تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«چولپان كەنت»تە كەسىپلەر كۆپ مەنبەلەشتى، تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلاندى

سۈرەتتە: لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدىن كۆرۈنۈش (4-ئاينىڭ 29-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، دۇ جيەنخۇي

2000-يىلى يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋالدى، 2006-يىلى داچا سالدى، 2008-يىلى پىكاپ سېتىۋالدى، 2012-يىلى بىنا ئۆي سېتىۋالدى، 2015-يىلى يەنە بىر پىكاپ سېتىۋالدى، 2020-يىلى كومبايىن سېتىۋالدى...

4-ئاينىڭ 29-كۈنى، «چولپان كەنت» بولغان لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئابلىكىم مۇسانىڭ ئائىلە چىقىم تىزىملىكىنى كۆردۇق، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كىرىم سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

«يالغۇز بىزنىڭ ئائىلىمىزلا ئەمەس، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق. كەنتىمىزدىكى %90تىن كۆپرەك ئائىلىدە ئاپتوموبىل بار، نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ بىردىن ئاپتوموبىلى بار» دېدى ئابلىكىم «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىدىكىلەرگە.

2019-يىلى، تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012) پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، ئابلىكىم ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا ساياھەتكە چىقماقچى بولغاندا، بىر قانچە قوشنىسى بىللە سەپەرگە چىقىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ داشى كەنتىگە كېلىپ تەجرىبە ئۆگىنىدىغان كىشىلەر ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى.

داشى كەنتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى داشى كۆرگەزمە سارىيى، داشى ئۆرپ-ئادەت كوچىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان ساياھەت ئاپتوبۇسلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. شىڭپىڭ بازىرىنىڭ كادىرى رىزۋانگۈل قاھار دائىم باشقا جايلاردىن ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە كەلگەن كادىرلارغا ساياھەت يېتەكچىسى بولىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆپلىگەن ۋىلايەت، ئوبلاست يېزا-كەنت كادىرلىرىنى بۇ يەرگە تەكشۈرۈشكە كېلىشكە تەشكىللەيدۇ، ئىچكىرى رايونلاردىكى بەزى كادىرلارمۇ بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىدۇ».

بۇ «مەملىكەت بويىچە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدىكى چولپان كەنت»تە، ساياھەتچىلەر داشى كەنتىنىڭ قانداق قىلىپ ئىلگىرىكى ئاشلىق ئىستېمالىدا سېتىۋېلىشقا تايىنىدىغان، ئىشلەپچىقىرىشتا قەرز پۇلغا تايىنىدىغان، تۇرمۇشتا قۇتقۇزۇشقا تايىنىدىغان «شورلۇق يەر»دىن مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1-كەنت»كە ئايلانغانلىقىنى بىلىشنى خالايدۇ؛ بولۇپمۇ داشى كەنتىنىڭ قانداق قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى «تورۇس»نى ئۈزلۈكسىز بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۈتۈن كەنتنىڭ تېخىمۇ بېيىپ، كەنت ئاھالىلىرى تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى بىلىشنى خالايدۇ.

شىڭپىڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گې مىڭخۇ بۇنى مۇنداق ئۈچ سەۋەبكە يىغىنچاقلىدى: بىرىنچى، پۈتۈن كەنتتىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خەت قايتۇرغانلىقىدىن چوڭقۇر ئىلھاملىنىپ، «يانچۇقى تومپىيىش، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش»تىن ئىبارەت كەنت تەلىمىنى ئېسىدە چوڭقۇر ساقلىدى؛ ئىككىنچى، كەنتتە «بەسلىشىش، ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ياردەم بېرىش، ئېشىپ كېتىش» كەيپىياتى قويۇق، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى قانداقلا ئىش قىلسا ھەممىدە بىرىنچى بولۇشنى ئويلايدۇ، كەنت ئاھالىلىرى قانداقلا ئىش قىلسا ھەممىدە بىرىنچى بولۇشنى ئويلايدۇ؛ ئۈچىنچى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەپەككۇرى جانلىق، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە ماھىر.

مۇخبىرلار داشى كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى روزى مەڭلىكنىڭ ئۆيىگە كىردى، ھويلىدىكى كوچىغا يانداش بوش يەر ناھايىتى چوڭ لەمپە بىلەن توسۇلغان بولۇپ، لەمپە ئاستىدا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئون مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان كاڭ بار ئىدى. مېھمان كۈتۈۋالىدىغان بۇ جايدىن باشقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يورۇق تۆر ئۆيى، كارىدورىمۇ مېھمان كۈتۈۋالىدىغان جاي ئىدى.

«شۇنچە كۆپ ئۆي ۋە كاڭ، شۇنچە كۆپ گۈل-گىياھلارنىڭ ھەممىسى مېھمان كۈتۈۋالىدىغان دېھقانلار ئارامگاھى ئىكەن» دېدى مۇخبىرلار.

«دېھقانلار ئارامگاھىمۇ بار، مەن سىلەرنى باشلاپ باراي» دېدى روزى مەڭلىك. ئۇنىڭ ئۆيىدىن تەخمىنەن 500 مېتىر يىراقلىقتىكى جايغا «ئالتون داشى ئۆرپ-ئادەت باغچىسى» دېگەن كۆرسەتكۈچ تاختىسى تىكلەنگەن بولۇپ، كېۋەزلىك، كۆكتاتلىق، مېۋىلىك باغ، قوتان ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت گەۋدىلىنىپ تۇرغان ئۆي، كارىدور قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىناق سەھرا تۇرمۇشى گۈزەل كارتىنىسى شەكىللەندۈرگەنىدى.

روزى مەڭلىكنىڭ ئوغلى ئادىل روزى ئائىلىسىدىكىلەر، خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە ئۆي، ھويلا-ئارانلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2008-يىلى ئۇ ئۆرپ-ئادەت باغچىسى ئېچىپتۇ، كېيىن كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، خاس مەززىلىك تائاملار، مەدەنىيەت-ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈش، مۇھىت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشقا كۈچ سەرپ قىپتۇ. ئادىل روزى مۇنداق دېدى: «2018-يىلى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدە، ئۆرپ-ئادەت باغچىسىنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە كىرىمى 1000 يۈەندىن ئاشتى».

تۇرسۇن ئىسمائىل داشى كەنتىدىكى ئېشەك باقمىچىلىقى كەسپىي ئائىلىسى ئىكەن، يەتتە يىل مابەينىدە، ئۇ باققان ئېشەك ئىككىدىن 30 نەچچىگە كۆپەيگەن، بىر كىلوگىرام ئېشەك سۈتىنى 100 يۈەنگە ساتسىمۇ، يەنىلا ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان. ئائىلىسىنىڭ داچىسى، ئاپتوموبىلى بار ئىكەن، ئۇ يەنە قانداق قىلىپ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئېشەك باقمىچىلىقىدا تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

2015-يىلى، داشى كەنتىدە يىللىق كىرىمى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشقان دېھقان ئائىلىسىدىن 80 نەچچىسى، يىللىق كىرىمى 500 مىڭ يۈەنگە يەتكەن دېھقان ئائىلىسىدىن 60 نەچچىسى، يىللىق كىرىمى 1 مىليون يۈەنگە يەتكەن دېھقان ئائىلىسىدىن 20 نەچچىسى بار بولۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى 25 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. بۇ بىر گۇرۇپپا سانلار داشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلار كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى تورۇسنى تۇتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كىرىمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن چارە تېپىشقا باشلىغان.

قانداق قىلغاندا «1-كەنت»نىڭ باشلامچىلىق ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىپ، يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ پۈتۈن كەنتتىكى كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نۇرغۇن خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى يەنىلا ئاشماقتا» دېدى لوپنۇر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ داشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى جوۋ يۈنچياڭ.

2020-يىلى داشى كەنتىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 34 مىڭ 852 يۈەنگە، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 1 مىليون 120 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، شۇ يىلى تۈزۈلگەن «داشى كەنتىنىڭ ئۈچ يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 36 مىڭ 800 يۈەنگە، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈلىدىكەن.

داشى كەنتىدە باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرغان كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن ئەلى ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: كالا-قويلارنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش، كۆپەيتىش، يەر ئوبوروتى، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى، نامراتلارنى يۆلەش باغچە رايونى قاتارلىق خىزمەتلەرگە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ياخشى ئاساس سېلىپ بولدى، كۆپچىلىك دادىللىق بىلەن قول سېلىپ ئىشلىسىلا، كىرىمى بارغانسېرى ئاشىدۇ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

□ سەپەر خاتىرىسى

ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇش ھاياتىي كۈچنى قويۇپ بېرىش

4-ئاينىڭ 29-كۈنى، پەيشەنبە، ھاۋا ئوچۇق

بىپايان تارىم ئويمانلىقىدا كېتىۋېتىپ، «توردا ئالقىشلانغان كەنت» داشى كەنتىنى كۆرگىلى بېرىش ئانچە تەس ئەمەس. تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نى بويلاپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قاتناش تۈگۈنى بولغان كورلا شەھىرىگە كېلىپ، يەنە ئاپتوموبىلدا بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

داشى كەنتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، قىزىل ئىزنالار ۋە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولى پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق. داشى كەنتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، پۈتۈن كەنتتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا يول قاتناش شارائىتىنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

بىرمۇ ئورمان بەلبېغى يوق، بىرمۇ سالا ئېتىز يوق، پۈتۈنلەي قۇم توپىلىق يول، كېسەك ئۆيلەر بار دەۋردە، ناھىيە بازىرىغا بىر قېتىم بېرىش ئۈچۈن بىر سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، كورلا شەھىرىگە بىر قېتىم بېرىپ كېلىشكە بىر كۈن كېتەتتى، بۇ، داشى كەنتىدىكى پېشقەدەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە. بۇ ئەھۋاللار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئاندىن ئازراق ئۆزگەرگەن.

يول تورىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى بىلەن شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان داشى كەنتىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى، ھەمتۈرتكە بولۇشى كۆپەيدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلغاچقا، «شورلۇق كەنت» «پۇچەك كەنت» «ئۈچكە تايىنىدىغان كەنت» دېگەن بەلگىنىڭ ئورنىنى بارا-بارا «ساياھەتچىلىك كەنتى» «ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن كەنت» «چولپان كەنت» ئىگىلىدى. پۈتۈن كەنتتىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بارغانسېرى تولۇقلىنىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان بولغان ھاياتىي كۈچ بارغانسېرى كۈچىيىپ، كەنتتە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى.

داشى كەنتى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئۇرغۇپ تۇرغان يېڭى ھاياتىي كۈچ شىنجاڭدىكى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان كەنتنىڭ ئەنئەنىۋىلىكتىن زامانىۋىلىققا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. بىز يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ ماڭساق، تېخىمۇ كۆپ «داشى» شەكلىدىكى كەنتلەر بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچرىشالايمىز.

(جاڭ جىلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.