يېشىمدىن باشلاپ سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان، يۇرتۇمنىڭ سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھىنى نامايان قىلىش ئىزچىل مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى. بۇ يەنە بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىجادىيىتىنىڭ نەتىجىسى، قوشاقنىڭ تېكىستىنى سەككىز قېتىم ئۆزگەرتىپ بېكىتتۇق».

لى داجاۋ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. 38 يىللىق ھاياتىدا، لى داجاۋ جۇڭگو ئىنقىلابىي تارىخىدا ئۆچمەس سەھىپىلەرنى يېزىپ قالدۇردى، شۇنداقلا كېيىنكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ يۇرتداشلىرىنىڭ قەلبىدە بىر مەنىۋى ئابىدە تىكلىدى.

لاۋتىڭ ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان لى داجاۋ خاتىرە سارىيىدا ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. پۈتۈن بىنا قارا، ئاق، كۈل رەڭدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قەدىمىي، ھەيۋەتلىك، كۆركەم ئىدى. سەككىز تال تۆھپە تۈۋرۈكى لى داجاۋنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىگە سىمۋول قىلىنغان؛ سەككىز پارچە قاپارتما نەقىشتە لى داجاۋنىڭ ئاساسلىق ئىنقىلابىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئىزنالىرى نامايان قىلىنغان؛ 38 پەلەمپەي لى داجاۋ بېسىپ ئۆتكەن 38 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىگە سىمۋول قىلىنغان.

لى داجاۋ 1889 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تۇغۇلغان، 1907 - يىلى تيەنجىن بېيياڭ قانۇن - سىياسىي مەخسۇس مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ سىياسىي ئىقتىساد ئۆگەنگەن. 1913 - يىلى قىشتا، ئۇ ياپونىيەگە بېرىپ، دۇڭجىڭ زاۋداۋتيەن داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ سىياسىي پەنلىرى بويىچە تولۇق كۇرستا ئوقۇغان.

ياپونىيە جاھانگىرلىكى يۈەن شىكەيگە جۇڭگونى مۇنقەرز قىلىدىغان «21 ماددا»نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئۇ ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقان، ئۇ تەييارلىغان «پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداشلارغا ئاگاھلاندۇرۇش خېتى» تېزلىكتە پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان، لى داجاۋمۇ شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر زاتقا ئايلانغان.

1916 - يىلى لى داجاۋ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەۋج ئېلىۋاتقان يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى لى داجاۋغا ناھايىتى زور ئىلھام بەرگەن ۋە ئۇنى ئويغاتقان، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «فىرانسىيە - رۇسىيە ئىنقىلابى توغرىسىدىكى سېلىشتۇرما قاراش» «ئاۋام خەلقنىڭ غەلىبىسى» «بولشىۋېزمنىڭ غەلىبىسى» قاتارلىق ماقالە ۋە نۇتۇقلارنى ئېلان قىلغان. 1919 - يىلى، ئۇ يەنە «يېڭى دەۋر»، «مېنىڭ ماركسىزملىق قارىشىم» «يەنە مەسىلە ۋە مەسلەك توغرىسىدا» قاتارلىق ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان نەچچە ئون پارچە ماقالىنى ئېلان قىلغان.

1920 - يىلى 3 - ئايدا، لى داجاۋ بېيجىڭ داشۆسىدە ماركس تەلىماتى تەتقىقات جەمئىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ تەشكىللىگەن. شۇ يىلى 10 - ئايدا، لى داجاۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى تەشكىلاتى قۇرۇلغان. 1921 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، لى داجاۋ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىمالنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 1926 - يىلى 3 - ئايدا، لى داجاۋ ياپونىيە، ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە مىلىتارىست جاڭ زولىن، ۋۇ پېيفۇغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان ھەم قاتناشقان. ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە قىيىن ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ شىمالدىكى تەشكىلاتىغا داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنقىلابىي كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان.

1927 - يىلى 4 - ئايىڭ 6 - كۈنى، فېڭتيەن گۇرۇھىدىكى مىلىتارىست جاڭ زولىن جاھانگىرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى باش ئەلچىخانىسى تۇرۇشلۇق جايغا بۆسۈپ كىرىپ، لى داجاۋ قاتارلىق 80 نەچچە كىشىنى قولغا ئالغان. لى داجاۋ قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان بولسىمۇ، تۈرمىدە، سوتتا باشتىن - ئاخىر ھەققانىيەت يولىدا مەردانىلىق بىلەن قەتئىي تىز پۈكمىگەن. شۇ يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، مىلىتارىستلار كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىۋى پىكىرنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى ۋە ئەيىبلىشىگە قارىماي، لى داجاۋ قاتارلىق 20 ئىنقىلابچىنى بېيجىڭدىكى شىجياۋمىن كوچىسى جىڭشى قاماقخانىسىدا دارغا ئېسىپ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. لى داجاۋ تۇنجى بولۇپ دارغا چىقىپ، مەردلەرچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى 38 ياشتا ئىدى.

لى داجاۋنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ شۇمىڭ لى داجاۋنىڭ رەپىقىسى جاۋ رېنلەننىڭ ئىنىسىنىڭ نەۋرىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: لى داجاۋ ئىلگىرى بېيجىڭ داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، شۇ چاغدا كىرىمى تۆۋەن ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇ تۇرمۇشتا تىجەشلىك، ئاددىي - ساددا بولۇپ، كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى پارتىيە ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن، ياكى يولداشلارغا ياردەم بېرىشكە، نامرات ياشلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە ئىشلەتكەن، ئۆيىدە يېمەك - ئىچمەكنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئەينى يىلى بېيجىڭ داشۆسى مائاش تارقاتقاندا ئىلاجسىزلىقتىن ئۇنىڭ مائاشىنىڭ بىرقىسمىنى ئالدىن تۇتۇپ قېلىپ ئۇنىڭ رەپىقىسىگە بىۋاسىتە بەرگەن.

جاۋ شۇمىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇ كېيىنكىلەرگە ياخشى ئائىلە ئىستىلى قالدۇرۇپ كەتتى، بىز دۇرۇس ئىش قىلىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، پاك ئائىلە ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمىز».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.