تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

4 - ماي روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى ياشلاردىن بولىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسى باش تېمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى

4 - ماي روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى ياشلاردىن بولىمىز

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: ياش قەلبىمىز پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ ماڭىمىز. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە «ياش قەلبىمىز پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ. يېڭى مۇساپىدە كۈرەش قىلىمىز» باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى، لېكسىيە سۆزلەش، كۇەيشەن قاتارلىق تەسىرلىك، جانلىق شەكىللەر ئارقىلىق 4 - ماي ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئېتىقادنى كۈچەيتىش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياشلارنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا رىغبەتلەندۈردى.

شىنجاڭ داشۆسىدە قىزىل كىنو قويۇش، قىزىل مەدەنىيەت ئىجادىيىتى لايىھەلەش مۇسابىقىسى، «خۇڭخۇدا ماركسنى ياد ئېتىش» تېمىسىدىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇش ئەمەلىيەت پائالىيىتى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، «ياشلىقىمدىكى مەن» ناملىق چوڭ تىپتىكى مەكتەپ قىزىل تىياتىرى قاتارلىق مول، رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق ياشلارنىڭ سالاپىتى نامايان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخى مەدھىيەلىنىپ، 4 - ماي روھى داۋاملاشتۇرۇلدى.

شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئىجاد قىلغان «كۆكيار» ناملىق ناخشا ئەمەلىيەتكە يېقىن، مېلودىيەسى يېقىملىق بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. داشۆ ئوقۇغۇچىسى تاڭ يۈجۇ مۇنداق دېدى: «بىز كۆكيارنى كۈيلەيمىز، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ قىزىل مەشئىلىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ياشلىقىمىزدىكى ئىسسىق قېنىمىز بىلەن ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇڭگونى ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز».

قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى(قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) رايونلۇق كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى «قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلەش، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش»نى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى. قاراماي شەھەرلىك 10 - ئوتتۇرا مەكتەپ تەييارلىغان مەنزىرە تىياتىرى «4 - ماي باھار دولقۇنى»دا، ساۋاقداشلار رول ئالغان ئوت يۈرەك ياشلار كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلداپ تۇرغان يىللارغا باشلاپ بېرىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى. «ياشلىق باھارىمنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولىمەن.» ئويۇن قويۇشقا قاتناشقاندىن كېيىن، تولۇقسىز 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئابدۇجېلىل ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە «ياشلىق قەلبىمىز پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولىمىز» يىللىق ئوقۇغۇچىلار ئىلغار كوللېكتىپى ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، «بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر» «ھەر مىللەت ياشلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» قاتارلىق نومۇرلار قالتىس ئورۇنلاندى، ئىتتىپاق ئەزالىرى ئاۋانگارتلىرى، «4 - ماي» قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق ياچېيكىلىرى ۋە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى يېڭى دەۋردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشلىقىدىكى مەن، كۈرەشچان مەن ئارقىلىق جۇڭگونىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلىدى.

سانجى شەھىرى مائارىپ سىستېمىسى باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى دەرسخانىغا قىزىل ھېكايە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، قىزىل ئىزلارنى ئىزدەپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىتتىپاققا كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش قاتارلىق باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل تارىخ ئارقىلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى كىشىلىك ھاياتىدىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىشقا يېتەكلىدى.

پائالىيەت داۋامىدا، كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە تارىخىنى ئۇنتۇماي، پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ياشلىق باھارىمىزنى ۋەتەن ئۈچۈن پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى قەلبىمىزگە چىڭ پۈكۈپ، ياش ئەۋلادلارغا مەنسۇپ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى ماڭىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.