تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخى تەربىيەسى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلدى «يېڭىچە» شەكىلدە قەلبلەرگە تېخىمۇ سىڭدۈرۈلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ

ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئېيتىش، قىزىل ھېكايىلەرنى سۆزلەش، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىنى قانات يايدۇرۇش، قىزىل تەربىيە بازىلىرىنى «بۇلۇتتا ئېكسكۇرسىيە قىلىش»... پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر پارتىيە تارىخىنى تەربىيە مەزمۇنى قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈشكە، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشكە يېتەكلىدى.

كۆپ خىل شەكىلدە قىزىل ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىندى

4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53 - باشلانغۇچ مەكتەپ بىر مەيدان پارتىيە تارىخى بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار قول سۈرئىتى ۋە ئەقىل جەھەتتىن بەسلىشىپ، پائال تالىشىپ جاۋاب بەردى، نەق مەيداندا كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى. «زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئارقىلىق، مەن تېخىمۇ كۆپ پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئىگىلىدىم، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندىم. مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئىنتىزامغا بويسۇنۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولىمەن» دېدى 6 - يىللىق 4 - سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى نۇركامال ئابلىز.

بەزى مەكتەپلەر يەنە قىزىل ھېكايىلەرنى سۆزلەش مۇسابىقىسى، قىزىل قەلب پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ قاتارلىق تېمىلاردا دېكلاماتسىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا قىزىل ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتتى.

فۇكاڭ شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ قىزىل ھېكايىلەرنى سۆزلەش مۇسابىقىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قەھرىمانى جاۋ يىمەن» «قاناتلىق خەت» «كىچىك ئەسكەر جاڭ گا»... قىزىل ھېكايىلەر قەھرىمانلارنىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرىنى جۇلالاندۇردى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسىنى چىڭىتتى.

كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىسى ياڭراپ، جاراڭلىق ناخشا ساداسى ئارقىلىق ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى ئىپادىلەندى. «بىز نادىر قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىش جەريانىدا بالىلارنى پارتىيەنى سۆيۈشكە، ۋەتەننى سۆيۈشكە، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك ئىز باسارلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە تەربىيەلىدۇق» دېدى كۆكتوقاي بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فېي خەنشۈەن.

كىچىك تەشۋىقاتچىلار قىزىل روھقا ۋارىسلىق قىلدى

پارتىيە تارىخى ئەڭ ياخشى دەرسلىك، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، نۇرغۇن ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قىزىل ھېكايە تەشۋىقاتچىلىرىغا ئايلىنىپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنى قايتا ئەسلەش جەريانىدا بىلىش بىلەن قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلماقتا.

«شېڭ شىسەي شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان 160تىن ئارتۇق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنى تۈرمىگە تاشلىدى، ئۇلار بىلەن بىللە تۈرمىگە تاشلانغانلاردىن يەنە، بۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بالىلىرىمۇ بار ئىدى... ئاتا - ئانىلىرىغا ئوخشاش باشتىن - ئاخىر مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولدى، ئۇلار ھەقىقەتەن <كىچىك 8 - ئارمىيە> دېگەن شەرەپلىك نامغا لايىق.» 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، پىدائىي چۈشەندۈرگۈچى ۋاڭ باۋخەننىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئاڭلىغۇچىلار خۇددى قان ھىدى ھەممە جاينى قاپلىغان ئاشۇ يىللارغا بېرىپ قالغاندەك بولدى. ۋاڭ باۋخەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 30 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى، «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىسسىق قېنى بەدىلىگە بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، ئۇلارنىڭ ھېكايىسى بىزنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: چۈشەندۈرگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەم قىزىل ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەيمەن، ھەم تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرىمەن.

ئاتۇش شەھىرى شورلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە، بىر توپ «قىزىل كىچىك چۈشەندۈرگۈچى»لەر مەكتەپ قورۇسىنىڭ ئىچى - سىرتىدا جانلاندى. 8 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى جانەم مەمەتجان مۇنداق دېدى: لېكسىيە ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىغا بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، خەلقنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ باي - قۇدرەتلىك بولۇشى ئۈچۈن قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ سادىق، قەتئىي تىز پۈكمەيدىغان پىداكارلىق روھى ماڭا چوڭقۇر ئىلھام بەردى.

بۇلۇتتا ئېكسكۇرسىيە قىلىش تەربىيەنى «جانلاندۇردى»

«پارتىيە دەرسى+بىۋاسىتە كۆرسىتىش» «پارتىيە دەرسى+ VR» ئارقىلىق ئېكراندا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، بۇلۇتتا قىزىل بازىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تېخىمۇ جانلىق، قىزىقارلىق قىلدى.

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى «100 يىللىق قىزىل كېمە كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىش» پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش باش تېما پائالىيىتىنى باشلىدى. مەكتەپ ئۈن - سىن ھەم سۈرەتلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى «قىزىل كېمە»گە «ئولتۇرۇپ»، توردا شاڭخەي، جياشىڭ، خەنكوۋ، يەنئەن قاتارلىق جايلاردىكى پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغان يىغىن ئورۇنلىرىنى تېپىپ زىيارەت قىلىپ، قىزىل گېنغا، ئىنقىلاب مەشئىلىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلىدى.

ئونسۇ ناھىيەلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ جېجياڭ، سىچۇەن ئىككى جايدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە «قول تۇتۇشۇپ پارتىيە تارىخىنى بىرلىكتە ئۆگىنىش، قەلبداش بولۇپ پارتىيەگە ئورتاق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» توردا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. ئۈچ جايدىكى ئۈچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرى شياڭشەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇلۇت دەرسخانىسى ئارقىلىق چېن ۋاڭداۋنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا «كېلىپ» «ئەسلىي مەقسەتنى ئىزدىدى». تارىخىي يازمىلار، قىممەتلىك سۈرەتلەر، ئەتىۋارلاپ ساقلانغان ئەمەلىي بۇيۇملار بوشلۇقتىكى بۇلۇت دەرسخانىسى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىنى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.