تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۈرۈمچىنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى»نى تۇتاشتۇردى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تەۋەلىك رايونىدىكى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)غا تۇتىشىدىغان ۋەنشېڭ كوچىسى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى (4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، ۋاڭ نا

قومۇلدىن يولغا چىقىپ، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30)نى بويلاپ غەربكە قاراپ ماڭغاندا، ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاۋات شەھەر، شىنجاڭنىڭ مەركىزىي شەھىرى − ئۈرۈمچى نامايان بولىدۇ. 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، قولايلىق قاتناش، ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر، ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يوللار بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

«1 - ماي»دىكى دەم ئېلىش مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى... شەھەر ئىچىدىكى ھەرقايسى قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى تۈركۈملەپ كۈتۈۋالدى.

«بىز ئالاھىدە بىر مەيدان <قىزىل ساياھەت> قىلدۇق.» ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىدا، مۇخبىرلار كۈيتۈندىن كەلگەن ۋاڭ يۈەنجيې بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاپتوموبىللىق ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30)نى بويلاپ مېڭىپ، ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەپتۇ. «يوللار بەك راۋان، ناھايىتى قولايلىق ئىكەن» دېدى ۋاڭ يۈەنجيې.

بۇ تۇپراققا يېيىلغان راۋان يول تورى ھەربىر قىزىل ئىزنانى تۇتاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى تېخىمۇ كەڭ تارقاتتى، قىزىل مەدەنىيەت كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. يولنىڭ شەھەر تەرەققىياتى مۇساپىسىدىكى قوزغىتىش رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

«ئاپتوموبىل ئوڭغۇل - دوڭغۇل يولدا ماڭسا، ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەر سىلكىنىپ، يۈرىكى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالاتتى.» نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى يول ئەھۋالى بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن «شىنجاڭلىق بىرىنچى ئەۋلاد» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ليۇ تيېخۇانىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، «شۇ چاغلاردا سەپەرگە چىقىش قىيىن ئىش ئىدى».

قاتناش بىر شەھەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشى، ئىچكى جەھەتتە راۋان بولۇشى، سىرت بىلەن ئالاقىلىشىشىنىڭ جان تومۇرى. 1965 - يىلى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئاسفالت يول − ئۈرۈمچى - مايتاغ تاشيولىنىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىل مابەينىدە، ئۈرۈمچى - سانجى تاشيولى، تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك يولى، ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم يول قۇرۇلۇش تۈرلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھازىرقى ئۈرۈمچىگە ئېگىزدىن نەزەر سالساق، يېپيېڭى، ئۈزلۈكسىز سىرتقا كېڭىيىۋاتقان شەھەر يول تورى نامايان بولىدۇ.

تۈپتۈز، كەڭرى كەتكەن يوللار خۇددى لېنتىدەك ئۈرۈمچىنى ئەتراپتىكى شەھەرلەر بىلەن زىچ باغلاپ، ئۈرۈمچىنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى»نى تۇتاشتۇردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، فۇكاڭ شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكى سىجىل جانلىنىپ، 1 - پەسىلدە 418 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. «بالام تېخى كىچىك، يىراق سەپەرگە چىقالمايمەن. ئارام ئېلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ توغرا قىپتىمەن.» «1 - ماي» مەزگىلىدە، شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن، ياڭ شۆيى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. «70 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان يول بەك ياخشىكەن، تېز يېتىپ كەلدۇق» دېدى ياڭ شۆيى.

ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30)، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G7)، شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G3003)... بىر يول تورى سانجى، ۋۇجياچۈ، فۇكاڭ، شىخەنزە، كۈيتۈن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئۈرۈمچىنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى»گە كىرگۈزدى، «چەمبىرەكتىكى دوست»لار بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەرقايسى جايلار ئارىسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت پائالىيىتى ۋە بېرىش - كېلىشلەر كۆپىيىپ، ئۆزئارا سىڭىشىپ، بىر تۈركۈم خاس كەسىپلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تېزلەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارىلىقى ئۈرۈمچىگە بىرقەدەر يېقىن «چەمبىرەكتىكى دوست» − سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى ئۇچقاندەك راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭشىن گوئەن، يىنشياڭ گېبى، تاڭتىڭ شيالۇ قاتارلىق 40تىن ئارتۇق ئۈزۈم ھارىقى سۈپەتلىك ماركىسىنى يېتىشتۈرۈپ، ھەر يىلى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىنى 52 مىڭ توننا ئۈزۈم ھارىقى بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان ئۈزۈم ھارىقى بىلەن تەمىنلەش بازىسىغا ئايلاندى.

«قاتناش - تىرانسپورت تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈزۈم ھارىقى تېخىمۇ يىراقلارغا سېتىلىدىغان بولدى.» شىنجاڭ يىنشياڭ گېبى ئۈزۈم ھاراقچىلىقىنىڭ باش دىرېكتورى فۇ چياڭ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى، بىزدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تۈرلۈك ئۈزۈم ھارىقى 300 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ %80تىن كۆپرەكى باشقا جايلارغا سېتىلىدۇ.

«ئۆمەك تەشكىللەش» ئەندىزىسى رايونلار بىر پۈتۈن تەرەققىياتىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى پەللىگە يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، شىنجاڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى(بىڭتۇەن 12 - شىسى)نى مەركەز قىلىپ، سانجى، ۋۇجياچۈ، فۇكاڭ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ بىر شەھەرلىشىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر سائەتلىك قاتناش تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سانجى ئوبلاستىدىكى باشقا ناھىيە، شەھەرلەر، شىخەنزە، قاراماي، تۇرپان، قومۇل قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، ئۈرۈمچى ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر قاتار «يېڭى ھەرىكەت»لەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى − «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، قاتناشنىڭ راۋانلىقى كۈچەيتىلىپ، «ئىككى توغرىسىغا سوزۇلغان يول، ئىككى ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان يول، بەش ئايلانما يول، 15 يۆنىلىش» يول تورى قۇرۇلمىسى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، «نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ لىنىيە ھاسىل قىلىش»تىن «لىنىيەنى تۇتاشتۇرۇپ تور ھاسىل قىلىش»قىچە، شەھەر چەمبىرىكى ئىچى - سىرتىنىڭ قاتناش ئالاقىسى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى يېتىلدۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يول تورى تىرىكى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

يىرىك پىلانغا ئاساسەن، 2025 - يىلىغا بارغاندا، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلۇپ، رايون رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈلۈپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندۇرۇلۇپ، سەپەرگە چىققاندا قاتناش چەمبىرىكىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە «ئىككى سائەت»تە يېتىپ بېرىش، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىدە «بىر سائەت»تە بېرىش - كېلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلىقلىشىدۇ، سەپەر تەسىراتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، لىنىيە بويىدىكى شەھەرلەر ئىقتىسادىنىڭ ئىپادىسى جەزمەن تېخىمۇ جانلىنىدۇ.

سەپەر خاتىرىسى

يول تورى ھەر تەرەپكە تۇتاشتى ۋاقىت ۋە بوشلۇق قايتا ئورنىتىلدى

5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى  يەكشەنبە  ھاۋا ئوچۇق

ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30)نى بويلاپ تۇرپاندىن ئۈرۈمچىگە كېلىشكە يولدا ئۈچ سائەتكىلا يېقىن ۋاقىت كەتتى. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن چۈشۈپ شەھەرگە كىرگەندە كوچىدا ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ نۇرلۇق مەرۋايىتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

قاتناش ھەقىقەتەن تېزلىشىپ كەتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، بالىلىق چاغلىرىمىزدا بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا ساياھەتكە بارساق، چۈشتىن بۇرۇن يولغا چىقىپ، نۇرغۇن ئوڭغۇل - دوڭغۇل يوللارنى بېسىپ، مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا گۇگۇم چۈشەي دەپ قالاتتى.

دەۋرنىڭ تەرەققىياتى شۇنداق تېز. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئۈرۈمچىدىن ئەتراپتىكى شەھەرلەرگە بېرىش ئۈچۈن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماڭغاندا پەقەت ئۈچ سائەت، بىر سائەت، ھەتتا يېرىم سائەتلا ۋاقىت كېتىدىغان بولدى، شەھەر بىلەن شەھەر، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئارىلىقى يېقىنلاشتى.

يول راۋان بولسا، شەھەر گۈللىنىدۇ. شېغىللىق، توپىلىق يولدىن تاشيول تورى شەكىللىنىشكىچە، قاتار - قاتار كەتكەن يوللار ئۈرۈمچىنىڭ ئۇستىخىنى ۋە قان تومۇرى، شۇنداقلا شەھەر تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنىڭ گۇۋاھچىسىغا ئايلاندى.

يولنىڭ راۋانلىقى پۇقرالارنىڭ بەختى. يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرى، يۈك ئاپتوموبىللىرى، پىكاپلار، ساياھەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقانلىقىنى ياكى ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسە، قاتناشنىڭ راۋانلىقىدىن، مال ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىدىن كىشىلەرنىڭ كۆڭلى يايراپ كېتىدۇ. يول سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھارارىتىنى ئاشۇردى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ، ئۆتمۈشكە نەزەر سالدۇق، كەلگۈسىگە تېخىمۇ نەزەر سالدۇق. يول سوزۇلغان يۆنىلىشنى بويلاپ، يەنە تېخىمۇ كۆپ گۈزەل ھېكايىلەر يۈزبېرىش ئالدىدا تۇرماقتا. (ليۇ شياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.