تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مېيىپ بالىلار مائارىپ ئادىللىقىنىڭ قۇياش نۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

سانجى شەھەرلىك 9 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر دەرسخانىسىغا سېرىق، يېشىل رەڭ ئارىلاش گىلەم سېلىنغان بولۇپ، پارتا - ئورۇندۇقلاردىن سىرت، يەنە سىقىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈسكۈنىسى، چېكىپ ئوقۇش ئۈسكۈنىسى، شەكىل تونۇش تاختىسى قاتارلىق بەدەن ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئەقلىي كۈچنى ئېچىشقا پايدىلىق ئوقۇتۇش قوراللىرى سەپلەنگەنىدى − بۇ، مەكتەپ يېڭىدىن قۇرغان ئالاھىدە مائارىپ بايلىقى دەرسخانىسى بولۇپ، سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان يېنىك دەرىجىدە مېيىپ يەتتە ئوقۇغۇچى ھەر ھەپتىدە بۇ يەرگە كېلىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلاتتى.

مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا، مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئالاھىدە مائارىپ خىراجەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇن بويىچە مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 27 مىڭ 337 بولۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %98.5 كە يېتىپ، ئۇدا ئىككى يىل دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «2 - قارارلىق ئالاھىدە مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى (2017 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»دىكى نىشان - ۋەزىپىلەر نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

ئالاھىدە مائارىپ بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى

4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك چىمىڭ مەكتىپىنىڭ ياتاق - تاماق بىناسى جىددىي سېلىنىۋاتاتتى، يەنە مەكتەپ ئەمەلىي مەشىق ئۆيى ۋە ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش قۇرۇلۇشىمۇ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سېلىش تۈرىگە 22 مىليون 650 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن مەكتەپ ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، ئوقۇتۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

چىمىڭ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى خې زۇڭجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، ئاقسۇ ۋىلايىتى مەكتەپنىڭ يېنىدىكى 29 مو يەرنى ئالاھىدە مائارىپ يېرى قىلىپ ئايرىپ بەرگەچكە، مەكتەپنىڭ كۆلىمى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك كېڭەيدى، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى بۇ يىل 8 - ئايدا تاماملىنىشى مۇمكىن، شۇ چاغدا مەكتەپتە يەسلى مائارىپىدىن مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىغىچە، ئاندىن كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىغىچە بولغان مۇكەممەل مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مائارىپتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇيالايدىغان بولۇشى، ياخشى ئوقۇيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يەتتە ناھىيەدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپتە يەتتە ئالاھىدە مائارىپ بايلىقى دەرسخانىسى قۇرۇپ، سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇۋاتقان يېنىك دەرىجىدىكى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 2017 - يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق «2 - قارارلىق ئالاھىدە مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى (2017 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»نى يولغا قويغان. پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مەركەز مەبلىغىدىن 53 مىليون 500 مىڭ يۈەننى قولغا كەلتۈرگەن، ئاپتونوم رايون، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 97 مىليون 61 مىڭ 400 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالاھىدە مائارىپ قۇرۇلۇشى تۈر قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتقان، مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدىن جەمئىي يەتتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سېلىپ، ئالاھىدە مائارىپ بايلىق مەركىزىدىن 45نى يېڭىدىن قۇرغان، ئۆزگەرتكەن، كېڭەيتىپ سالغان، 25 ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىگە ئەسۋاب - ئۈسكۈنە سەپلەپ بېرىپ، 89 ئېغىز ئالاھىدە مائارىپ بايلىقى دەرسخانىسى قۇرغان، ئاساسى ئاجىز ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغان.

ساغلاملىق بىلەن مائارىپ، داۋالاش بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرما ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى ھۆكۈمەت قۇرغان، يېتىم، مېيىپ بالىلارنى مەخسۇس باقىدىغان جەمئىيەت پاراۋانلىقى ئاپپاراتى. بۇلتۇر 11 - ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتىنىڭ تەستىقلاپ قوشۇلۇشى بىلەن بۇ ئورۇنغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 120 - ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلدى.

«مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ يىل پاراۋانلىق ئورنىمىزدىكى ئوقۇش يېشىدىكى 85 مېيىپ بالا، ئۆسمۈرنى ئوقۇش تەۋەلىكىگە ئىگە قىلىپ، ئالاھىدە مائارىپنىڭ ساغلاملىق بىلەن مائارىپ، داۋالاش بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا قاراپ يەنە بىر چوڭ قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك 120 - ئوتتۇرا مەكتەپ)نىڭ باشلىقى ياڭ شياۋيەننىڭ خۇشاللىق ھېسسىياتى سۆزىدە، چىرايىدا ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 120 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرس جەدۋىلىدە، مۇخبىر مەكتەپنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىن يېتىشتۈرۈش مەكتىپىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىكى تەسىس قىلىش تەجرىبە لايىھەسى»گە قاتتىق ئەمەل قىلىپ دەرس تەسىس قىلىپ، تۇرمۇش تىل - ئەدەبىياتى، تۇرمۇش ماتېماتىكىسى، تۇرمۇشقا ماسلىشىش، ئەمگەك ماھارىتى، رەسىم سىزىش ۋە قول ھۈنىرى، ناخشا ئېيتىش ۋە رىتىم، ھەرىكەت ۋە ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلغانلىقىنى كۆردى. بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ يەنە بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش، توقۇش قاتارلىق تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى تەسىس قىلدى. پاراۋانلىق ئورنى «فۇگوئېر پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنى» قۇرۇپ، بالىلارنى پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش، سېتىش قاتارلىقلارغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

ئالاھىدە مائارىپنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز ئالاھىدە مائارىپنىڭ يەسلى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىبارەت ئىككى ئۇچقا قاراپ كېڭىيىشىگە تەدرىجىي تۈرتكە بولدى. قومۇل شەھەرلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى 2017 - يىلىدىن باشلاپ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «3+9» ئەندىزىسى (توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئۈچ يىللىق كەسپىي مائارىپ)نى يولغا قويۇپ، مەكتەپ ئىچى ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي پىراكتىكا قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلىنىش ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، 30 مېيىپ ئۆسمۈر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەكتەپ ئىچىدىكى ئەمەلىي مەشىق بازىسىدا گۈلچىلىك سەنئىتى، ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپ، كېيىنكى كۈنلەردە جەمئىيەتكە چىقىپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشكە ئاساس سالدى.

سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇش پائال ئالغا سىلجىتىلدى

ئايىر (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بالىلار پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۆيى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ چۇرگۇل بازىرى قىزىلتاش كەنتىدە. 2019 - يىلى 9 - ئايدا، ئۇ بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشنى باشلىغانىدى. ئۆيى مەكتەپتىن يىراقراق بولغاچقا، مەكتەپ ئايىرنى مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئانىسىنى ھەقسىز ياتاق بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

«بالىنىڭ ياتاق - تامىقى پۈتۈنلەي ھەقسىز، ھۆكۈمەت يەنە ياردەم پۇلى بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەمخورلۇقى، ياردىمىدە، بالىنىڭ ئىلگىرىلىشى ناھايىتى تېز بولدى، كۈلكىسىمۇ ئىلگىرىكىدىن كۆپەيدى.» ئۆزگىرىشنى تىلغا ئالغاندا، ئايىرنىڭ ئانىسى ناھايىتى مىننەتدار بولدى.

مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يۇغۇرما مائارىپ ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىكى مەكتەپلەر بىلەن ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ مائارىپ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئادەتتىكى مەكتەپلەردە سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشنى ئاساسىي گەۋدە، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدە ئوقۇشنى تايانچ، ئۆيىگە بېرىپ ئوقۇتۇش ۋە يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇشنى تولۇقلىما قىلغان ئالاھىدە مائارىپ كاپالەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر يېنىك دەرىجىدىكى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشنى يولغا قويدى، ھەرىكىتى قولايسىز بولغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئۆيىگە بېرىپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويدى، نامرات ئائىلىلەردىكى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم پۇلى بەردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 18 مىڭ 645، ئۆيىگە بېرىپ ئوقۇتۇلۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 3579.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاساسىي مائارىپ ئىككىنچى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شياۋ جىگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇغۇرۇشقا باب كېلىشنى نىشان قىلىپ ئالاھىدە مائارىپنى سىجىل ياخشى باشقۇرۇپ، 3 - قارار ئالاھىدە مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئالاھىدە مائارىپنىڭ ماس تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.